باچكا شورپىسى، قان ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5868:قېتىم كورۇلدى
   نەچچە قېتىملىق يامغۇر يېغىش بىلەن، تۇمۇزنىڭ ئاخىرىقى قالدۇقلىرى پۈتۈنلەي يۇيۇلۇپ، ھاۋا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە سۇۋۇشقا باشلىدى. بۇ مەزگىلدە، كىشىلەر ياز كۈنى ئىچىشنى خالىمىغان شورپىلارنى قاينىتىپ ئىچىشنى باشلايدۇ.
   شورپا قاينىتىشقا كەلسەك، ئەنئەنىۋى تائام رىسالىمىزدە، كالا گۆشى شورپىسى، قوي گۆشى شورپىسى بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ؛ بۇندىن باشقا، بەزىبىر ئەقىللىق كىشىلەر، كەپتەر گۆشىدە شورپا قاينىتىپ ئىچىشنى تاللايدۇ. چۈنكى، كەپتەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە بولغان ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرى بار.
   بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇرۇپ قوشۇپ قاينىتىلغان كەپتەر گۆشى شورپىسى تۇنۇشتۇرىمىز؛ ھازىرقى كۈزنىڭ كۈنىدە بۇ خىل شورپىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلساق، قان ۋە قۇۋۋەت تۇلۇقلاش بىلەن بىرگە، قۇرغاق كۈز كۈنلىرىدە بەدەنگە سۇ تۇلۇقلاش ئۈنۈمىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
   بىز ئالدى بىلەن، كەپتەر گۆشى بىلەن توخۇ گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى!
   ھەر 100گىرام توخۇ گۆشى تەركىبىدە 16.8گىرام ياغ، 20.3گىرام ئاقسىل، 256كىلو كالورىيە ئىنىرگىيە بار. بۇندىن باشقا يەنە مىنرالنى ئىلمىنتلاردىن، 1.2مىللىگىرام تۆمۈر، 2مىللىگىرام كالتسىي بار.
   ھەر 100گىرام كەپتەر گۆشىدە بولسا، 14گىرام ياغ، 16.5گىرام ئاقسىل، 201كىلو كالورىيە ئىنىرگىيە بار؛ بۇندىن باشقا يەنە، 3.8مىللىگىرام تۆمۈر، 30مىللىگىرام كالتسىي ۋە كالىي، ماگنىي قاتارلىق مىكرو ئىلمىنتلار بار.
   ئۇزۇقلۇق تەركىبىنى سېلىشتۇرغاندا، گەرچە كەپتەر گۆشى تەركىبىدىكى ياغ بىلەن ئاقسىلنىڭ مىقدارى، توخۇ گۆشىگە قارىغاندا ئازراق بولسىمۇ، ئەمما تۆمۈر مىقدارى توخۇ گۆشىنىڭ 3ھەسسىسىگە، كالتسىي مىقدارى توخۇ گۆشىنىڭ 15ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىغان بولۇپ، كالتسىي ۋە تۆمۈر تۇلۇقلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى.
   بۇندىن باشقا، كەپتەر گۆشى تەركىبىدە تارماق زەنجىرلىك ئامىنو كىسلاتاسى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، بەدەندىكى ئاقسىللارنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ تەركىبى يۇقىرى بولمىغاچقا، بەدەندىكى جاراھەت ئېغىزىنىڭ ساقىيىتىشىنى تىزلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
   ئەنئەنىۋى جۇڭگۇ تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، كەپتەر گۆشى شورپىسىنىڭ جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، قان ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاش، ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرۇش رولى بار.
   كۈز پەسلىدە كەپتەر گۆشىدە شورپا قاينىتىشتا، بەزىبىر چىلان، ئالقات، موگو قاتارلىقلارنى قوشۇپ قاينىتىشتىن باشقا، ئەڭ ئاددى بولغان ئۇسۇل، يىڭى ئاق تۇرۇپ قوشۇپ بىرگە ئىستىمال قىلىشتۇر.
   كۈز كۈنلىرىدە، ھاۋا نىسبەتەن قۇرغاق بولغاچقا، ئادەمدە بۇرۇن، كاناي قىچىشىش، تىرە قىچىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆپرەك كۆرىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، سۇ تەركىبى ۋە ۋىيتامىن Cتەركىبى يۇقىرى بولغان تۇرۇپ ئىستىمال قىلىش، بۇ ئالامەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
   يىمەكلىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۇرۇپ، كۆپ خىل يىمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدىغان كۆكتات بولۇپ، بىۋاستە ئىستىمال قىلىشقا ۋە شەربەت سىقىپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ. كەپتەر بىلەن تۇرۇپنى بىرگە قوشۇپ شورپا قايناتقاندا، تۇرۇپ كەپتەرگۆشىدىن چىققان مايلارنى سۈمۈرۈپ، شورپىنىڭ تەمى تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号