ئانىسىنىڭ سەۋەبىدىن 20ياشقا كىرگۈچە زاكىدىن ئاجرىيالمىغان قىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 11328:ئادەم ئۆگەندى
   بوۋاقلارغا زاكا ئىشلىتىش، ئىنتايىن نورمال بىر ئىش؛ بىراق، سىز قورامىغا يەتكەنلەرنىڭمۇ بوۋاقلار زاكىسى ئىشلەتكىنىنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ بۈگۈنكى تىلغا ئالماقچى بولغان بۇ قىز بۇ يىل 22ياش بولۇپ، ئۇ تۆت يېشىدىن باشلاپ كارۋاتقا سىيىپ ياتىدىغانغا ئادەتلىنىپ قېلىپ، ئىككى يىل ئالدىدا ئاندىن بۇ ئەھۋال ئوڭشالغان. دىمەك، بۇ قىز، 20ياشقا كىرگەندە ئاندىن كارۋاتقا سىيىپ ياتىدىغان كەمچىلىكىنى تاشلىغان.
   قىزنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭدا تۆت ياش ۋاقتىدا كارۋاتقا سىيىپ ياتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئانىسى ئۇنى قاتتىق ئۇرغان؛ بىراق ئانىسىدىن تاياق يىگەندىن كىيىن، قىز تەرىتىنى قىسىپ كارۋاتقا سىيمەي دىگەنسىرى، ئۇ شۇنچە بەك سىيىپ ياتىدىغان بولۇپ قالغان، ئانىسىمۇ ئۇنىمۇ شۇنچە ئۇرىۋەرگەن. نەتىجىدە، ئۇ چوڭ بولغاندىن كىيىمۇ بۇ ناچار ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن؛ ئۇ ئۆزىدىكى بۇ ئەھۋالنى مەلۇم بىرەر كىسەللىكتىن بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەن بولسىمۇ، ھەممە يىرى ساق چىققان.
   كىيىنچە، دوستلىرى ئۇنىڭ پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىشىنى ئېيتقان. پىسخىكا دوختۇرى ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كىيىن، قىزدىكى بۇ كەمچىلىكنىڭ، كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇرۇپ تىللىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققانلىقىنى، كىيىنچە ئۇخلاشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما كارۋاتقا سىيىپ ياتىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىنى بايقىغان. ئاخىرىدا، قىز پىسخىكا دوختۇرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا، ئاندىن سىيىپ ياتىدىغان بۇ ئادىتىنى تاشلىغان.
   سىيىپ قويۇش كىسىلى(遗尿症)، ئادەتتە كارۋاتقا سىيىپ يېتىش كىسىلى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كىچىك بالىلارنىڭ ئۇيقۇلۇق ھالەتتە ئۆزىنى تۇتالماي سىيىپ سېلىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە 4ياش ۋاقىتتا %20 سىيىپ قويۇش ئەھۋالى كۆرىلىدۇ، 10ياش ۋاقىتتا بولسان %5 بولىدۇ، ئاز بىر قىسىم بىمارلارنىڭ سىيىپ قويۇش كىسىلى قورامىغا يەتكۈچە داۋاملىشىدۇ. كۆرۈنەرلىك بولغان سۈيدۈك يولى ياكى نىرۋا سېستىمىسى خارەكتىرلىك كىسەللىك ئۆزگىرىشى بولمىغان بىمارلار، بىرلەمچى خارەكتىرلىك سىيىپ قويۇش كىسىلى دەپ ئاتىلىدۇ، ئومۇمى ساننىڭ %80-%70نى ئىگىلەيدۇ. تۆۋەنكى سۈيدۈك يولى توسۇلۇپ قېلىش، دوۋساق ياللۇغى، نىرىپ خارەكتىرلىك دوۋساق كىسىلى(نىرۋىدا كىسەللىك كۆرۈلۈش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان سىيىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كىسەللىكى) قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كىسەل بولۇپ قالغان بىمارلاردىكىسى بولسا، ئەگەشمە خارەكتىرلىك سىيىپ قويۇش كىسىلى دىيىلىدۇ. بىماردا كىچىسى ياتقان يىرىگە سىيىپ قويۇشتىن باشقا، كۈندۈزى سۈيدۈك قىستاش، سۈيدۈك كۆپ بولۇش، سىيىش قىيىن بولۇش، سۈيدۈك تامچىلاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.

چېنىقىش ئۈچۈن ئايدا قىرىقمىڭ يۈەن خەجلەيدىغان ئەر-خوتۇن

ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خو

يەتمىش ياشلىق موماينىڭ قورسىقىدىن قىرىق يىللىق ھامىيلە چىقتى

لىكىن، بۈگۈن بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ "ھامىلدار ئايال" يەتمىش نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا "ھامىلد

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号