دۆلىتىمىزنىڭ ئامىرىكىدا ئامانەتكە قويغان ئالتۇن زاپىسى قانچىلىك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6605:ئادەم ئۆگەندى
   ئالتۇن، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتتىكى ئەڭ مۇھىم قىممەتلىك مىتاللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بىر خىل قايتا ھاسىل بولمايدىغان بايلىقتۇر؛ يەرشارىدىكى ئالتۇن زاپىسىمۇ ئۇنچە كۆپ ئەمەس، ھازىرقى مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يەرشارى بويىچە قېزىلغان ئالتۇن مىقدارى تەخمىنەن 160مىڭ توننا ئەتراپىدا. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخى تەرەققىياتى ۋە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئالتۇننىڭ يەرشارىدىكى تارقاقلىشى تېخىمۇ تەكشى ئەمەس. دۇنيا ئالتۇن جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدى كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامىرىكىنىڭ ئالتۇن زاپىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 8133توننىغا يىتىدىكەن؛ ئۇندىن قالسا، گىرمانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، روسىيە ۋە جۇڭگۇ، ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى ۋە ئالتىنچى ئورۇنلاردا تۇرىدىكەن.
   بىراق يېقىندا، ئادەمنى گاڭگىرتىپ قويىدىغان بەزى ئىشلار يۈز بەرگەن؛ ئۇ بولسىمۇ، روسىيە ئۆزىگە تەۋە بولغان ئالتۇن زاپىسىنى دۆلىتى ئىچىگە يۆتكەپ كەتمەكچى بولغاندا، ئامىرىكىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. بۇ ئادەمنى ئويغا سېلىپ قويىدىغان بىر مەسىلە، نىمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە رايونلار ھەمىشە ئامىرىكىدا ئالتۇن ئامانەت قويىدۇ ھەمدە ئامىرىكا نىمىشقا ھەمىشە قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ؟
    بۇنىڭدىكى سەۋەپ نىمە؟
   ئامرىكا نىيورۇك شەھىرى مانخاتتون رايونى كوچىلىرىنىڭ نەچچە ئون مىتىر ئاستىدا، ئىنتايىن سىرلىق بىر ئامبار بار بولۇپ، بۇ ئامباردا ساقلىنىۋاتقان ئالتۇن مىقدارى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ؛ بۇ ئالتۇنلار دۇنيادىكى ئاتمىش نەچچە دۆلەتكە تەۋە، ئەڭ كۆپ  بولغاندا ساقلاش مىقدارى 8000توننىغا يىتىدۇ. يەر شارىدىكى ئالتۇنلارنىڭ تەخمىنەن %30تى بۇ ئامباردا ساقلىنىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىز بۇ ئامباردا ئامانەت قويغان ئالتۇنمۇ تەخمىنەن 600توننا ئەتراپىدا كىلىدۇ.
   ئالدى بىلەن، ئامرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ ئۆسۈپ تۆۋەنلىشى، ئەمىلىيەتتە ئالتۇن بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. ئامىرىكا، دۇنيادىكى ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن، زور مىقداردىكى ئالتۇنلار ئامىرىكىغا ئېقىپ كىرگەن. بولۇپمۇ ئامىرىكا بولىدۇنسىن سېستىمىسىنى (ئالتۇن ۋە ئامىرىكا دوللىرى بىلەن باغلىنىشلىق بىر سېستىما) قۇرۇپ چىققاندىن كىيىن، ئامىرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننىڭ باغلىنىشى تېخىمۇ زىچ بولۇپ ئۆزگىرىپ، بۇ سەۋەپ تۈپەيلى، نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار ئامىرىكىدا داۋاملىق ھالدا ئالتۇن ئامانەت قويۇش زاپىسىنى كۆپەيتكەن.
   ئىككىنچىدىن، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئالتۇن سېتىپ بىرىدىغان ئەڭ چوڭ ئالتۇن سودىگىرى ۋە ھەق تۆلەپ قايتۇرۋالغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئامىرىكىدىن كەلگەن. ھەربىر دۆلەت ۋە رايونلار، ئامىرىكىنىڭ ئۆزىدىن ئالتۇن سېتىۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەيدۇ؛ چۈنكى، ئامىرىكا دۇنيادىكى ئالتۇن زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت. دەسلىۋىدە، بارلىق دۆلەتلەر تاشقى پىرىۋوت زاپىسى ئارقىلىق بازاردىن سېتىۋالغان؛ كىيىنچە، ھەرقايسى دۆلەتلەر قولايلىق ئىزدەپ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى ئويلاپ، ئامرىكىدىن سېتىۋالغان تاۋارنى بىرگە قويۇپ ساقلاشقا ئادەتلەنگەن.
