ئادەم بىر ئۆمرىدە، ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتىنى ئۇخلاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ؛ سۈپىتى ياخشى بولغان ئۇيقۇ، ئادەمنىڭ ھارغىنلىق تۇيغۇسىنى تۈگىتىپ، بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەمنىڭ ئىممونت كۈچى ۋە كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
ئەقىللىق كىشىلەر، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۇ تۆت ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، بۇ ھەم ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈش سىرىدۇر.
ئۇزۇن ۋاقىت يانفون ئويناش
ئۇخلاشتىن بۇرۇن، يانفوندا بىردەم ئويۇن ئويناش، قىسقا فىلىملەرنى كۆرۈش... بۇ خىل ئەھۋاللار ھازىر ئومۇملىشىىپ كەتكەن بولۇپ، كۆپ قىسىم كشىىلەر، ئۇخلاشتىن ئاۋال ئازراق يانفون ئوينىسام، ئاسان چارچاپ تىزراق ئۇخلىيالايمەن دەپ ئويلايدۇ.
ئەمىلىيەتتە، ئۇخلاشتىن ئاۋال يانفون ئويناش، ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ، ئادەمنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىكىنى ۋە ئىككىنى كۈنى روھى كەيپىياتى تۆۋەن بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، جىسمانى ساغلاملىققا زور دەرىجىدە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.

ئۇخلاشتىن ئاۋال چىشىنى چوتكىلىماسلىق
كونىلارنىڭ "چىش ئاغرىقى كىسەل ئەمەس، ئەمما ئاغرىغان ۋاقىتتا جاننى ئېلىپ ياندا قويىدۇ" دىگەن گېپى بار؛ ئادەم چىشى ساغلام بولغاندىلا ئاندىن يىمەكلىكلەرنى ھۇزۇرلىنىپ ۋە ياخشى چايناپ ئىزىپ يىيەلەيدۇ. ئەمما چىشىمىزنى ساغلام بولسۇن دىسەك، ئۇنداقتا ئەتىگىنى ۋە كەچلىكى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا چىشىمىزنى چوتكىلىشىمىز كىرەك؛ بىراق، بەزى كىشىلەر كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا چىشىنى چوتكىلاشنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.
بىر كۈن ئۇنى بۇنى يىگەندىن كىيىن، ئېغىز بوشلۇقىدا يىمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقى قېلىپ قالىدۇ؛ ئەگەر ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا چىشىمىزنى چوتكىلىمىساق، ئاسانلا باكتىرىيە ۋىرۇسلار كۆپىيىپ، چىشنى قۇرت يىيىش، چىش ئاغرىش، چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، چىشى ياخشى بولمىغان كىشىلەرنىڭ يىمەكلىكلەرنى چايناپ ئىزىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدىغان بولغاچقا، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

كىچىلىك تاماق يىيىش
كىچىسى ئۇخلىمىغان ياكى كىيىن ئۇخلىغان ۋاقىتتا، كىشىلەر كۆپىنچە كىچىلىك تاماق يەيدۇ؛ بۇنىڭدا ئېغىزى خۇماردىن چىققان بىلەن، ئاشقازان ئۈچەي يامان تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كىچىلىك تاماق يىيىش، ئاسانلا بەدەنگە ياغلارنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى يىمەكلىكلەرنى ئاسانلىقچە ھەزىم قىلالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك سەمىرىپ كىتىپ ھەرخىل كىسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا كىچىلىك تاماق يىيىش، ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئىككىنچى كۈنى ئادەم روھى چۈشكۈن ۋە ھارغىن بولۇپ قېلىپ، خىزمەت ياكى ئۆگىنىشكە تەسىر يىتىدۇ.
ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا قەھۋە ياكى چاي ئىچىش
بەزى كىشىلەر ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا قەھۋە ياكى چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. مەيلى قەھۋە بولسۇن ياكى چاي بولسۇن، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچكەندە، ئادەمنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ئۇيقۇسىنى قاچۇرىدۇ ۋە ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.