بېلىق داغلىغاندا قازانغا مايلا قۇيسىڭىز بولمايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5942:قېتىم كورۇلدى
   بېلىق، مىھماندارچىلىق ئۈستىلىدىكى كەم قالمايدىغان يىمەكلىكنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، نۇرغۇن ئائىلىلەردىمۇ بېلىقنى ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدۇ. بېلىقنىڭ تەييارلاش ئۇسۇللىرى كۆپ، ھەربىر خىل ئۇسۇلنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە تەمى بار؛ ئەمما ياشلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغىنى، يەنىلا مايدا داغلانغان بېلىقتۇر. بىراق، بەزىدە بېلىق داغلاش جەريانىدا قازانغا چاپلىشىۋالىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بېلىق داغلىغاندا، قازانغا مايلا قۇيساق بولمايدۇ، يەنە بىر خىل ماتىريال قوشقان ۋاقىتتا، بېلىق گۆشى يۇمران ھەم تەملىك داغلىنىپلا قالماي، يەنە قازانغا چاپلىشىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؛ بۇ خىل ماتىريال، ئاق شىكەردۇر.
   ئادەتتە، بېلىق داغلاشتىن بۇرۇن، ئاۋال بېلىقنى بىتەرەپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ جەرياندا، بېلىقنىڭ ئىچى تېشىنى پاكىزە يۇيۇپ تازىلاپ، غەلىتە پۇراق ۋە تەمنى يوقىتىش ئۈچۈن، بېلىقنى تۇزلايمىز.
   كەينىدىن، تۇزلانغان بېلىقنىڭ سۈيىنى ساقىتىۋىتىپ، داغلاشقا تۇتۇش قىلىمىز. بۇ ۋاقىتتا، ئاۋال بېلىق تىرىسىگە ئازراق ئاچچىقسۇ سۈركەيمىز ھەمدە قازان ئازراق ئاق شىكەر سالىمىز؛ بۇ ئىككى ئىشنى تاماملىغاندىن كىيىن، قازانغا ماي قۇيۇپ، بېلىقنى داغلاشنى باشلىساق بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا داغلانغان بېلىقنىڭ تىرىسى بۇزۇلۇپ كەتمەي بىرقەدەر پۈتۈن چىقىدۇ، ھەمدە قازانغىمۇ چاپلىشىۋالمايدۇ.
   ئۇنداقتا، ئاق شىكەرنىڭ نىمىشقا بۇنداق رولى بار بولىدۇ؟ چۈنكى، ئاق شىكەر، ماي تىمپىراتۇرسىنىڭ بېلىققا تەسىر كۆرسىتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا، شىكەر قوشۇلغان ماي، بېلىقنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئۇنداق تىز سىڭىشىپ كىرەلمەيدۇ. بۇ سەۋەپلىك، بېلىقنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا داغلاپ پىشۇرغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ تەمىنىڭ ياخشى ۋە گۆشىنى يۇمران بولۇشىغا، ھەمدە رەڭگىنىڭمۇ ئىشتىھانى قوزغىغۇدەك دەرىجىدە چىرايلىق چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
   شۇڭلاشقا، كىيىنكى قېتىم بېلىق داغلىماقچى بولغاندا، سىزمۇ ئاق شىكەر قوشۇپ سىناپ بېقىڭ! چوقۇم كۆڭلىڭىزدىكىدەك ئۈنۈمگە ئىرىشەلەيسىز.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号