بۇ ئادەم چىرايلىق قوللىرىغا تايىنىپلا كۈندە ئونمىڭ يۈەن تاپىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6208:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى سىتورت.رىد بولۇپ، ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدىن، بۇ يىل 44ياش. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئۇ بىر "چوڭ ئەرلىك ئىدىيسى" كۈچلۈك ئادەم ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۆيىدە ھېچقانداق ئىش قىلمايدۇ، ھەممە ئىشنى قىز دوستى قىلىدۇ...بىراق، بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى بار، ئۇ بىر قول مودىلى.
   ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ قوللىرى مۇكەممەل قول ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئالقىنى بىلەن بارماقلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇق نىسبىتى، ئېلان سودىگەرلىرى ئۇچراتقان ئەڭ ياخشىسى... بۇ سەۋەپلىك، ئۇ بۇ قوللىرىنى ئاسراش ئۈچۈن، ئەسەبىيلىشىش دەرىجىسىگە يېقىنلىشىپ قالغان.
   ئۇ ھەركۈنى نەچچە سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ قولىغا ئاسراش قىلىدۇ؛ ھەركۈنى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى، قوللىرىغا ئۈرۈك مېغىزى مېيى سۇۋاش، كەچتە ئۇخلاشنىڭ ئالدىدىمۇ ھەم شۇنداق. ئۇ ھەرخىل ھەرياڭزا قول ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ۋە ئاسراش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغان بولۇپ، سىرتقا چىققاندا، قوللىرىغا ئاساسى جەھەتتىن پەلەي كىيىۋالىدۇ.
   ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ئەمەس، ئۇنىڭغا بىرەر لامپۇچكا ئالماشتۇرغۇزۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس! ئۇ قولىنى مۇشۇنداق، جېنىدىنمۇ بەكرەك ئاۋايلايدۇ. چۈنكى، ئۇ بۇ بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ ھەر سائىتىگە 2000يۈەندىن (خەلق پۇلى)، كۈنىگە ئاز دىگەندە ئون مىڭ يۈەن پۇل تاپىدۇ. ئۇ بۇنىڭغا تايىنىپ، لوندىن ئۆي سېتىۋالغان؛ ھازىر بولسا، قىز دوستىنى قولتۇقلاپ دۇنيانى چۆگىلەپ ساياھەت قىلىدۇ.
   شۇڭا ئۇ قوللىرىنى ئىنتايىن دىققەت قىلىپ ئاسرىشى كىرەك؛ ئەگەر قوللىرى ئازراق زەخمىلىنىپ بەرسە ياكى كۆكىرىپ قالسا، ئۇ نەچچە ھەپتە ئىشتىن توختاپ قالىدۇ.
   ئۇنىڭ بۇ كەسىپكە قەدەم قويۇشىغا كەلسەك، ئۇ ئالى مەكتەپنى ئەمدى پۈتتۈرگەن ۋاقىتتا، مودىل شىركىتى قولى ئۇزۇن چىرايلىق بىر مودىل ئىزەۋاتقان بولۇپ، ئۇ بېرىپ تىزىملاتقان بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن تاللاشتىن ئۆتۈپ كەتكەن. شۇندىن باشلاپ، ئۇ بۇ ساھەگە قەدەم قويغان.
   ھەرقېتىم ئېلان سۈرەتكە ئالىدىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يۈزىنى يۇغان يۇمىغانلىقى ياكى قانداق كىيىنىپ ياسانغانلىقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ؛چۈنكى، بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ دىققىتى ئۇنىڭ قولىغىلا مەركەزلەشكەن بولىدۇ. مەخسۇس ئۇنىڭ قوللىرىغا ئاسراش ئېلىپ بارىدىغان بىر كەسپى كوللىكتىپ بار بولۇپ، ئۇنىڭ تىرناقلىرىنى ياسايدۇ، قوللىرىنىڭ تىرىسىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ، قوللىرىنى ئۇۋۇلاپ سۈت جەۋھىرى سۇۋايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قولىنىڭ ئېكراندا مۇكەممەل ھالەتتە كۆرۈنىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
   ئادەتتە قول مودىللىرىنىڭ كەسپى ھاياتى 10-5يىل ئارىلىغىدا داۋاملىشىدۇ؛ بىراق، بۇ ئاغىنىمىز ھەرخىل ئاسراشلارنى ياخشى ئېلىپ بارغانلىقتىن، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغىلى 20يىل بولغان بولسىمۇ، قوللىرىنىڭ ھالىتى يەنىلا ياخشى ساقلىنىپ قالغان ھەمدە بۇ سەۋەپلىك كەسپى ھاياتىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىگەن. ئەگەر سىز ئەنگىلىيەگە ساياھەتكە بارغىنىڭىزدا، گىزىت-ژورنال، تېلىۋىزىيە ئېلانلىرى دىگەنلەرنى كۆرسىڭىز، چوقۇم ئۇنىڭ قولىنى ئۇچرىتالايسىز.
   ئۆي مۈلۈك ئېلانى
   قول سائىتى ئېلانى
   پىۋا
   ئۆي سىرتى
   يانفون
   مۇشۇنداق ئېلان سۈرەت فىلىملىرىگە تايىنىپ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن. (ئەگەر سىزمۇ قوللىرىڭىزنى چىرايلىق ھىس قىلىسىڭىز، قولىڭىزنى سۈرىتىنى تورغا چىقىرىپ بېقىڭ، بەلكىم سىزمۇ كۈنىگە ئونمىڭ يۈەن كىرىم قىلالىشىڭىز مۇمكىن)

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号