"قىزىل باشلىق تۈگىنەك" ھازىر پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى

   86-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان "غەرپكە ساياھەت" فىلىمىدىكى "قىزىل باشلىق تۈگىنەك"، ھازىرمۇ سىزنىڭ ئىسىڭىزدە بارمۇ؟ ئارىدىن گەرچە ئوتتۇز نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە "قىزىل باشلىق تۈگىنەك"نىڭ كۆرۈنۈشى بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بىزگە يەنىلا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان؛ قىزىل دۇدوۋ كىيىپ، قولىدا نەيزىسىنى تۇتۇپ تۇرغان ئوماق ھەم زومىگەر كەلگەن ھالىتى، مىنىڭ ئىسىمدە ھازىرقىدەك تۇرۇپتۇ.
   بۇ "قىزىل باشلىق تۈگىنەك"نىڭ رولىنى ئالغۇچىنىڭ ئىسمى جاۋ شىنپېي بولۇپ، 1977-يىلى بېيجىڭدا تۇغۇلغان. ئۇ يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، كىنو-فىلىم سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى يەسلىگە كىلىپ كىچىك ئارتىست قوبۇل قىلماقچى بولۇپ، بەزىبىر كىچىك ئوغۇل بالىلارنى، ئېكران ئالدىدا بىر قىزنىڭ قولىدىكى شارنى تارتىپ ئېلىۋىشقا ئورۇنلاشتۇرغان؛ نەتىجىدە جاۋ شىنپېي كىچىك دوست، تەمكىنلىق بىلەن تەلەپنى ئورۇنلىغان، ئىپادىسىمۇ ناھايىتى تەبىئى چىققان. شۇنىڭ بىلەن سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۇنى ئارتىستلىققا تاللىغان بولۇپ، جاۋ شىنپىېي كىچىك دوست، بەش يېشىدىلا "ئۆسۈپ-يىتىلىش" فىلىمىدە رولغا چىققان.

   بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، ئۇنىڭ ئانىسى ئەينى ۋاقىتتىكى فىلىم سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكى يۈ خۇڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان. كىيىن "غەرپكە ساياھەت" فىلىمى سۈرەتكە ئېلىش باشلانغاندا، يۈ خۇڭمۇ بۇ قېتىملىق سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىرى بولسا، دەل سۈن ۋۇكۇڭنىڭ رولىنى ئالغۇچى لىيۇشىياۋ لىڭتۇڭ ئىدى. بۇ مۇناسىۋەتلەر سەۋەپلىك، جاۋ شىنپېينىڭ "قىزىل باشلىق تۈگىنەك"نىڭ رولىنى ئېلىشى ئاسانلا بىكىتىلگەن. "غەرپكە ساياھەت" فىلىمى قويۇلغاندىن كىيىن، جاۋ شىنپېيمۇ باشقا نۇرغۇنلىغان تىلىۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋە ئېلان سودىگەرلىرىنىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلغان؛ بىراق، جاۋ شىنپېي بۇلارنىڭ ھەممىنى رەت قىلغان. نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كىيىن، جاۋ شىنپېي ئەينى ۋاقىتتا فىلىمگە رولغا چىقىشنى رەت قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلاپ، ئۆزىنىڭ باشقىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋە زىيادە كۆپ دىققىتىگە ئۇچراشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، گەرچە "غەرپكە ساياھەت" فىلىمىدە رول ئېلىش ئارقىلىق نامى داڭلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كىيىنچە پۈتۈن زىھنىنى ئۆگىنىشكە قارىتىپ، كىنو-فىلىمغا رول ئېلىش ساھەسىگە قايتا دەسسىمىگەن.
   جاۋ شىنپېي، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا كومپىيوتىر بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، شۇندىن باشلاپ كومپىيوتىرغا قاتتىق قىزىقىپ قالغان؛ بۇنى كۆرگەن ئاتا-ئانىسى، كومپىيوتىر تېخى ئەسلا ئومۇملىشىپ بولالمىغان ئاشۇ مەزگىلدە، ئوغلىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، ئۇنىڭغا كومپىيوتىردىن بىرنى ئېلىپ بەرگەن. باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئۇنىڭ ئۆگىنىشى ئالاھىدە ياخشى بولغان، ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بەرگەندىمۇ بېيجىڭ داشۆسىنىڭ كومپىيوتىر كەسپىنى تاللاپ ئوقۇغان. كىيىنچە تۇلۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئۇ خىزمەت ئىزدەشكە ئالدىرماي، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇشنى تاللاپ، جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيسىدە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقنى ئوقۇپ تۈگەتكەن.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号