مۇھەببىتى قالمىغان ئەر-خوتۇنلار ئاجراشمىسا كىم ئەڭ پايدا ئالىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5893:ئادەم ئۆگەندى
   تۇرمۇش خۇددى بىر رەھىمسىز ئويما پىچىقىغا ئوخشاش، بىزنى ئويۇپ ئوخشاش بولمىغان ھالەتلەرگە ئەكىلىپ قويىدۇ؛ ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا تېخىمۇ ھەم شۇنداق بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت بىرگە ئۆي تۇرۇپ ئولتۇرغاندىن كىيىن، ھەركۈنى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن، تۇرمۇشتىن زىرىكىش ۋە ئەھمىيەتسىز ھىس قىلىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، مۇھەببەت بارغانسىرى سۇسلىشىپ، قىزغىنلىق تەدرىجى يوقىلىدۇ؛ بەزىلەر باشقا يات جىنىسلىقلار ئۈستىدىن يىڭىلىق تۇيغۇسى ئىزدەپ، توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قاراشنى تاللايدۇ.
   ئۇنداقتا، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا مۇھەببەت قالمىغاندا، سىز بولسىڭىز قانداق بىتەرەپ قىلىشنى تاللايسىز؟ ئاجرىشىپ كىتەمسىز ياكى ئىزچىل تۈردە سۆرىشىپ ئۆتۈپ كىتىۋىرىشنى تاللامسىز؟ ئاجرىشىپ كىتىشنى بۈگۈن تىلغا ئالماي تۇرايلى؛ ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئىزچىل تۈردە سۆرىشىپ ئاجراشماي، نامدا بار ئەمەلدە قۇرۇق توي تۇرمۇشىنى ساقلاپ ئۆتسە، بۇ خىل مۇناسىۋەتتە، ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئىرىشكۈچى كىم بولىدۇ؟
   چىن جىڭنىڭ ئىرى جاڭ چىن بىلەن توي قىلغىنىغا 10يىل بولغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككى ئوتتۇرسىدا ئاللبۇرۇنلا ئەينى ۋاقىتتىكى قىزغىنلىق قالمىغان، مۇھەببىتىمۇ سۇسلىشپ قالغان. ئىرى جاڭ چېن بولسا ئايالىغا بارغانسىرى خوشياقمىغاندەك مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالغان؛ ئايالى چىن جىڭ گەرچە بۇ نوقتىنى چۈشەنسىمۇ، ئەمما بالىسىغا مۇكەممەل بىر ئائىلە بىرىشنى ئويلاپ، چىداپ ئۆتۈپ كىتىۋاتقان. ئەسلىدە، ئىرى جاڭ چىن بۇنداق ئەمەس ئىدى، گەرچە ئارىدا قىزغىنلىق تۇيغۇسى قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ھەرھالدا ئۆيىگە ئىتىبار بىلەن قارايتتى؛ بىراق، يېقىندىن بىرى ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىش بارغانسىرى كۆپلەپ كەتكەچكە، ئايالى چىن جىڭ يۇشۇرۇنچە تەكشۈرۈپ، ئىرىنىڭ تالاغا قارىغانلىقىنى بايقاپ قالغان. بۇ ۋاقىتتا چىن جىڭ غەزەپلىنىپ ئۈمىدسىزلەنگەن؛ ئۇ گەرچە ئىرى بىلەن قاتتىق جىدەل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ھېچ ئۈنۈمى بولمىغان، چۈنكى ئىرىدە ئۇنىڭغا قارىتا مىھرى مۇھەببەت دىگەن نەرسە قالمىغان ئىدى.
   جاڭ چىن گەرچە گۇنانىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ناھايىتى تىنچ ھەم خاتىرجەم بىر خىل روھى ھالەتنى ئىپادىلەپ، ئايالى چېن جىڭغا "سىز ھەممىنى بىلىپ بولغان ئىكەنسىز، بىز ئاجرىشىپ كىتەيلى، مەن ئاللىبۇرۇنلا سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان" دىگەن. ئىرى جاڭ چېننىڭ بۇ سۆزلىرى چىن جىڭغا قاتتىق زەربە بولۇۇپ تىگىپ، ئۇنىڭغا پۈتكۈل دۇنيا ئۇنى ئالداۋاتقاندەك بىر خىل تۇيغۇ بەرگەن. توي قىلغان ئون يىلدىن بىرى، چىن جىڭ پۈتۈن ۋەزىپىلىك بىر ئائىلە ئايالى بولۇپ، جاپاغا چىداپ ئۆي تۇتقان، ئائىلىسى ئۈچۈن ئويلاپ تۈگەتكىسىز بەدەللەرنى تۆلىگەن؛ لىكىن ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئىرىشكىنى بولسا، ئىرىنىڭ ساداقەتسىزلىكى بولغان.
   بۇنداق ئەھۋالدا، چىن جىڭ قانداقمۇ ئاسانلىقچە بولدى قىلسۇن؟ ئۇ ئىرىنىڭ سۆزلىرىگە قەتئىيلىك بىلەن بىۋاستە رەددىيە بىرىپ، "ئاجرىشايلى؟ ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپسىز! مەن بۇ ئۆينى تۇتىمەن دەپ قانچىلىك جاپالارنى تارتمىدىم، ئەڭ ياخشى ياشلىق باھارىمنى سىزگە بېغىشلىدىم؛ ئەمما سىز سىرتتا  ئاشنا تېپىۋاپسىز، يۈزسىز ئەبلەخ!" دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق، جاڭ چىن يەنىلا ناھايىتى تىنچ ھالدا، "ئىختىيارىڭىز، ئاجراشمىسىڭىز ئۇنداقتا مۇشۇنداق سۆرىشىپ ئۆتىۋىرەيلى، ئاخىرىدا ئۆزىڭىز پۇشايمان قىلمىسىڭىزلا بولدىغۇ" دەپ جاۋاپ بەردى.
