ئۇخلىغاندا كۆپ چۈش كۆرۈش، ۋىيتامىن كەمچىللىكتىن بولۇشى مۇمكىن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6395:قېتىم كورۇلدى
   ئادەتتە، بەزى كىشىلەر كىچىسى ئۇخلىمىغانلىق سەۋەبىدىن، ئىككىنچى كۈنى روھى سۇلغۇن بولۇپ قالىدۇ؛ لېكىن يەنە بەزى كىشىلەر، گەرچە ئاخشىمى بالدۇرلا ئۇخلىغىلى ياتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇخلىغان ۋاقىتتا توختىماي چۈش كۆرۈپ چىققانلىق سەۋەبىدىن، ئىككىنچى كۈنى ئويغانغان ۋاقىتدا تېخىمۇ بەك ھارغىن ۋە روھى سۇلغۇن ئورنىدىن تۇرىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئىككىنچى خىل ئەھۋال، بەدەندە ۋىيتامىنلارنىڭ كەمچىل بولغانلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئادەتتە تۆۋەندىكى ۋىيتامىنلارنى تۇلۇقلاشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
ۋىيتامىن B1
   ۋىيتامىن B1 گەرچە مەخسۇس ئۇيقۇسى قېچىش ۋە كۆپ چۈش كۆرۈشنى داۋالايدىغان دورا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ چوڭ مىڭىنى تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينىيالايدىغان بولۇپ، چوڭ مىڭىنىڭ زىيادە ھاياجانلىنىش ھالىتىدە تۇرۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ ئەكسىچە، ئەگەر ئادەم بەدىنىدە بۇ خىل ۋىيتامىن كەمچىل بولسا، بەلكىم ئۇيقۇسى قېچىش، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇخلىغاندا كۆپ چۈش كۆرىدىغان كىشىلەر، ۋىيتامىن B1تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىشى كىرەك؛ مەسىلەن، يىرىك ئاشلىق.
ۋىيتامىن B6
   ۋىيتامىن B6نىڭ، روھى جەھەتتىكى توسالغۇنى داۋالاش ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى. ئەگەر ئادەم بەدىنى يىتەرلىك مىقداردا ۋىيتامىن B6 قوبۇل قىلالمىسا، ئادەمدە ئاسانلا پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، ئۇخلىغاندا كۆپ چۈش كۆرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇخلىغاندا كۆپ چۈش كۆرىدىغان كىشىلەر، ۋىيتامىن B6 تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ؛ مەسىلەن، پالەك، گازىر، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلار.
ۋىيتامىن C
   ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان كىشىلەر، يەنە مۇۋاپىق تۈردە ۋىيتامىن C تۇلۇقلاپ بەرسە بولىدۇ. ۋىيتامىن C، ئادەم بەدىنىنىڭ نىرۋا يەتكۈزگۈچ بىرىكتۈرىشىگە پايدىلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇيقۇ سۈپىتىنى ۋە ئۇخلىغاندا كۆپ چۈش كۆرىدىغان ئەھۋالنى ياخشىلايدۇ. ئادەتتە ۋىيتامىن Cنى، لىمون، شوخلا قاتارلىق يىڭى مىۋە-كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق تۇلۇقلاشقا بولىدۇ، ۋە ياكى بىۋاستە ۋىيتامىن C تابلىتكىسى ئىستىمال قىلساقمۇ بولىدۇ.
گۇۋىتسىن(谷维素)
   گۇۋىتسىننىڭمۇ ئۇخلىغاندا كۆپ چۈش كۆرۈش مەسىلىسىگە قارىتا، بەلگىلىك دەرىجىدە ياخشىلاش ئۈنۈمى بار. مۇۋاپىق تۈردە گۇۋىتسىن تۇلۇقلاپ بەرگەندە، نىرۋا مەركىزى سېستىمىسىنى ۋە ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ بىنورماللىقىنى تەڭشەشكە بولۇپلا قالماي، نىرۋا ئاجىزلاپ كىتىش ھادىسىسىنىمۇ ياخشىلاشقا بولىدۇ. گۇۋىتسىن ئادەتتە، نىرۋا ئاجىزلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئۇيقۇسى قېچىش ۋە كۆپ چۈش كۆرۈش مەسىلىسىنى داۋالاشتا ياردەمچى دورا قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
دوستانە تەكلىپ
   ئەگەر ئاخشىمى كۆپ چۈش كۆرۈپ ياخشى ئۇخلىيالمىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ:
   ئۇخلاشتىن ئاۋال پۇتىنى سۇغا چىلاش: ئۇخلاشتىن ئاۋال پۇتلىرىمىزنى سۇغا چىلاپ بەرگەندە، قان ئايلىنىشنى تىزلىتىپ بەدەننى قويۇپ بىرىشكە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كەلتۈرىدۇ.
   ئۇخلاشتىن ئاۋال كالا سۈتى ئىچىش: كالا سۈتى تەركىبىدە تىرىپتوفان ۋە پىپتىد تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچىپ بەرسەك، نىرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ ئۇيقۇنى ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
   كۆڭۈلنى ئازادە قويۇۋىتىش: چۈش كۆرۈش نورمال بىر ئەھۋال بولۇپ، بۇنىڭدىن بەك ئېغىر روھى بېسىم ھىس قىلىپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ياخشى بىر روھى كەيپىياتنى ساقلاش كىرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئاستا يۈگرەش، سەيلە قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ بەرسەك، كۆڭۈلنى ئازادىلاشتۇرۇپ، ياخشى ئۇخلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号