قىزلار نىمىشقا "ئەسكى" ئوغۇللارغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5929:قېتىم كورۇلدى
   ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئازراق "ئەسكى" كەلگەن ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ؛ بۇ يەردە ئېيتىلغان ئەسكى، "شاللاق" دىگەنلىكنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى كەيپىياتنى تەڭشەشنى ۋە ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىشنى بىلدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
  ئەكسىچە، قارىماققا يۇۋاش كۆرىنىدىغان ئەرلەر، ئاياللارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئۇنچە بەك ئىرىشەلمەيدۇ؛ چۈنكى، يۇۋاش ئەرلەر ئاياللارنىڭ كۆڭلىدە نىمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمىگەچكە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى قانداق خوش قىلىشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ، ئاياللارنىڭ ئالدىدا كۆپىنچە بىزىرىپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار بۇنداق ئەرلەرنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ.
   بۇ ۋاقىتتا، يۇۋاش ئەرلەر، "ئەسكى" ئەرلەرنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق ئالقىشقا ئىرىشىدىغانلىقىنى ھېچ چۈشىنەلمەيدۇ! ئەمىلىيەتتە، "ئەسكى" ئەرلەر ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىھتىياجلىرىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاياللارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشەلەيدۇ.
   ئاياللارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان شىرىن خىياللىرىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ
    ھەربىر ئايال كىشىنىڭ مۇھەببەتكە قارىتا شىرىن خىياللىرى بار بولۇپ، ئۆزىنى ناھايىتى بەك ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشىگە يولۇقۇشنى، قارشى تەرەپنىڭ ئاسرىشىغا ۋە ئامراقلىق قىلىپ كۈيۈنىشىگە ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
   شۈبھىسىزكى، ئەسكى ئەرلەر ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئىھتىياجىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ؛ چۈنكى، ئۇلار ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىنى قانداق خوش قىلىشنى بىلىدۇ. ئايال كىشى ئاچچىقلىنىپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇلار بىرىنچى ۋاقىتتىلا بايقاپ يىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەپۇ سورايدۇ ھەمدە ئايال كىشىنى بەزلەپ، ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ ئۇلارنى كۈلدۈرۋىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۇلار شىرىن-شىكەر گەپلەرنى قىلىشقا ئۇستا بولۇپ، كۈندە ھەرخىل شىرىن سۆزلەرنى قىلىپ ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىۋىتىدۇ.
   ئەمما يۇۋاش ئەرلەرنىڭ بۇنداق بىڭسىسى يوق بولۇپ، ئۇلار ئايال كىشىنىڭ كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدۇ، ھىس قىلىپ يەتكەن تەقدىردىمۇ ئايال كىشىنى بەزلەپ كۆڭلىنى خوش قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان سەۋرچانلىقى بولمايدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يۇۋاش ئەرلەر ھەتتا تۈزۈكرەك مۇھەببەتلىك سۆزلەرنى قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ ھەم بىلسىمۇ سۆزلەپ چىقىرىشنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئايال كىشىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشەلمەيدۇ.
   ئايال كىشىنىڭ رومانتىكىلىققا بولغان ئىنتىلىشىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ
   ئايال كىشىنىڭ ھەممىسى رومانتىكىلىققا ئىنتىلىدۇ ۋە رومانتىكىلىقنى قوغلىشىدۇ. ئەسكى ئەرلەر دەل قانداق قىلىپ رومانتىكىلىق بولۇشنى بىلىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە ئاياللارغا ھەيران قالارلىق خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ؛ ھەرخىل بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرىدە، ئايال كىشىگە ئۇلار ياقتۇرىدىغان سوۋغاتلارنى تەييارلاپ، ئۇلارنىڭ رومانتىكىلىققا بولغان ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.
   بىراق يۇۋاش ئەرلەرنىڭ رومانتىكىلىق ھۈجەيرىسى ئەسلا يوق بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدا گۈل سوۋغا قىلىشنى بىلمەيدۇ، ئايال كىشىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىمۇ تورت ۋە سوۋغات دىگەنلەر بولمايدۇ. بۇنداق ئەر كىشى بىلەن بىرگە بولغاندا، ئايال كىشى ناھايىتى ئەھمىيەتسىز ۋە قىزىقى يوق ھىس قىلىدۇ، شۇڭا بۇنداقلارنى ئەلۋەتتە يارىتىپ كەتمەيدۇ.
   ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلەيدۇ
   ئەگەر تۇرمۇشتا ئازراق خۇشاللىنارلىق ئىش بولمىسا، كۈندە خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ، خىزمەت ۋە ئۆيدىن ئىبارەت يېپىق ئايلانمىغا كىرىپ قالىدۇ. بىراق، ئەگەر تۇرمۇش خۇشاللىققا تولسا، ئۇنداقتا ئادەم ئۆزىنى ھاياتى كۈچكە تولغاندەك ھىس قىلىدۇ.
ئەسكى ئەرلەر، ھەمىشە ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇنلىغان خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كىلەلەيدۇ. ئۇلار ھەمىشە تۇرمۇشتىكى كەيپىياتنى تەڭشەپ، ئاددى ھەم زىرىكىشلىككە تولغان تۇرمۇشقا نۇرغۇنلىغان قايناق ھىسيات ۋە خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كىلەلەيدۇ.
   ئەمما يۇۋاش ئەرلەر بولسا، ئۇلار راستىنلا ناھايىتى يۇۋاش بولۇپ، يەپ-ئىچىپ ئۇخلاشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ؛ بىر يىل ئۈچ يۈز ئاتمىش كۈننىڭ ھەممىنى ئوخشاش بىركۈندەك ئۆتكۈزىدۇ، كەيپىياتنى تەڭشەشنى بىلمەيدۇ ھەمدە تۇرمۇشقا خۇشاللىق قوشۇپ تۇرمۇشنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنىمۇ بىلمەيدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا زۈرۈر بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن باشقا، ئايال كىشىگە بىرەر ئېغىز چاقچاق قىلىپمۇ سالمايدۇ.
ئاخىرقى سۆز
   ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىنى ئالدايدىغان ئالا كۆڭۈل شاللاق ئەرلەردىن بولماڭ، ئەمما تۇرمۇشقا خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلەيدىغان ۋە ھىسيات تەڭشەشنى بىلىدىغان "ئەسكى" ئەرلەردىن بولۇپ سىناپ بېقىڭ. تۇرمۇشنىڭ ئەسلى ئەندىزىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئەمما سىز تۇرمۇشقا نۇرغۇنلىغان رەڭگارەڭ ئامىللارنى قوشۇپ، زىرىكىشلىك ۋە ئاددىيلىقنى، خۇشاللىققا تولغان ئەھمىيەتلىك تۇرمۇشقا ئايلاندۇرالايسىز.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号