    ئۈچىنچىدىن، نىيورۇك شەھىرى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن سودا بازىرى بولۇپ، ئالتۇن باھاسىنى بىكىتىش ھوقۇقى بازاردا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىز ھەم قولايلىق، ناتۇرا مال تارقىتىشتىمۇ(实物发货) چوڭ مەسىلە يوق.
   تۆتىنچىدىن، دۆلەت ئىچى مەبلەغ بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقانلىق سەۋەبىدىن بولغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، ئامرىكا ئىقتىسادى ئىنتايىن كۈچەيگەن بولۇپ، باشقا ئىقتىسادى گەۋدىلەر ئىنتايىن نامرات ئىدى. بۇندىن باشقا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇن ئومۇمى ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى ئەمەس بولغاچقا، ئۇلار ئامالسىز ئالتۇننى ئامرىكىدا ئامانەت قويۇشنى تاللاشقا مەجبۇر ئىدى؛ گەرچە بۇنداق قىلىشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما بىخەتەرلىك ئۈچۈن شۇنداق قىلماي بولمايتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئامرىكىدا سودىنى ۋە ئالماشتۇرۇشنى پۈتتۈرگەندە، نەچچە ئون مىڭ كىلومىتىر يول بېسىپ تۇشۇش كەتمەيدىغان بولغاچقا، يەنە تېخى تۇشۇش جەريانىدىكى خەتەر ئامىللىرىدىن ساقلىنىپ قېلىشقا بولاتتى. تېخىمۇ مۇبالىغىلەشتۈرۈپ ئېيتقاندا، سودىلاشقان ۋاقىتتا، ئالتۇننى پەقەت ئامبارنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگە يۆتكەپ ئاپارسىلا، سودىنى پۈتتۈرگىلى بولاتتى.
   نۆۋەتتە ئىقتىسادى مۇھىت تازا ياخشى ئەمەس، بولۇپمۇ ئامىرىكا ئىقتىسادى، ھازىر ئامرىكىنىڭ پاي بازىرى ۋە زايوم بازىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەينىگە چىكىنگەچكە، ئامرىكا ھۆكىمىتى پەقەت ئالتۇن زاپىسىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىقتىساد چىكىنىشكە تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئالتۇن ئادەتتە پۇل پاخاللىقىغا قارشى تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قىممىتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى بولىدۇ؛ شۇڭا بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئامرىكا دۇنيادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى "ۋاقتىنچە ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىپ تۇرۇش"تىن باشقا ئامالى بولمايدۇ. ئەمما، گەرچە ئامرىكا دۇنيادىكى ئونۋىرسال كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادا، يەنە باشقا كۈچلۈك دۆلەت ۋە ئىقتىسادى گەۋدىلەرمۇ مەۋجۇت؛ شۇڭا، ئامرىكىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئالتۇنلارنى يۆتكەپ كىتىشنى رەت قىلىشى، پەقەت ۋاقىتلىك كەينىگە سوزۇش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، ئامرىكىنىڭ تەلىۋى رەت قىلىشقا ئۇچراشتىن باشقا، دۆلىتىمىزنىڭ ئالتۇنلارنى دۆلەت ئىچىگە يۆتكەپ ئەكىلىش تەلىۋى رەت قىلىنىشقا ئۇچراپ باققان؛ بىراق، دۆلىتىمىز باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئۇنداق قورقۇنچ ھىس قىلمايدۇ. چۈنكى، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى پىرىۋوت زاپىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىز ئامرىكىدا ئامانەت قويغان 600توننا ئالتۇن، دۆلىتىمىز تاشقى پىرىۋوت زاپىسىنىڭ پەقەت %1.5نىلا ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مەسىلە دۆلىتىمىز ئۈچۈن چوڭ ئىش ھىسابلانمايدىغان بولۇپ، ئەنسىرەش كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى، ئامرىكا ئىناۋىتىنى يوقىتىپ قويۇش خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلىپ تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەبلىغىنى قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە جۈرئەت قىلالمايدۇ؛ چۈنكى بىر دۆلەتكە نىسبەتەن، ئالتۇنغا قارىغاندا ئىناۋەت تېخىمۇ قىممەتلىكتۇر.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号