ئانا بىلەن بالىنىڭ قەلبى راستىنلا تۇتاش بولىدىكەن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5818:قېتىم كورۇلدى
   ئانا بىلەن بالىنىڭ قەلبىنىڭ تۇتاش بولىدىغانلىقىغا ھەممە ئادەم ئىشىنىدۇ؛ چۈنكى، بالا ئانىسىنىڭ قوسىقىدىكى ۋاقتىدا، ئانا بالىسىنىڭ ھەربىر ھالىتىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ.
   جاڭ رەن يېقىندا مۇنداق بىر كەچمىشنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئانا بىلەن بالىنىڭ قەلبىنىڭ ھەقىقەتەن تۇتاش بولىدىغانلىقىغا ئۈزۈل-كىسىل ئىشەنگەن. جاڭ رەن ئىرى بىلەن توي قىلىپ بىر يىلدىن كىيىن، مۇۋەپپىقىيەتلىل ھالدا ھامىلدار بولغان بولۇپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىمۇ ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن. بىراق، ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئۇدا نەچچە كۈن ياخشى ئۇخلىيالمىغان ھەمدە بىر كۈنى كەچتە قولىقىغا تۇيۇقسىزلا قوسىقىدىكى بالىسىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلانغان.
   جاڭ رەن بوۋاققا بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، ئىرىنى ئويغىتىپ دەرھال دوختۇرخانىغا بارغان؛ دەسلىۋىدە ئىرى جاڭ رەننىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەي، قوساقتىكى بالا قانداقمۇ يىغلىسۇن دەپ ئويلىغان. بىراق نەتىجىدە، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىن كىيىن، قوساقتىكى بالىنىڭ كىندىك بېغىنىڭ بوينىغا يۆگىلىپ، بوۋاققا ئېغىر دەرىجىدە ئوكسىگىن يىتىشمەي قالغانلىقى بايقالغان. دوختۇرلار دەرھال ئوپراتسىيە قىلىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇددەتتىن بۇرۇن بالىنى تۇغدۇرغان. كىيىن جاڭ رەن ئۆزىنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا كىلىپ توغرا قىلغانلىقىنى ھىس قىلغان، ئىرىمۇ بۇ ئىشتىن ئىنتايىن ھەيران قالغان.
   كىيىنچە، دوختۇرلار ئۇلارغا، ئەمىلىيەتتە ھامىلدارنىڭ قوسىقىدىكى بالىنىڭمۇ يىغلايدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ مەسىلەن، كىندىك بېغى بويۇننى يۆگىۋىلىش، باش سۈيى دۇغا بولۇپ كىتىش، ياكى بوۋاقنىڭ ئۆزى بىئاراملىق ھىس قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، يىغلاپ ئانىسىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئەمما پەقەت ئانىسىلا بۇنى ھىس قىلالايدىكەن.
   بۇ يەردە ھامىلدار ئاياللارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، ئەگەر قوسىقىڭىزدىكى بالىنىڭ يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىسىڭىز، بۇنىڭغا ھەرگىز پەرۋاسىز قارىماي، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈڭ. چۈنكى بۇ، قوسىقىڭىزدىكى بالىنىڭ سىزگە چىقارغان قۇتقۇزۇش سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号