بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە سىز بارمۇ يوق، بىر قاراپلا بىلەلەيسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5960:قېتىم كورۇلدى
   مۇھەببەت، كۆپىنچە رومانتىكىلىق كىلىدۇ، شۇڭا كىشىلەرگە بىر خىل چۈش كۆرگەندەك خىرەلىك تۇيغۇسى بىرىپ، بىزنى بۇ خىل تۇيغۇ ئىچىگە چۆكۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە بىزنىڭ بىر بۆلەك مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى ياكى ساختا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىزنى يوقىتىپ قويىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىز ئەگەر بىر بۆلەك مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى ياكى ساختا ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمىساق، بىز كۆپىنچە مۇھەببەت ئالدامچىلىقىغا دۇچار بولۇپ، مۇھەببەت ئازابىدىن ئاچچىق ھەسرەتلەرگە تولىمىز.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر بۆلەك مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى تۇنۇش، بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداقتا، بىر ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىمىزنىڭ بار يوقلۇقىغا قانداق ھۆكۈم قىلالايمىز؟ ئەمىلىيەتتە، بۇ ئۇنچە تەس ئەمەس!
   ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە سىز بار بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەڭ گۈزەل ئايال(ياكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر) ھىسابلىنىسىز. سىز ئادەتتىكىچە بولغان تەقدىردىمۇ، ئەمما مۇھەببەتنىڭ سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن، سىز ئۇنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر بولغان مۇكەممەل ئادەمگە ئايلىنىسىز.
   ئەگەر سىز قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە بار بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزدىكى ھەربىر ئۆزگىرىش، يەنى سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز ۋە خاپىلىقىڭىز، كۈلىشىڭىز ۋە يىغلىشىڭىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭۈل تارىنى چىكىدۇ. بىراق، ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە سىز بولمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز مەيلى قانچىلىك ئازاپلانماڭ ياكى ھەسرەتلەنمەڭ، بۇ پەقەت ئۆزىڭىزنىڭلا مەسىلىسى بولىدۇ، قارشى تەرەپ بۇنىڭغا ئىرەنشىپمۇ قويمايدۇ.

   ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە سىز بولمىسىڭىز، سىز ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرمەڭ، سىزنىڭ سەمىمى مۇھەببىتىڭىز ئۇنى يەنىلا تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. ئۇنىڭدا سىزگە قارىتا ھېچقانداق سىزىم بولمايدۇ، سىز خۇددى ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھاۋاغا ئوخشاش، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيسىز. ھەتتا، ئۇنىڭ سىزگە بولغان پوزۇتسىيسى بىر قىزغىن بىر سۇغۇق بولۇپ، سىز ئۇنىڭدىن ئىللىقلىق ھىس قىلالمايسىز.
   بىراق، ئەگەر سىز قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە بار بولسىڭىز، بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتلىقى ھىسابلىنىسىز. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستىنلا ھاياتى بەدىلىگە سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىزنى قوغداش لازىم بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بولسىمۇ سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىشقا رازى بولىدۇ.
ھەربىر ئادەمگە نىسبەتەن، كىشىلىك ھايات ناھايىتى قىسقا ھىسابلىنىدۇ؛ شۇڭا بىز، ھەربىر سەمىمى ھىسياتنى ۋە بىزگە سەمىمى مۇئامىلىدە بولغان ھەربىر ئادەمنى ياخشى قەدىرلىشىمىز كىرەك. بىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمگە قارىتا بولسا، ئۇلار بىزنىڭ كۆز يېشىمىزنى ۋە ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىشىمىزغا ئەرزىمەيدۇ، بۇنداق ئەرزىمەس ئادەمنى كۆڭلىمىزدە ساقلاپ يۈرۈشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. چۈنكى، بىزنىڭ قەلبىمىز ناھايىتى كىچىك، ئۇنداق ئەخلەتلەرنى ساقلاشقا ئورۇن چىقمايدۇ....

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号