كاۋىنى بۇ يىمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ يىمەڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5898:قېتىم كورۇلدى
   كاۋا، كىشىلەر ئىنتايىن تۇنۇشلۇق بولغان بىر خىل كۆكتات بولۇپ، ماسلىشىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى، دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا كەڭ تېرىپ ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئىرىشكەن. كاۋىنىڭ تۈرى كۆپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى؛ كاۋىدىن شورپا قايناتساق ياكى باشقا ئۇسۇلدا تەييارلاپ ئىستىمال قىلساق، ئوخشاشلا تەملىك تائامغا ئايلىنىدۇ. بۇندىن باشقا، كاۋىنىڭ ساغلاملىق ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا، نۇرغۇن ئائىلىلەردە، ئادەتتە ناگاندا بىر كاۋا ئىستىمال  قىلىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمايدۇ.
   لىكىن، كاۋىنىڭ گەرچە پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەر بىلەن بىللە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
قوي گۆشى
   قوي گۆشىنىڭ ماغدۇر تۇلۇقلاش، بەدەنگە قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈنۈمى بار؛ بىراق، كاۋا بىلەن قوي گۆشى ئوخشاشلا تەبىئىتى ئىسسىق ھەم قۇۋۋەت تۇلۇقلاش رولىغا ئىگە يىمەكلىك بولغاچقا، ئىككىسىنى بىرگە ئسىتىمال قىلغاندا، ئادەمدە ئاسانلا قوساق كۆپۈش ۋە قەۋزىيەت كۆرلىدۇ.
ئاچچىقسۇ
   ئاچچىقسۇ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىڭ بىرى، ئاساسى جەھەتتىن ھەرقانداق بىر ئائىلىدە ئاچچىقسۇ يوق بولۇپ قالمايدۇ. ئادەتتە كاۋىدىن تائام تەييارلىغاندا، بولۇپمۇ قورۇما قورىغان ۋاقىتتا، بەزى كىشىلەر ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇپ تەم كىرگۈزمەكچى بولىدۇ. بىراق، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس؛ چۈنكى، ئاچچىقسۇ، كاۋ تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئېقىپ يوقاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ساغلاملىق ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
پالەك
   پالەكنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەركىبىدە ۋىيتامىنC مىقدارى مول؛ بىراق، كاۋا بىلەن پالەكنى قوشۇپ ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، كاۋا تەركىبىدە، ۋىيتامىنCنى پارچىلايدىغان بىر خىل ئىنىزىم بار بولۇپ، ئىككىسىنى قوشۇپ ئىستىمال قىلغاندا، پالەك تەركىبىدىكى ۋىيتامىنC پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئېقىپ يوقاپ كىتىدۇ.
تاتلىق ياڭيۇ
   تاتلىق ياڭيۇ بىلەن كاۋا ئوخشاشلا كىسلاتالىق يىمەكلىك بولۇپ، ئىككىسىنى بىرگە قوشۇپ يىگەندە، ئاشقازان بىئارام بولۇش، قوساق كۆپۈش ۋە قوساق ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاسما بېلىق
   تاسما بېلىقنىڭ تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى ۋە DHA قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن مول؛ بۇندىن باشقا يەنە ۋىيتامىن A، ۋىيتامىن C قاتارلىقلارمۇ بار؛ بۇ سەۋەپلىك تاسما بېلىقنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ساغلاملىق جەھەتتە كۆپ تەرەپلەردىن پايدىلىق ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. لىكىن، كاۋا بىلەن تاسما بېلىقنى ئىستىمال قىلغاندا كۆرسىتىدىغان ئۈنۈمى ئوخشىشىپ كىتىدىغان بولغاچقا، ئىككىسىنى بىرگە ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号