بۆدۈنە تۇخۇمى بىلەن توخۇ تۇخۇمى قايسى بەكرەك قۇۋۋەتلىك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6221:ئادەم ئۆگەندى
   ھازىر خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ياخشىلىنىپ، يىمەكلىككە بولغان تەلىۋىمۇ بارغانسىرى يۇقىرىلاپ كەتتى؛ كىشىلەر يىمەكلىككە قارىتا، تەمىنى قوغلىشىپلا قالماي، ئۇزۇقلۇق قىممىتىگە تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدىغان بولدى. بەزى كىشىلەر، توخۇ تۇخۇمىنى ئەرزان، شۇڭا ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن دەپ قاراپ، باشقا خىلدىكى تۇخۇم تۈرلىرىنى ئىزدەپ ئىستىمال قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بۆدۈنە تۇخۇمى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشمەكتە.
   ئىلگىرى دوستلار چەمبىرىكىدە بىر پارچە ماقالە تارقالغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە، بۆدۈنە تۇخۇمى تەركىبىدىكى  فولىن كىسلاتا، Bئائىلىسىدىكى ۋىيتامىنلار، لىتسىتىن، سېفالىن قاتارلىقلار ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ توخۇ تۇخۇمىنىڭكىگە قارىغاندا مول ئىكەنلىكى، ئادەتتە كىشىلەرنىڭ كۆپ ئىستىمال قىلماسلىقى، ئۇنىڭ باھاسىنىڭ نىسبەتەن قىممەت بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.
   بىراق، ئۇزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ دىيىشىچە، بۆدۈنە تۇخۇمى بىلەن توخۇ تۇخۇمىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى، ئەمىلىيەتتە كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن. چۈنكى، تۇخۇم تۈرىدىكى يىمەكلىك ماتىرياللىرىنىڭ ئاساسلىق ئۇزۇقلۇق تەركىبى ئاقسىل بولۇپ، ھەرخىل تۇخۇملارنىڭ ئاقسىل تەركىبى ئاساسەن ئوخشاش؛ يەنى، ئوتتۇرا ھىسابتا ھەر يۈز گىرام تۇخۇم تەركىبىدە 13گىرام ئاقسىل بار ئىكەن. تەتقىقات سانلىق مەلۇماتلىرىدا بايقىلىشىچە، ھەرخىل تۈردىكى تۇخۇملارنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارىنىڭ پەرقى، ئەڭ كۆپ بولغاندا %10 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
   باشقا ئۇزۇقلۇق تەركىبلىرىگە كەلسەك، ئومۇمى ئۇزۇقلۇق قىممىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىگۈدەك ئەمەس؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەرخىل تۇخۇملارنىڭ تەركىبىدىكى باشقا ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى جەھەتتە، كۆپ پەرقلەنمەي قالسىلا، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىقى بار.
   مەسىلەن، كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك ۋە سېلىن قاتارلىق مىنرالنى ئىلمىنت تەركىبى، ھەرخىل تۈردىكى تۇخۇملاردا ئاساسەن ئوخشاش چىقىدۇ.  ئەمما ۋىيتامىن تەركىبى جەھەتتە، بۆدۈنە تۇخۇمىنىڭ ۋىيتامىن B2تەركىبى، بارلىق تۇخۇملارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى، شۇڭا تەبىئىيلا توخۇ تۇخۇمىنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرىراق كىلىدۇ؛ بىراق، توخۇ تۇخۇمىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىن Dنىڭ مىقدارى، 80بىرلىك خەلقئارا ئۆلچەم بىرلىكىگە يىتىدىغان بولۇپ، باشقا خىلدىكى تۇخۇملارغا قارىغاندا %30يۇقىرى.
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئۇزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتە، توخۇ توخۇمى بىلەن  بۆدۈنە تۇخۇمى كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ؛ كۆپچىلىك، تۇخۇم باھاسى ۋە ئۆزىنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن تاللىسا بولىدۇ. بۇندىن باشقا تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، مەيلى توخۇ تۇخۇمى بولسۇن ياكى بۆدۈنە تۇخۇمى بولسۇن، ئسىتىمال قىلغاندا تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك پەرھىزگە دىققەت قىلماق لازىم.
   بىرىنچىدىن، مىقدارنى كونتىرول قىلىش كىرەك. ئادەتتە، قورامىغا يەتكەن نورمال كىشىلەرگە نىسبەتەن، بىر كۈندە 2-1 تال توخۇ تۇخۇمى ياكى 4-3تال بۆدۈنە تۇخۇمى يىيىش ئەڭ مۇۋاپىق. ئەگەر بەك كۆپ يەۋالغاندا، بەدەنگە قوبۇل قىلغان ئاقسىل نورمال چەكتىن ئېشىپ كىتىپ، سالامەتلىككە پايدىسىز بولىدۇ.
   ئەلۋەتتە، ئەگەر كالا سۈتى، گۆش، بېلىق قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى نىسبەتەن ئاز قىلسا، ئۇنداقتا تۇخۇمدىن مۇۋاپىق ھالدا بىر ئىككىنى كۆپرەك ئىستىمال قىلساق بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ئەگەر ھەرىكەت مىقدارى بەك كۆپ بولسا، مەسىلەن جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇدىغان كىشىلەر توپىمۇ، مۇۋاپىق تۈردە تۇخۇم ئىستىمال قىلىپ "قۇۋۋەت تۇلۇقلىسا" بولىدۇ.
   ئىككىنچىدىن، يۈرەك مىڭە قان تۇمۇرلىرى كىسەللىكلىرى بار كىشىلەر، تۇخۇمنى قالايمىقان ئىستىمال قىلماسلىقى كىرەك. بارلىق تۇخۇم تۈردىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئاساسەن دىگۈدەك ھەممىسىنىڭلار خولىستىرىن تەركىبى نىبسەتەن يۇقىرى؛ گەرچە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يىمەكلىك كۆرسەتمىسىدە خولىستىرىنغا بولغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يۈرەك مىڭە قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن، خولىستىرىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى مۇۋاپىق تۈردە كونتىرول قىلىش كىرەك، بولمىغاندا كىسەللىك ئەھۋالىغا پايدىسىز بولىدۇ.

چېنىقىش ئۈچۈن ئايدا قىرىقمىڭ يۈەن خەجلەيدىغان ئەر-خوتۇن

ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خو

يەتمىش ياشلىق موماينىڭ قورسىقىدىن قىرىق يىللىق ھامىيلە چىقتى

لىكىن، بۈگۈن بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ "ھامىلدار ئايال" يەتمىش نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا "ھامىلد

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号