بۇ ئالامەتلەر قان قەنت مىقدارىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7951:قېتىم كورۇلدى
   نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى قەنت سىيىش كىسەللىكى بىمارلىرى 100مىليۇندىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك سىز ئەتراپىڭىزدا قەنت سىيىش كىسەللىكى بىمارلىرىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىپ كىتىۋاتقانلىقىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن. قەنت سىيىش كىسەللىكى، بىمارغا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە "ھەمرا" بولىدىغان بىر خىل كىسەللىك بولۇپ، بىمار پەقەت دورا ئىچىش ياكى ئىنسۇلىننى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق قاننىڭ قەنت مىقدارىنى كونتىرول قىلالايدۇ، پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.
   تېخىمۇ يامان بولغىنى، بۇ خىل كىسەللىكنى كىسەللىك كۆرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە بايقىغىلى بولمايدۇ؛ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، بىمارنىڭ قان قەنت مىقدارى ئۆرلەپ كىتىپ بەزىبىر ئەگەشمە كىسەللىكلەر كۆرۈلگەن ۋاقىتتا ئاندىن بايقىلىدۇ. ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر سىزدە تۆۋەندىكى بەش خىل ئالامەت كۆرۈلسە، ئۇنداقتا ھۇشيارلىقىڭىزنى ئۆستۈرۈشىڭىز كىرەك؛ چۈنكى بۇ ئالامەتلەر، قەنت سىيىش كىسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
كۆرۈش قۇۋۋىتى خىرەلىشىش
   كۆپ قىسىم قەنت سىيىش كىسەللىكى بىمارلىرىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدە مەسىلە كۆرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال، قاننىڭ قەنت مىقدارى بەك يۇقىرىلاپ كىتىپ، نىرۋا سېستىمىسىدا كىسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا قىلغانلىقتىن بولىدۇ؛ بۇندىن باشقا كۆزدىكى نىرىپلارمۇ زەخمىگە ئۇچراپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كىتىش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىتىپ، كۆز كۆرمەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
جاراھەت ئېغىزى ئاسان ساقايماسلىق
   ئەگەر قاننىڭ قەنت مىقدارى بەك يۇقىرى ئۆرلەپ كەتسە، ئىندودىرما ھۈجەيرىلىرىنىڭ (ئاساسلىق جاراھەت ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار) سانىنىڭ كېمىيپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جاراھەت ئېغىزىنىڭ ساقىيىشىنى ئاستىلىتىۋىتىدۇ.
كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىش
   بەدەندە يېغىلىپ قالىدىغان قەنت مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،قاننىڭ قەنت مىقدارىمۇ يۇقىرىلايدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بۆرەك بۇ ئارتۇق قەنت تەركىبلىرىنى ئىمكان قەدەر تىز سۈرئەتتە بەدەن سىرتىغا سىنتىزلاپ چىقىرىش ئۈچۈن، زور مىقداردا سۈيدۈك شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا قەنت سىيىش كىسەللىكى بىمارلىرىنىڭ كىچىك تەرەت قېتىم سانى كۆپىيىپ كىتىدۇ.
ئادەتتىكى قارىغاندا تېخىمۇ بەك ئۇسساش
   قاننىڭ قەنت مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە، بۆرەك شارچىلىرى شاللاپ ئۆتكۈزگەن گىلوكوزا مىقدارى، بۆرەك كىچىك كانىلىنىڭ گىلوكوزىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كىتىپ، زور مىقداردىكى گىلوكوزىنىڭ سۈيدەكتە پارچىلىنىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە زور مىقداردىكى سۇ تەركىبلىرىنى بىرگە خورىتىۋىتىدۇ. شۇڭلاشقا، قەنت سىيىش كىسەللىكى بىمارلىرىدا، ئادەتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك ئۇسساش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ.
سۈيدۈك يولى ياللۇغى قايتا-قايتا كۆرۈلۈش
   بۇ نوقتا، ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر نوقتا بولۇپ، ئەگەر سۈيدۈك يولى ياللۇغى قايتا-قايتا كۆرۈلسە، قەنت سىيىش كىسەللىكى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققانمۇ يوق تەكشۈرتۈپ بېقىش كىرەك. سۈيدۈك تەركىبىدە زور مىقداردا قەنت تەركىبى بار بولۇپ، بۇ قەنت تەركىبلىرى، باكتىرىيە ۋىرۇسلارنىڭ يىمەكلىكى بولالايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقىرى قەنت تەركىبلىك مۇھىت، باكتىرىيە ۋىرۇسلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە كۆپىيىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا، قەنت سىيىش كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار، ھەمىشە سۈيدۈك يولى ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号