دۇنياغا داڭلىق ھەشەم شاكىلاتلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5827:قېتىم كورۇلدى
   دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەر بار بولۇپ، ھەربىر دۆلەتنىڭ ئۆزىگە خاس يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرى بار؛ مەسىلەن، فىرانسىيەلىكلەر بۇرانى يىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىيالىيەلىكلەر ناشتىدا چوقۇم مىۋە قىيامى ئىستىمال قىلىدۇ دىگەنلەرگە ئوخشاش. بىراق، بۇ خىل يىمەك-ئىچمەك ئادەتلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەردە قارشى ئېلىشقا ئىرىشەلىشى ناتايىن؛ ئەمما بىر خىل يىمەكلىك، مەيلى قايسى دۆلەت ياكى رايونلاردا بولمىسۇن، ئوخشاشلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشكەن، ئۇ بولسىمۇ شاكىلاتتۇر. بازاردا، ھەرخىل ماركىدىكى شاكىلاتلار ئىنتايىن كۆپ؛ بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق بولغان تۆت خىل ھەشەم شاكىلاتىنى تۇنۇشتۇرىمىز.
ئىتالىيە دومورى شاكىلاتى
   بۇ خىل شاكىلات دۇنيا بويىچىمۇ ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىدۇ؛ بۇ خىل شاكىلاتنىڭ ئىشلەتكەن ماتىرياللىرى ھەممىسى يۇقىرى سۈپەتلىك خام ماتىرياللار بولۇپ، تەمى ئىنتايىن ساپ. بۇ خىل تەمدىكى شاكلات ئەڭ تەبىئى تەملىك بولۇپ، ھېچقانداق ئارىلاشمىسى يوق، شۇڭلاشقا دۇنيادا بىردىنبىر بولغان تەم ھىسابلىنىدۇ.
بىلگىيە پىررىي ماركولىنى شاكلاتى
   بۇ شاكلات، بىلگىيىنىڭ ئىنتايىن داڭلىق بىر خىل شاكلاتى بولۇپ، نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە بۇ خىل شاكلاتنى ئىستىمال قىلىش، ئىنتايىن تەس بىر ئىش. گەرچە بۇ خىل شاكلاتنىڭ سىرتقى ياسىلىش شەكلى ئادەتتىكىچە—يەنى ئەڭ ئاددى بولغان يۈرەك شەكىلدە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئىنتايىن ئالقىشقا ئىرىشكەن. ئۇنىڭ ئورالمىسى قارىماققا ئىنتايىن نەپىس كۆرىنىدۇ، ئاددىيلىق ئىچىدە نەپىسلىكىنى يوقاتمىغاچقا، بىر خىل گۈزەل مۇھەببەتنىڭ سىمىۋولى قىلىنىدۇ.
فىرانسىيە رىچارد شاكلاتى
   فىرانسىيەلىكلەر ئەڭ رومانتىك كىلىدۇ، شۇڭا ئىشلەپچىقارغان شاكلاتىمۇ ئىنتايىن چىرايلىق. بۇ خىل شاكلات تەمى مۇكەممەل بولۇش ئاساسىدا، لايىھەلىگەن سىرتقى شەكلىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن ئۆزگىچە كۆرىنىدۇ. بۇ خىل شاكلاتنىڭ قارىماققا سىرتقى شەكلى چىرايلىق بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ باشقا تۈردىكى داڭلىق شاكلاتلاردىن قېلىشمايدۇ.
بىلگىيە گۈيلىيەن شاكلاتى
   بۇ خىل شاكلات قارىماققا ماروژنىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ناھايىتى ئوماق كۆرىنىدۇ؛ ئۇنىڭ ئورالمىسى دېڭىز قۇلۇلىسى شەكلىدە ياسالغان بولۇپ، ناھايىتى مول بولغان مودا ئېقىم تۇيغۇسىغا ئىگە. بۇ خىل شاكلات، "شاكلات خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى" دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، بۇ نامنىڭ ئۆزىدىنلا، ئۇنىڭ داڭقىنى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى بىلىۋىلىشقا بولىدۇ.
   بۇ شاكلاتلارنى، دۆلەت ئىچىدە تاپماق تەس؛ تاپقىلى بولغان تەقدىردىمۇ باھاسى ئىنتايىن قىممەت بولۇپ، شاكلات ئىچىدىكى ھەشەم بۇيۇمى ھىسابلىنىدۇ. ھازىرقى بازاردا نىسبەتەن داڭ ئالغان ۋە كۆپ ئۇچرايدىغان دېۋو شاكلاتىنى ئالساق، گەرچە ئۇنىڭمۇ تەمى يامان ئەمەس بولسىمۇ، ئەمما يۇقارقى شاكلاتلار بىلەن تەڭ ئورۇندا قويغىلى بولمايدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号