قورىغان جاڭدۇ يۇمشاق چىقىۋالدى ھەقىچان، قېنى بۇنى كۆرۈپ بېقىڭ!
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5893:قېتىم كورۇلدى
   جاڭدۇ، ياز پەسىللىك كۆكتات بولۇپ، بازاردا ھەممىلا يەردە ئۇچرايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە جاڭدۇنىڭ باھاسى بەك قىممەتمۇ بولمىغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشكەن. گەرچە جاڭدۇنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى كۆپ خىل بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى، يەنىلا قورۇما قورۇپ ئىستىمال قىلىشتۇر. نۇرغۇن كىشىلەر جاڭدۇ قورۇپ باققان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە كىشىلەر قورۇغان جاڭدۇ چۈرۈك چىقماي يۇمشاق چىقىۋالىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟ تۆۋەندە بىز، جاڭدۇنىڭ ئاددى قورۇش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز، ياقتۇرغايسىز.
   ئالدى بىلەن، جاڭدۇنى ئىككى ئۇچىنى كىسىپ ئېلىۋەتكەندىن كىيىن بۆلەك ھالىتىدە توغراپ، يۇيۇپ پاكىزلاپ سۈيىنى ساقىتىۋىتىپ تەييار قىلىمىز؛ مۇۋاپىق مىقداردا غولپىياز، زەنجىۋىل، سامساق تەييارلاپ، غولپىيازنى بۆلەك ھالىتىدە توغرايمىز، زەنجىۋىلنى نىپىز ياپراقچە ھالىتىدە توغرايمىز؛ سامساقنى بولسا ئۇششاق چانالما ھالىتىدە توغرايمىز. بۇندىن باشقا، ماي، تۇز، جىياڭيۇ قاتارلىق خۇرۇچ ماتىرياللىرى تەييارلايمىز.
   كەينىدىن قازاننى ئېسىپ، كۆپرەك ماي قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ ماي قىزىغاندىن كىيىن، جاڭدۇنى سېلىپ داغلايمىز(ئەگەر بىر قېتىمدا كۆپ بولۇپ قالسا، قېتىمغا بۆلۈپ داغلىساق بولىدۇ)؛ جاڭدۇنى داغلاپ رەڭگى ساغۇچقا مايىل يىشىل رەڭگە ئۆزگەرگەندە سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
   قازاننى قايتا ئېسىپ، ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، ئاۋال زەنجىۋىل بىلەن سامساقنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن يېسى پۇرچاقنى سېلىپ ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا قورىغاندىن كىيىن، تۇز ۋە جىياڭيۇ قوشۇپ تەم تەڭشەيمىز ھەمدە غولپىيازنى سېلىپ 6-4مىنۇت ئەتراپىدا قورىغاندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   بۇ ۋاقىتتا، قورۇغان جاڭدۇنىڭ نىمە ئۈچۈن يۇمشاق چىقىۋالغانلىقىنى بايقىدىڭىز ھەقىچان! جاڭدۇنى تەملىك ھەم چۈرۈك قورۇلسۇن دىسەك، چوقۇم قورۇشتىن ئاۋال مايدىن ئۆتكۈزۈپ داغلىۋىلىش كىرەك. داغلانغان جاڭدۇ تېخىمۇ چۈرۈك قورۇلۇپلا قالماي، سامساق، جىياڭيۇ، غولپىياز قاتارلىقلارنىڭ تەمىنىمۇ تېخىمۇ ئاسان ئالىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号