   چىن جىڭ جاڭ چىننىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ئويىنى ئوبدان بىلەتتى؛ ئىرى جاڭ چىن ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ، تىزدىن ئۈچىنچى شەخىسنى ئەمرىگە ئېلىپ بۇ ئۆيگە ئەكىرىشنى ئويلاشقان ئىدى. چىن جىڭ بۇنى ئويلىغانسىرى ئاچچىقى كىلىپ، ھازازۇل بىر خوتۇنغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.
   چىن جىڭنىڭ دوستى ئۇنىڭغا، زىياننى ۋاقتىدا توختىتىش ھەمدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ كۆپ مەنپەئەتكە ئىرىشىشكە تىرىشىش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى. چىن جىڭنىڭ روھى كەيپىياتى تەدرىجى ھالدا تىنىچلىنىپ، دوستىنىڭ سۆزلىرىنى توغرا تاپتى.
   ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن مۇشۇنداق سۆرىشىپ ۋە سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىپ ئۆتىۋەردى، توي مۇناسىۋىتى بولسا نامدا بار ئەمەلدە قۇرۇق بولۇپ قالغان ئىدى. بىراق، ئىرى جاڭ چىننىڭ ئاشنىسى بۇنىڭغا كۆنمىدى؛ ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاۋىرىپ، ئاخىرى بولالماي جاڭ چىنگە تەھدىت سېلىشقا باشلىدى: "بىز ئايرىلىپ كىتەيلى، مەن سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن ھېچقانداق بىر ئۈمىد ياكى كەلگۈسىنى كۆرەلمىدىم، مىنىڭ ياشلىق باھارىمنى بۇنداق بىكار قىلىۋەتكۈم يوق". بۇ ۋاقىتتا، جاڭ چىن جىددىلىشىشكە باشلىدى، ئۇ بار ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئايالى چىن جىڭنى ئاجرىشىپ كىتىشكە قىستىدى؛ ئەمما چىن جىڭ، ئۆزىگە ساداقەتسىزلىك قىلغان ئىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئاجرىشىشقا قەتئى ئۇنىمىدى.
   شۇنداق قىلىپ، جاڭ چىننىڭ ئاشنىسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتى؛ بۇ ۋاقىتتا، جاڭ چىن ئىنتايىن غېرىپلىق ھىس قىلىپ، يۈزىنى قېلىنشىتىپ چىن جېڭنىڭ يېنىغا كىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئەپلىشىپ قېلىشنى ئۆتۈندى. ئەمما بۇ ۋاقىتتا، چىن جىڭ ئەكسىچەجاڭ چېنغا، ۋاقىتنىڭ يىتىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمدى ئاجرىشىپ كىتىشنى ئېيتتى. بۇ چىن جىڭنىڭ ئىرى جاڭ چىن بىلەن مەسلىھەتلىشىشى ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇنىڭغا چۈشۈرگەن ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم ئىدى. چىن جىڭ بىۋاستە سوتقا بېرىپ ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ ئەرز سۇنغان ھەمدە جاڭ چىننىڭ تالاغا قارىغانلىق ئىسپاتلىرىنى ئوتتۇرغان قويغان. ئاخىرىدا، سوت ئۇلارنىڭ ئاجرىشىپ كىتىشىگە قوشۇلغان ھەمدە كۆپ قىسىم مال-مۈلۈكنى چىن جىڭغا بۇيرۇپ بەرگەن.
   جاڭ چىن بىراقلا ھەممە نىمىسىدىن ئايرىلىپ قالغان؛ ئاشنىسى ئۇنى تاشلاپ كىتىپ قالغان، ئايالى ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشقان، ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئەيىبلىگەن، ھەتتا بالىلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يېراقلاشقان. بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى، ئۇ ئۆزىگە ئۆزى قىلغان ئىدى.
   ئاخىرقى سۆز: تالاغا قارىغان جاڭ چىن، ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا مۇناسىپ بەدەل تۆلىگەن؛ بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ھەقلىق بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ، ئۆيىدە شۇنداق كۈيۈمچان ئايالى تۇرسا قەدىرلەشنى بىلمەي، سىرتتا ھاياجانلىق ئىزدەپ توي مۇناسىۋىتىگە ئاسىيلىق قىلغانلىقىنىڭ جازاسى ئىدى. بەزى ۋاقىتلاردا، ئاجرىشىپ كىتىشنى قوبۇل قىلماق تەس بولسىمۇ، ئەمما كۆڭۈل ئازار يىگەن ئەھۋال ئاستىدا، تېخىمۇ ياخشى ئويلىشىشقا كىرەك بولغىنى، ئۆزىمىزنىڭ چىقىش يولىدۇر.

چېنىقىش ئۈچۈن ئايدا قىرىقمىڭ يۈەن خەجلەيدىغان ئەر-خوتۇن

ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خو

يەتمىش ياشلىق موماينىڭ قورسىقىدىن قىرىق يىللىق ھامىيلە چىقتى

لىكىن، بۈگۈن بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ "ھامىلدار ئايال" يەتمىش نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا "ھامىلد

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号