سىزگە كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىدىغان تۇرمۇش تاكتىكىلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5812:قېتىم كورۇلدى
بىلەيزۈك تاقاش
   سىز ئەگەر، كىچىكرەك ھەمدە ئىلاستىكىلىقى يوق بىلەيزۈك تاقىماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا قولىڭىزغا مەجبۇرى كىرگۈزىمەن دىسىڭىز بولمايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، قولىڭىزغا سۇلياۋ خالتىدىن بىرنى كېيگۈزگەندىن كىيىن سىناپ باقسىڭىز، بىلەيزۈكنى ئاسانلا قولىڭىزغا سالالايسىز ھەمدە قوللىرىڭىزنىمۇ ئاغرىتىپ قويمايسىز.
كۆكتاتلار ئارىسىدىكى قۇرتلارنى تازىلاپ چىقىرۋىتىش
   يىشىل كۆكتاتلارنى يۇغان ۋاقىتتا، سۇغا ئازراق تۇز قوشۇۋەتسىڭىز، كۆكتاتلار ئارىسىغا يۇشۇرنىۋالغان قۇرتلارنىڭ ھەممىنى پاكىزە تازىلاپ چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.
گۈلنى قۇرۇتماي ساقلاش
   تاپشۇرۋالغان سوۋغاتلىق گۈلنى، لوڭقىدىكى سۇغا سېلىپ قويغاندىن كىيىن، لوڭقىغا نەچچە تېمىتىم قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى تېمىتىپ قويسىڭىز، بۇنىڭدا گۈل نەچچە كۈنگىچە قۇرۇپ كەتمەي يىڭى پېتى تۇرىدۇ.
پادىچىلار ئىشتىنى
   پادىچىلار ئىشتىنىنى ھەمىشە يۇيۇش ھاجەتسىز، بولمىغاندا ئاسانلا رەڭگى ئۆڭۈپ شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ؛ ئەگەر پادىچىلار ئىشتىنىدا غەلىتە پۇراق پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، ئېغىزى ھىم ئىتىلىدىغان سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ ئېغىزىنى چىڭ ئەتكەندىن كىيىن، توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش ئىشكابىغا سېلىپ ساقلىساق، غەلىتە پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
قولغا ياققان خېنىنى تىز سۈرئەتتە قۇرۇتۇش
   قولىڭىزغا لاك خېنە يېقىپ بولغاندىن كىيىن، بارماقلىرىڭىزنى مۇزلۇق سۇغا بىر ئىككى مىنۇت چىلاپ ئالسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا تىرنىقىڭىزغا ياققان خېنە قۇرۇپ بولغان بولىدۇ.
سۈۋەرەك قوغلاش
   يىڭى تەرخەمەكنى يىمەكلىك ئىشكاۋىغا سېلىپ قويساق، سۈۋەرەك يىمەكلىك ئىشكاۋىدىن يېراقلىشىدۇ؛ ئۆي ئىچىگە  بىر تەخسە توغرالغان پىيازنى قويۇپ قويسىڭىز، سۈۋەرەك پىيازنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىن كىيىن دەرھال قېچىپ كىتىدۇ.
پوپايكا ياقىسىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئەسلىگە ئەكىلىش
   پوپايكىنىڭ ياقىسى ياكى يەڭ ئېغىزى ئىلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ سوزىلىپ كەتكەن بولسا، ياقا قىسىمنى ياكى يەڭ ئېغىزىنى ئىسسىق سۇغا 20مىنۇت چىلاپ قويغاندىن كىيىن ئېلىپ قۇرۇتساق، ئىلاستىكىلىقى ئەسلىگە كىلىدۇ.
سۇ دېتىنى يوقىتىش
   جۆمەكنىڭ سۇ چىقىدىغان ئېغىزىنىڭ ئەتراپى ئاسانلا داتلىشىپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا، داتلاشقان ئورۇنغا ئازراق چىش پاستىسى سۇۋاپ يۇۋەتسىڭىز، سۇ دېتىنى ئاسانلا چىقىرۋەتكىلى بولىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号