قان ئاز كىشىلەر قايسى يىمەكلىكلەرنى ئسىتىمال قىلسا ياخشى؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 13574:قېتىم كورۇلدى
   قان ئازلىق تىلغا ئېلىنسا، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىسىگە بىرىنچى بولۇپ ئاياللار كىلىشى مۇمكىن؛ بىراق، قان ئازلىق ئاياللارغىلا خاس ئەمەس، ئەرلەردىمۇ قان ئازلىق كۆرىلىدۇ. ئادەمدە قان ئازلىق كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، چىرايى سارغىيىپ ياكى ئاقىرىپ قالىدۇ، بەزىدە ھەتتا باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئاسان كىسەل بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. ئۇنداقتا، قان ئاز كىشىلەر قانداق يىمەكلىكلەرنى يىگەندە، قان تۇلۇقلاش ئۈنۈمىگە ئىرىشەلەيدۇ.
چىلان ۋە ئالقات قوشۇپ قاينىتىلغان تۇخۇم
   ئالدى بىلەن تۇخۇمدىن ئىككىنى سۇدا پىشۇرۋالغاندىن كىيىن، تۇخۇمنى سويۇپ قايتىدىن قازانغا سېلىپ، 20گىرام ئالقات ۋە 10تال چىلان بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، ھەركۈنى بىر قېتىم ئىچىپ بەرسەك، ماغدۇر ۋە قۇۋۋەت تۇلۇقلاپ ئاشقازان ئۆتنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ھەمدە قان ئازلىقنى قوشۇمچە داۋالاش جەھەتتە بەلگىلىك ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.
داڭگۈي قوشۇپ قاينىتىلغان قوي گۆشى شورپىسى
   ئادەتتە، قوي گۆشىدە شورپا سالغاندا، ئازراق داڭگۈي ۋە زەنجىۋىل قوشۇپ قاينىتىپ ئىستىمال قىلساق، بۆرەك ۋە ئۆت ئاجىزلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان قان ئازلىققا قارىتا زور پايدىسى بار.
شىكەر قۇمىچى
   شىكەر قۇمۇچىنىڭ تەركىبىدە، سىنىك، تۆمۈر، كالتسى قاتارلىق مىنرالنى ئىلمىنتلار بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەدەننىڭ قان تۇلۇقلاش قان ياساش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش رولى ئىنتايىن چوڭ. بىراق، شىكەر قۇمىچىنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولغاچقا، ئاشقازان ۋە ئۆت ئاجىز دوستلار ئىمكان قەدەر ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك.
كاۋا
   جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، كاۋا، قان تۇلۇقلاشتىكى ئىسىل يىمەكلىك بولۇپ، قان تۇلۇقلاش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. كاۋا تەركىبىدە كاروتىن ۋە سىنىك، تۆمۈر، كوبالت  قاتارلىق مىكرو ئىلمىنتلار مول بولۇپ، بەدەندىكى قىزىل قان شارچىلىرىنىڭ نورمال ھالدا ئايلىنىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ پىشىپ يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئۈزۈم
   ھازىر ئۈزۈم پىشىپ بازارغا چىقىۋاتقان مەزگىل. ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدە فوسفور، كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار مول بولۇش بىلەن بىرگە، ۋىيتامىنلار ۋە ئامىنو كىسلاتالىرىمۇ بىرقەدەر مول بولۇپ، قان ئاز دوستلارغا ۋە بەدىنى زىيادە ھېرىپ چارچاپ كەتكەن دوستلارغا قارىتا، ئىنتايىن پايدىلىق ئۈنۈم كۆرسىتىدۇ.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号