دىئابىت بىمارلىرىمۇ خاتىرجەم ئىستىمال قىلالايدىغان يىمەكلىكلەر
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر
   سىېرىق پۇرچاق، كۆك پۇرچاق، يۈندوۋ، قىزىل پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، يىمەكلىك تالا ماددىسى ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك ئاقسىل مول بولۇپ، تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك، ھەزىم بولۇشى ئاستا بولىدۇ، شۇڭا قاننىڭ قەنت مىقدارىنىڭ ئۆرلىشىمۇ نىسبەتەن تۇراقلىق ھالەتتە بولىدۇ. ئەگەر يەللىك بوغۇم ياللۇغى، بۆرەك ئىقتىدارى تۇلۇق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلە بولمىسا، ھەرقېتىملىق تاماقتا بۇ خىلدىكى پۇرچاقلاردىن قوشۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
قارا قېرىنقولاق
   قارا قېرىنقولاقنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، تالا ماددىسى ۋە كۆپ ساخارىدلىق تەركىبلەر مول بولۇپ، ئىنىرگىيە مىقدارى تۆۋەن، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يىمەكلىككە تەۋە. بۇندىن باشقا، قارا قېرىنقولاق تەركىبىدىكى  ئالاھىدە كىسلاتالىق كۆپ ساخارىدلىق ماددىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئىنسۇلىن ھۈجەيرىسى ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تۆۋەنلىتىپ قاننىڭ قەنت مىقدارىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىلىق.
بېلىق گۆشى
   بېلىق گۆشى ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە زور مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى تەمىنلىيەلەيدۇ. بېلىق گۆشىنى پىشۇرغان ۋاقىتتا، ئىمكان قەدەر سۇدا پىشۇرۇش، دۈملەپ پىشۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، داغلاش، ئوت ياكى چوغقا قاقلاپ پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىق كىرەك؛ بولمىسا، تۇز ۋە ماي مىقدارى زىيادە ئېشىپ كىتىدۇ. بۇندىن باشقا، يۇقىرى تىمپىراتۇرىمۇ، بېلىق گۆشىنىڭ تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. ئادەتتە، دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھەپتىسىگە 2-1قېتىم بېلىق گۆشى ئىستىمال قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
تاتلىق ياڭيۇ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر
   تاتلىق ياڭيۇ، كۆكۈش تاتلىق ياڭيۇ، بەرەڭگە، پىچەكگۈل قاتارلىق تاتلىق ياڭيۇ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر تەركىبىدە، دانلىق زىرائەتلەرگە ئوخشاش كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە يىمەكلىك تالا ماددىلىرى بار، بىراق بىر قىسىم ۋىيتامىنلارنىڭ مىقدارى دانلىق زىرائەتلەرگە قارىغاندا يۇقىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تاتلىق ياڭيۇ تۈرىدىكى بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى ئۇن، گۈرۈچ قاتارلىق بىر قىسىم ئاساسلىق يىمەكلىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولىدۇ. بۇ خىل يىمەكلىكلەرنى يىگەن ۋاقىتتا، باشقا ئاساسلىق يىمەكلىكنى مۇناسىپ ھالدا ئازراق يىيىش كىرەك؛ بۇنىڭدا، تاماقتىن كىيىنكى قاننىڭ قەنت مىقدارىنىڭ تۇراقلىق بولۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号