خاسىڭنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5812:قېتىم كورۇلدى
   خاسىڭ(يەر ياڭىقى)، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان قاتتىق پوستلىق يىمەكلىك بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشكەن. ئەمىلىيەتتە، خاسىڭنىڭ تەمى ياخشى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، تەن ساغلاملىقىمىزغا بەلگىلىك پايدىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇنداقتا، خاسىڭ ئىستىمال قىلىشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟
يۈرەك قان تۇمۇرلىرى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ
   خاسىڭ تەركىبىدىكى ياغ كىسلاتالىرىنىڭ كۆپ قىسمى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ ماي تەركىبىنى تەڭشەپ ۋە تۆۋەن زىچلىق ئاقسىللىق خولىستىرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك قان تۇمۇرلىرىنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ
   خاسىڭ تەركىبىدىكى فولىن كىسلاتاسى ۋە باشقا راكقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار، راك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈپ پەيدا بولۇشىنى توسىدۇ. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئاز دىگەندە ئىككى قېتىم خاسىڭ ئىستىمال قىلىدىغان ئاياللارنىڭ، راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %58 تۆۋەنلەيدىكەن؛ ھەر ھەپتىسى ئاز دىگەندە ئىككى قېتىم خاسىڭ ئىستىمال قىلىدىغان ئەرلەرنىڭ، راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %27 تۆۋەنلەيدىكەن.
تويۇنۇش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ
   دائىم خاسىڭ ئىستىمال قىلىدىغانلار بىلىدۇ، ئادەتتە ئازراق خاسىڭ يەپ قويساق، قوساق بىر خىل تويۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالىمىز؛ بۇ ئەھۋال، خاسىڭنىڭ ئادەمدە بىر خىل تويۇنۇش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان يىمەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. خاسىڭنى ئۇششاق يىمەكلىك ئورنىدا ئىستىمال قىلىپ كۆنگەن ئادەمنىڭ، كۈندىلىك يىمەكلىك ئىستىمال مىقدارى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازىيىدۇ؛ ۋە ياكى، ئەتىگىنى ناشتىدا خاسىڭ قىيامى ئىستىمال قىلساقمۇ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.
تۇزنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىدۇ
   بىز يەيدىغان خاسىڭدا ئادەتتە بىر خىل تۇزلۇقتەك تەم بار بولۇپ، ئادەتتە ئېغىزىمىز بىر خىل تۇزغا تولۇپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ تائام تەركىبىدىكى تۇزغا بولغان ئىھتىياجىمىز ئازىيىپ، تائام تەييارلىغاندا تۇزنى ئاز قوشىدىغان بولىمىز.
قاننىڭ قەنت تەركىبىنى كونتىرول قىلىدۇ
   ئەگەر كۈندە ئىستىمال قىلىدىغان قىزىل گۆشنىڭ(قوي، كالا گۆشى) بىر قىسمىنى خاسىڭغا ئالماشتۇرساق، قەنت سىيىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى، خاسىڭ كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىدۇ. بىراق، ئاللىقاچان قەنت سىيىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ خاسىڭ ئىستىمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ؛ چۈنكى، خاسىڭنىڭ ئىنىرگىيە مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى.
خاسىڭنى قانداق ئىستىمال قىلسا ئەڭ ساغلام بولىدۇ؟
   خام يىيىشتىن ساقلىنىش: خاسىڭنىڭ ياغ تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، بىراقلا كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلىۋالساق، ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە خاسىڭنىڭ بۇلغىنىشقا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى نىسبەتەن چوڭ بولغاچقا، ئەگەر خاسىڭنى خام پېتى ئىستىمال قىلساق، كىسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپى بار بولىدۇ.
   سۇدا پىشىرۇلغان خاسىڭ: خاسىڭنى سىرتقى قىسمىدىكى قىزىل رەڭلىك پوستى بىلەن بىللە قوشۇپ سۇدا پىشۇرۇپ يىسەك، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە بىخەتەر بولىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号