ئوتتۇرلۇقتا بۇ ئۈچ خىل تۇيغۇ بولسا ھەقىقى مۇھەببەت ھىسابلىنىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5816:قېتىم كورۇلدى
   مۇھەببەت سىھرى كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئۇ بىر ئادەمنى ئەزىز قىلالايدۇ ھەم خار قىلالايدۇ. مۇھەببەت دۇنياسىدا، بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك ياخشىلىقىغا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىزگە نىسبەتەن قانچىلىك ياخشى پوزۇتسىيەدە بولىدىغانلىقىغا قاراش كىرەك؛ ئەڭ مۇھىم بولغىنى، ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقى تۈردە چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىشىدۇر.
    ئۇنداقتا، ئەگەر ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدا قانداق تۇيغۇلار بولسا ئاندىن ھەقىقى مۇھەببەت ھىسابلىنىدۇ؟ پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئۈچۈن خىل ئەھۋالغا ئىگە بولۇشى كىرەك.
قارشى تەرەپ بىلەن بىرگە بولغاندا، خۇشاللىق ھىس قىلىش
   ئەگەر سىز قارشى تەرەپ بىلەن بىرگە بولغاندا، سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ھېچقانداق بىر داۋالغۇش بولمىسا، ئۇنداقتا ئىككىڭلار ئەپلەپ سەپلەپ بىرگە ئۆتۈۋاتقان بولىسىلەر. ھەقىقى مۇھەببەت بولسا، سىز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىڭىزدا، سىز ئىنتايىن خۇشاللىق ھىس قىلالىشىڭىزنى ھەمدە ئۇ ۋاقىتتىكى تۇيغۇڭىزنىڭ خۇددى ئالەمنى بەرگەندەك خۇشاللىق ئىش يۈز بەرگەندەك ھىس قىلالىشىڭىز كۆرسىتىدۇ.
پەقەت قارشى تەرەپنىڭ يېنىدىلا ئاندىن خاتىرجەملىك ھىس قىلىش
   بىر ئادەمنى ياخشى كۆرگەن ۋاقىتتا، مەيلى ئايال كىشى بولسۇن ياكى ئەركىشى بولسۇن، ھەممىسىدە ئازراق ئىككىلىنىپ ئىرىشىش ۋە يوقىتىشنى ئويلاپ ئارىسالدى بولىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدىغان بولۇپ، خۇددى ئۆزى يالغۇز تۇرسا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوقتەك، خۇددى بىرەر نەرسىسى كەمدەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىراق، ئەگەر ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز يېنىڭىزدا ھەمراھ بولسا، بۇنىڭدا كۆڭلىڭىز ئىنتايىن خاتىرجەملىك ھىس قىلىدۇ. توي قىلغاندىن كىيىن، ئىككەيلەن بىر كۈننىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ۋاقىتلارنى بىرگە ئۆتكۈزىدىغان بولغاچقا، بىر-بىرىگە بالدۇرلا ئادەتلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، ئەگەر جۆرىسى يېنىدا بولمىسا، قالايمىقان ئويلىنىپ قالىدۇ، بەزىدە ھەتتا گۇمانلىنىپ قالىدۇ.
   ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا ئەگەر ئىشەنچ قالمىسا، ئۇنداقتا توي مۇناسىۋىتى ھەرۋاقىت گۇمران بولۇش خەۋپىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر ئوتتۇرلۇقتا، پەقەت قارشى تەرەپ يېنىدا بولسىلا كۆڭلى خاتىرجەم ھىس قىلىدىغان تۇيغۇ بار بولسا، ئۇنداقتا بۇ بۆلەك مۇھەببەتنى ھەقىقى مۇھەببەت دىيىشكە بولىدۇ.
قارشى تەرەپكە قارىغان ۋاقىتتا، بىر خىل بەخىت تۇيغۇسى ھىس قىلىش
   بەزىدە، مۇھەببەت ئىنتايىن بىۋاستە بولىدۇ. ئەگەر ئىككەيلەن ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ھەقىقى مۇھەببەت بولسا، ئۇنداقتا سىز ھەر ۋاقىت ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلىسىز؛ بۇ خىل تۇيغۇ، قارشى تەرەپنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. سىلەر ئۇزۇن ۋاقىت بىرگە ئۆتكەندىن كىيىنمۇ، قارشى تەرەپنى كۆرگەندىن كىيىن كۆڭلىڭىزدە بەخىت تۇيغۇسى ھىس قىلالايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئىككىڭلارنىڭ بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتۈپ كىتەلەيدىغانلىقىڭىزلارنى بىلدۈرىدۇ.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号