غەرپلىكلەر "نامراتلار دوختۇرى" دەپ ئاتىۋالغان نەرسە زادى نىمە
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 20703:قېتىم كورۇلدى
   ئۇنىڭ يۇرتى ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدا بولۇپ، غەرپلىكلەر ئېغىزىدىكى "نامراتلار دوختۇرى"؛ ئۇ 19-ئەسىردە دۆلىتىمىزگە ئېقىپ كىرىپ، تەدرىجى ھالدا دۆلىتىمىز خەلقى تاماق ئۈستىلىدىكى دائىملىق مىھمانغا ئايلانغان؛ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان يىمەكلىكلەر دەرىجە تىزىملىكىدە، ئۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ؛ ئۇنداقتا، بۇ نەرسە زادى نىمە؟ بۇ دەل، بىز دائىم "چىچەكسەي" دەپ ئاتىۋالىدىغان كۆكتاتتۇر.
   چىچەكسەي تەركىبىدە فلاۋنوئىد ماددىسى مول بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ يەنە، "قان تۇمۇر تازىلىق ئىشچىسى" دىگەن نامى بار؛ بۇ ماددا قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ يېغىلىپ ئۇيىشىۋىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قان تۇمۇر دىۋارىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق يۈرەك مىڭە قان تۇمۇرلىرى كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، چىچەكسەي تەركىبىدە ۋىيتامىن C، تىئولارىيە ماددىسى، كالتسىي ماددىسى قاتارلىقلىقلارمۇ مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونت كۈچى ۋە مىتابولىزىم ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئۆپكە قىسىمدىكى زىيانلىق باكتىرىيە ۋىرۇسلارنى تازىلاش، كىىچك بالىلارنىڭ چىشى ۋە سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ؛ بۇلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، چىچەكسەينىڭ "نامراتلار دوختۇرى" دىگەن نامى ھەرگىز بىكار ئېيتىلمىغان.
   چىچەكسەينىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى نىسبەتەن تۆۋەن، شۇڭا كۆپرەك ئسىتىمال قىلىپ سالغاندىمۇ، سەمىرىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسسىز؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، چىچەكسەينىڭ تالا ماددىسى تەركىبىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم ئاسان ھەزىم بولىدۇ. چىچەكسەي يەنە، ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ گىلوكوزىنى سۈمۈرۈشىنى تۆۋەنلىتىپ، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
   كۈز كۈنلىرى ھاۋا قۇرغاقلىشىپ، ئېغىر قۇرۇش، كىچىك تەرەت سېرىق كىلىش، چوڭ تەرەت راۋان بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، چىچەكسەيدە كۆپرەك شورپا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسەك، يۇقارقى ئالامەتلەرنى ياخشىلاشقا بولىدۇ.
   كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، چىچەكسەي تاماق ئۈستىلىمىزدىكى دائىملىق مىھمان؛ ئەمما بىلىشىمىز كىرەككى، سېتىۋىلىپ كەلگەن چىچەكسەينى يىڭى ساقلاش پىلاستىرىغا ئوراپ، توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىغا سېلىپ ساقلاش كېرەك.  بۇندىن باشقا، چېچەكسەينىڭ ئارىسىدا ئاسانلا دېھقانچىلىق دورىلىرى قالدۇقى قېلىپ قالىدۇ ۋە ياكى قۇرتلار يۇشۇرنىۋالىدۇ؛ شۇڭا، ئادەتتە چىچەكسەينى سۇدا سۈيىگە نەچچە مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كىيىن ئاندىن چايقاپ يۇۋەتسەك، ئالدىدا ئېيتىلغان زىيانلىق ماددىلارنى پاكىزە چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号