ھازىرقى جەمئىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاشقازىنى نىسبەتەن ئاجىزلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەگەر ئادەمنىڭ ئاشقازان-ئۆت ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كەتسە، ئۇنداقتا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ياكى ھەزىم قىلىشنىڭ ناچارلىشىشىنى پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ئاشقازان ئۆت ئىقتىدارىنى يىمەكلىك ئارقىلىق تەڭشەشكە ئەھمىيەت بەرمەك لازىمدۇر. تۆۋەندىكى بەش خىل يىمەكلىك ئاشقازان ۋە ئۆتكە قارىتا پايدىلىق، ئادەتتە كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىڭ!

پىچەكگۈل
پىچەكگۈل، يامان ئەمەس بىر خىل قۇۋۋەت يىمەكلىكى بولۇپ، ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر پىچەكگۈلنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ سىناپ باقسا بولىدۇ. پىچەكگۈلنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن مول، مەسىلەن كىراخمال ئىنىزىمى؛ كىراخمال ئىنىزىمى ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، بۇ ئارقىلىق ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، پىچەكگۈلنى باشقا يىمەكلىك ماتىرياللىرى بىلەن بىللە قوشۇپ شورپا قاينىتىپ ئىچسە، تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
ئاپلىسىن
ئاپلىسىن تەركىبىدە ۋىيتامىنلار بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش رولىنى ئويناپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە بەدەننىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىمۇ بار. بۇندىن باشقا، ئاپلىسىننىڭ ئاشقازان ۋە ئۆتنى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، بىزدە ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان كۆڭۈل ئاينىپ ياندۇرۇش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش قاتارلىقلارغا قارىتا بەلگىلىك ياخشىلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.

ئالما
ئالما، تۇرمۇشتا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى. ئالمىنىڭ تىرىنى ياخشىلاپ ھۆسىن گۈزەل لەشتۈرۈش رولىدىن باشقا، ئاشقازان-ئۆت سۇغۇقچان دوستلارغا نىسبەتەن، مۇۋاپىق تۈردە ئالما ئسىتىمال قىلىپ بەرگەندە، ئاشقازان ۋە ئۆتنى قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئالما تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان ئۇزۇقلۇق ماددىلار بولۇپ، ئادەتتە بىزدە كۆرىلىدىغان ئىچى سۈرۈش ياكى قەۋزىيەتكە ئوخشاشلا پايدا قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، ئالما ئىستىمال قىلغاندا ئادەمگە بەلگىلىك تويۇنۇش تۇيغۇسى ئېلىپ كىلىدىغان بولغاچقا، ئۇرۇقلىماقچى بولغان دوستلارنىڭ بىرقەدەر ياخشى تاللىشى ھىسابلىنىدۇ.
نىلوپەر غولى
نىلوپەرغولى، تەبىئىتى سۇغۇق يىمەكلىك بولۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئادەتتە مىڭىنى تىنچلاندۇرۇش رولى ئۆتەش بىلەن بىرگە بەلگىلىك دەرىجىدە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق، نىلوپەرغولىنى ئىمكان قەدەر پىشىرۇپ ئىستىمال قىلىش كىرەك؛ پىشۇرماي خام ئىستىمال قىلسا، ئاسانلا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قوي گۆشى
قوي گۆشىنىڭ قاننى قۇۋۋەتلەش رولى بار بولۇپ، بىزنى يىتەرلىك دەرىجىدە ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. قوي گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئاشقازان ۋە ئۆتى سۇغۇقچان كىشىلەرگە قارىتا بەلگىلىك دەرىجىدە قۇۋۋەتلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قوي گۆشى پىشىرۇلغاندىن كىيىن، بەدەنگە سۈمۈرلىشى نىسبەتەن ئاسان بولىدۇ.