كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ خىل خاتالىقتىن ساقلىنىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5862:ئادەم ئۆگەندى
   كىشىلىك ھاياتتا خاتلىق ئۆتكۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، چۈنكى دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ.
   بىراق، بەزى خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ قېلىشقا بولىدۇ؛ بۇنداق خاتالىقلارغا نىسبەتەن، بىز بىلىپ تۇرۇپ سادىر قىلماستىن، بەلكىم ساقلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز كىرەك.
   كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىش، بايلىق بىلەن مۇھەببەت بولۇپ، بايلىق قوغلىشىشتا بىز دۇرۇس يولدىن مېڭىشىمىز، مۇھەببەت جەھەتتىمۇ سورۇن ۋە ئادەمگە بېقىپ ئىش كۆرىشىمىز كىرەك. كىشىلىك ھاياتتىكى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل خاتالىقنى سادىر قىلىپ سېلىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ، بولمىسا پۇشايمانغا ئالغىلى قاچا تاپالماي قالىسىز.
نام-مەنپەئەت ئۈچۈن خاتا يولغا كىرىپ قېلىش
   ئادەمنىڭ بايلىق قوغلىشىشى نورمال ئەھۋال، ئەمما ئۇسۇل توغرا بولۇش كىرەك؛ بىراق بەزى كىشىلەر، نام-مەنپەئەت قوغلىشىپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ، ھەتتا يامان يولغا مېڭىپ قالىدۇ.
   بەزىلەر خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ پارە ئالىدۇ ياكى دۆلەتنىڭ مال مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ؛ بۇ ئەمىلىيەتتە، پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈن خاتا يولغا مېڭىشنىڭ ئەڭ تىپىك بىر مىسالىدۇر.
  نام-مەنپەئەت قوغلىشىشتىكى بۇ خىل توغرا بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللانغانلار، گەرچە بىر مەزگىل كۆرەڭلىيەلىسىمۇ، ئەمما ھامان بىر كۈنى قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ ھەمدە نام ۋە مەنپەئەت ھەر ئىككىسىدىن قۇرۇق قېلىپ، ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئۆمرى ۋە ئائىلىسىنى گۇمران قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەم بولۇشتا يەنىلا يۇۋاشلىق بىلەن ئادەم بولۇپ توغرا يولدا ماڭساق، ئەكسىچە بايلىقىمىز ئاز-ئازدىن توپلىنىدۇ، نام-ئابرويىمىزمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ.
ھۇزۇر-ھالاۋەتنى دەپ قالايمىقان كىشىلەر بىلەن دوستلىشىش
   بەزى كىشىلەر، پەقەت سىزىم ئەزاسىدىكى ھۇزۇر-ھالاۋەتنى دەپلا، بەزىبىر قالايمىقان كىشىلەر بىلەن دوستلىشىپ، كۈنىنى يەپ ئىچىش ياكى بەزىبىر ناچار قىلمىشلار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بەزىدە داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
    بىر مەزگىللىك كۆڭۈل خوشىنى دەپ، ئۆزىنىڭ كىيىنكى يېرىم ئۆمۈرلۈك بەختىنى دوغا تىكىش، ئاڭلىماققىلا قەتئى ئەرزىمەيدىغان بىر ئىش.
   بۇ خىلدىكى كىشىلەر، باشلىنىشتا بەلكىم بۇنداق قىلىشنى بەك ناچار بىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن؛ بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئىش ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي تەدرىجى ھالدا كونتىروللىقىنى يوقىتىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر بىلىپ بىلمەي بەزىبىر چەكلەنگەن دورىلارغا خۇمار بولۇپ قالىدۇ. سىز بەلكىم باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىدىم دەپ ئاغرىنىشىڭىز مۇمكىن؛ بىراق، ئەگەر سىز بۇ خىلدىكى كىشىلەر بىلەن دوستلىشىپ ئارىلاشمىسىڭىز، ئۇلار سىزنى قانداقمۇ قىزىقتۇرالىسۇن؟
   شۇنىڭ ئۈچۈن، دوست تۇتۇشتا چوقۇم ئىھتىياچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن بولغان تەقدرىدىمۇ كۆزىنى يوغان ئېچىپ كاللىنى سەگەك تۇتۇش لازىم. چۈنكى، ئەسكى ئادەملەرنىڭ قىزىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ قەستەن ھالدا ئۆزىمىزنى قويۇپلا بەرسەك، گەرچە بىر مەزگىللىك خۇشاللىققا ئىرىشكەندەك قىلساقمۇ، ئەمما ئاخىرىدا ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان ئاقىۋەتكە قېلىشىمىز مۇمكىن.
ياخشى كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش
   ياخشى كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان ئادەم، ئاشۇ چەكلەنگەن دورىلارغا ئوخشاشلا قورقۇنچلۇق؛ ياخشى كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش، ئوت بىلەن ئويناشقانغا ئوخشاش خەتەرلىك.
   مەسىلەن، سىز بىر ئايال كىشىنىڭ ئىرى ياكى ئوغۇل دوستى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى يەنە قوغلاشسىڭىز، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسىڭىز، ئەگەر ئۇنىڭ ئىرى ياكى ئوغۇل دوستى ئەسەبى مىجەزلىك ئادەم بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىزگە بالا تېپىۋىلىشىڭىز مۇمكىن.
   يەنە بەزى ئاياللار، توي قىلىپ بولغان ئائىلىسى بار ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ ئەركىشىنىڭ ئۆزىنى دەپ ئايالىدىن ئاجراشمايدىغانلىقىنى، ئۆزى بىلەن بىرگە بولۇشتىكى مەقسىتىنىڭ پەقەت كۆڭۈل خوشى قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىپ تۇرسىمۇ، ئۇلار يەنە بۇ پاتقاققا چۆكۈپ، نەچچە يىللىق ياشلىق باھارىنى بىكارغا ئىسراپ قىلىۋىتىدۇ.
   نەتىجىدە، دائىم خەۋەرلەردە كۆرىدىغىنىمىزغا ئوخشاش، يىنىكرەك بولغانلىرى قارشى تەرەپنىڭ ئايالى تەرپىدىن ئۇرۇپ سوقىلىپ خەلق ئالەمنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ؛ ئېغىرراق بولغاندا، قارشى تەرەپنىڭ ئايالىنىڭ ئەسەبى ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچراپ، ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىدۇ.
   شۇڭلاشقا، ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا داغ قالمىسۇن دىسىڭىز، بۇ خىلدىكى مۇھەببەتكە چۆكۈپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ياخشى كۆرۈشكە تىگىشلىك بولمىغان ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قالماسلىقىڭىز كىرەك.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号