سىز بىزنىڭ بەدىنىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئەمىلىي قوللىنىشچان ساۋاتلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6056:قېتىم كورۇلدى
   ئۆزىنىڭ بەدىنىگە قارىتا، ھەممە ئادەم چوقۇم تۇلۇق چۈشىنىمەن دەيدۇ؛ بىراق بەدىنىمىزدە مەسىلە كۆرۈلگەن ۋاقىتتا، كۆپ قىسىملىرىمىز نىمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز. ئەمىلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشتا، بىز بەدىنىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بەزىبىر ساۋاتلارنى بىلىۋىلىشىمىز كىرەك.
بويۇننى تولغاش ئارقىلىق قولنىڭ سىقىرىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ
   بەزىدە، ئۇيقۇ سۈپىتىمىز ياخشى بولماسلىق ياكى ئۇخلاش  قىياپىتىمىز توغرا بولماسلىق سەۋەبىدىن، ئىككى قولىمىز سىقىراپ قالىدۇ؛ بۇ گەرچە چوڭ مەسىلە بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەمنى بىردەم بىئارام قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش كىرەك؟ ئەمىلىيەتتە، ناھايىتى ئاددى؛ قولىنىڭ سىقىراپ قېلىشى، بويۇن قىسىم بېسىلىشقا ئۇچراپ قان ئايلىنىش راۋان بولالمىغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇنداق ئەھۋالدا بويۇننى تولغاپ مىدىرلىتىپ بەرسەك، بويۇن قىسىمدىكى قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، قولنىڭ سىقىرىشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.
قولاقنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق گال قىچىشىشنى ياخشىلاش
   گال قىچىشىش ھەمىشە ئادەمنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ؛ بولۇپمۇ بەزىبىر مۇھىم سورۇنلاردا، ئادەمنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ، ھەرقانچە سۇ ئىچىپ بەرسەكمۇ ئۈنمى كۆرۈلمەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، گال قىچىشىشىنى كاناي مۇسكۇللىرىنىڭ تارتىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى بىتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى قولاقنى ئۇۋۇلاپ بىرىشتۇر؛ بۇنىڭدا، نىرىپلارنى غىدىقلاپ كاناي قىسىم مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇشقا بولىدۇ ھەمدە مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىشى ياخشىلىنىدۇ.
قاش ئوتتۇرسىنى ئۇۋۇلاش ئارقىلىق بۇرۇن پۈتۈشنى ياخشىلاش
   بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشنى نۇرغۇن دورىلار ياخشىلىيالايدۇ، بىراق دورا يوق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىش كىرەك؟ ئۇسۇل ناھايىتى ئاددى؛ بارمىقىمىزدا قېشىمىزنىڭ ئوتتۇرسىنى بېسىپ تۇرۇپ، تىلىمىزنى يۇقىرى تامغاققا تەككۈزۈپ 20سىكونت تۇرساق، بۇرۇن پۈتۈش ئوڭشىلىدۇ.
باش بارماقنى بېسىش ئارقىلىق كۆڭۈل ئاينىشنى ياخشىلاش
   كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار كۆپ؛ بىلىشىمىز كىرەككى، قۇسۇش، ئادەم بەدىنىدىكى غەيرى ماددىلار سەۋەبىدىن نەپەسلىنەلمەي قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تۇغۇلما ئىقتىدار بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە قارىتا قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. بىراق، كۆڭۈل ئېلىشىپ قۇسۇش ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، دورا ئىشلىتىشتىن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇشنى ياخشىلاشقا بولامدۇ؟ جاۋابى، بولىدۇ. كۆڭۈل ئاينىپ قۇسۇش كۆرۈلگەندە، سول قولىمىزنى، باش بارمىقىمىزنى قالغان تۆت بارماق ئىچىگە باسقان ھالەتتە مۇشتىمىزنى تۈگسەك، نىرىۋىلارنى غىدىقلاپ، كۆڭۈل ئاينىش ئىنكاسىنى يوقىتىشقا بولىدۇ.
باش بارماقنى پۈۋلەش ئارقىلىق يۈرەك سوقۇشنى ئاستىلىتىش
   بەزىدە، كۆڭۈل رەنجىيدىغان ئەھۋاللارغا يولۇقۇپ قالساق، كەيپىياتىمىزدا داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، يۈرەك سوقۇشىمىزمۇ تىزلاپ كىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، قانداق قىلىپ كەيپىياتنى كونتىرول قىلىش ئەڭ مۇھىم بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، باش بارمىقىمىزنى ئېغىزىمىزغا ئەكىلىپ پۈۋلەپ بەرسەك، مىزوۋ نىرۋىلىرىنى غىدىقلاپ يۈرەك سۇقۇشنى ئاستىلىتىشقا بولىدۇ ھەمدە ناھايىتى تىزلا ئازادىلىك ھىس قىلىپ، كەيپىياتىمىزمۇ تۇراقلىشىپ قالىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号