سۇ ئۈستى رومانتىك داچىسىنى كۆرۈپ بېقىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
   يەرشارى كىلىماتى ئۆزلۈكسىز ئىللىپ، دېڭىز يۈزى بارغانسىرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان بۈگۈن كۈندە، نۇرغۇن كىشىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيىنى سۇ بېسىۋىلىشتىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدى. يېقىندا، ئاركۇپ ناملىق بىر شىركەت، سۇ ئۈستىدە لەيلەيدىغان بىر يۈرۈش  ئۆي لايىھەلەپ چىققان ھەمدە كىلەركى ئايدا فىلورىدا شىتاتىدا ئۆتكۈزىلىدىغان كىمە كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمىگە قويۇشنى پىلانلىغان.
   بۇ ئۆيگە قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئىنىرگىيە تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، ئۆز-ئۆزىنى پۈتۈنلەي تەمىنلەپ كىتەلەيدىكەن؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئۆي يەنە قۇيۇنغا قارشى تۇرالايدىكەن ھەمدە يامغۇر سۈيىنى يېغىپ تازىلاپ، ئىچىملىك سۇ ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇغا ئايلاندۇرالايدىكەن.
   بۇ ئالى دەرىجىلىك ئۆيدە تۆت ياتاق ئۆي بار بولۇپ، ئومۇمى كۆلىمى تەخمىنەن 404كۋادىرات مىتىر كىلىدىكەن. بۇ خىل ئۆيدە ئولتۇرسا، ئادەتتىكى ئۆيگە ئوخشاش ئارامبەخىش ھىس قىلىشقا، ياكى موتۇرلۇق كىمىگە ئوخشاش دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرۈشكە، ۋە ياكى تىنچ ھالدا پورتتا توختىپ قويۇشقا بولىدىكەن.
   بۇندىن باشقا، ئۆيگە سەپلەنگەن سۇيۇقلۇق بېسىمىدىن پايدىلىنىدىغان ئاپتۇماتىك ئۆرلەپ-تۆۋەنلەش سېستىمىسى، ئۆي سۇ يۈزىدە "توختاپ"تۇرغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىكەن ھەمدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۈچ مىتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلۈپ، ئۆينى دېڭىز دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىيالايدىكەن.
   بۇ بىر يۈرۈش ئۆي، ھازىر گەرچە پەقەت فىلورىدا شىتاتى جەنۇبىدىكى دېڭىز رايونى ئۈچۈنلا لايىھەلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاركۇپ شىركىتىنى بىلدۈرىشىچە، ئۇنى پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدا ئوخشاشلا نورمال ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى كۆپ خىللىشىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى ئولتۇراق ئۆيدىن باشلاپ، ساياھەت تۇرالغۇسى، تاماقخانا، كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
   لىكىن، سۇ ئۈستىدە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۇنچە ئوڭايغا توختىمايدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئۆي ئەڭ تىز بولغاندا كىلەر يىلى ئاندىن بازارغا سېلىندىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سېتىلىش باھاسى، 2مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى بىلەن 3مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى(خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا، 13مىليۇن يۈەن بىلەن 20مىليۇن يۈەن ئارىسىدا بولىدۇ) ئارىلىغىدا بولىدىكەن.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号