ئۈزۈم يەپ كەينىدىنلا بۇ ئۈچ خىل يىمەكلىكنى يىيىشكە بولمايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5874:قېتىم كورۇلدى
    ئۈزۈم، ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول بولغان بىر خىل مىۋە؛ ئۈزۈمنىڭ تەركىبىنىڭ %60تىن يۇقىرىسى ئەركىن سۇ ۋە كوللوئىد سۇ بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، گىلوكوزا، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل ۋىيتامىنلار بار.
   ئۈزۈمنىڭ تەركىبىدىكى زور مىقداردىكى ۋىيتامىنلارنىڭ ۋە ئادەم بەدىنىگە زۈرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ نىرۋا ئاجىزلىشىشنى ۋە زىيادە چارچاشنى ياخشىلاش رولى بار بولۇپ، شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، ئۈزۈمنىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن پايدىسى زور؛ بىراق، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈزۈم ئىستىمال قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن، ئۈزۈم ئىستىمال قىلىپ بولغاندىن كىيىن، كەينىگە ئۇلاپلا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكنى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىغاندا ساغلاملىققا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزىدۇ.
دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
   ئۈزۈم، تاننىك كىسلاتا تەركىبى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مىۋە بولۇپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى تەركىبىدە بولسا ئاقسىل ۋە كالتسىي قاتارلىق ماددىلار مول؛ شۇڭا بۇ ئىككى خىل يىمەكلىك ئۆز-ئارا ئۇچراشقاندا، ئادەمدە ئاسانلا كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قوساق كۆپۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاق تۇرۇپ
   ئاق تۇرۇپنى ھەم پىشۇرۇپ ھەم خام پېتى ئىستىمال قىلىغىلى بولىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاق تۇرۇپنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماسلىق ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ. بىراق، ئۈزۈم بىلەن ئاق تۇرۇپنى بىرگە ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئەگەر ئاق تۇرۇپ بىلەن ئۈزۈم بىرگە ئىستىمال قىلىنسا ياكى ئىككىسىنىڭ ئىستىمال قىلىش ۋاقىت ئارىلىقى بەك يېقىن بولۇپ قالسا، ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىنىڭ بۇ ئىككى خىل يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش جەريانىدا بىر خىل ماددا شەكىللىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ماددا قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ.
كالا سۈتى
   ئۈزۈم تەركىبىدە ئالما كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىق مىۋە كىسلاتالىرى بار؛ كالا سۈتىنىڭ بولسا ئاقسىل تەركىبى مول. بىراق، مىۋە كىسلاتاسى بىلەن ئاقسىل ئۆز-ئارا رىئاكسىيەلىشىدىغان بولۇپ، ئاقسىلنىڭ قېتىشىۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 
 

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号