ئايال كىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە بۇ ئۈچ خىل ئىپادىسى بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6287:ئادەم ئۆگەندى
  رىئال تۇرمۇشتا، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن مۇھەببەت ئەلۋەتتە ياخشى، كىشىنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ؛ بىراق، بارلىق قوغلىشىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ ئاخىرىدا ياخشى بىر نەتىجىگە ئىرىشەلىشى ھەمدە ئارزۇسى بويىچە بىرگە ئۆتەلىشى ناتايىن.
   مۇھەببەت جەھەتتە، ئەگەر ئەركىشى بىر ئايال كىشىنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ ئايال كىشىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلى بار بولسۇن ياكى يوق بولسۇن، ئەرلەر بىرتەرەپلىمە ھالدا بۇ ئايال كىشىنى قوغلىشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
   بۇ جەرياندا، ئەگەر ئايال كىشىدىمۇ ئەر كىشىگە قارىتا ياخشى تەسىر شەكىللەنسە، ئۇنداقتا ئەركىشى بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە قوشىلىدۇ؛ ئەمما ئەگەر ئۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق ھىسيات شەكىللەنمىسە، ئۇنداقتا ئەركىشىنى پەقەت ئادەتتىكى دوستى قاتارىدىلا كۆرىدۇ.
   ئەگەر ئايال كىشىدە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئىپادە كۆرۈلسە، بۇ ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى يوقلۇقىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئەركىشى ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا كۆڭلىنى يېغىۋىلىشى كىرەك.
سىزنىڭ قىلغان سوۋغىلىرىڭىزنى رەت قىلىدۇ
   ئەركىشى ئايال كىشىنى قوغلىشىش جەريانىدا، چوقۇم بار ئاماللارنىڭ ھەممىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   ئايال تەرەپنىڭ ئۆزىگە بولغان پوزۇتسىيىسىنى ئىنىق بىلىشتىن بۇرۇن، ئەركىشى ئەلۋەتتە يىنىكلىك قىلىپ مۇھەببەت سۆزلىرىنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار، ئەڭ بىۋاستە بولغان ئۇسۇلنى تاللاپ، ئايال كىشىگە ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىدۇ.
   ئەگەر ئايال كىشىنىڭمۇ ئەرگە قارىتا كۆڭلى بار بولسا ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلسا، ئۇنداقتا تەبىئيلا سوۋغاتنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەتتا سىزگىمۇ سوۋغات تەييارلاپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   ئەكسىچە، ئەگەر بۇ ئايال كىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنداقتا سىز بىلەن ئارىلىق ساقلاش ئۈچۈن، سىز سوۋغا قىلغان نەرسىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ سىزگە ئادىمىگەرچىلىك قەرزى بولۇپ قېلىشنى خالىمىغانلىقىنى ھەمدە سىز بىلەن ھەرقانداق بىر باغلىنىش بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلغانلىقىدىن بولىدۇ.
ئۇچۇرىڭىزنى ۋاقتىدا قايتۇرمايدۇ
   ئۈندىدارنىڭ بارغانسىرى ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۈندىداردىن پايدىلىنىپ ئالاقىلىشىدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بولدى؛ بۇنىڭدا، گەرچە داۋاملىق يۈز كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا بولمىسىمۇ، ئەمما ئۈندىدار ئارقىلىق بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال سورىشىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ بىرەر ئايال كىشىنى قوغلىشىۋاتقان ئەركىشىگە نىسبەتەن، ئۇ ھەرۋاقىت قارشى تەرەپنىڭ نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى، كەيپىياتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىشنى ئويلايدۇ ھەمدە ئۈندىداردا ئۇچۇرلىشىش ئارقىلىق بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىدۇ.
   ئەگەر ئايال كىشى ھەر قېتىمدا ئۇچۇرلىرىڭىزنى دەل ۋاقتىدا قايتۇرسا ياكى ئۇ ئالدىراش بولۇپ قالغاندا، سىزگە ئۇچۇرنى ۋاقتىدا قايتۇرالماسلىق سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرسە، بۇ ئۇنىڭ سىزگە كۆڭلى بارلىقىنى، سىز بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   ئەمما، ئەگەر ئايال كىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە، بەلكىم ئەدەپ يۈزىسىدىن ئۇچۇرىڭىزنى قايتۇرماي قالماسلىقى مۇمكىن، بىراق چوقۇم ۋاقتىدا قايتۇرمايدۇ؛ بەلكىم بىرەر ئىككى سائەت ئۆتكەندىن كىيىن قايتۇرۇشى ھەمدە خوشياقمىغاندەك جاۋاپ قايتۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەركىشىنىڭ يەنە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋىرىشىنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
ئۇچرىشىش تەكلىۋىڭىزنى رەت قىلىدۇ
   ئەرلەر ئايال كىشىنى قوغلىشىش جەريانىدا، ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قارشى تەرەپتە ياخشى تەسىر قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە ئۈندىداردىلا ئالاقىلىشىش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ؛ چوقۇم ئايال كىشىنى بىللە تاماق يەپ كىلىشكە ياكى ئايلىنىپ كىلىشكە تەكلىپ قىلىدۇ.
   بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئايال كىشى دەسلىۋىدە خىجىل بولۇش سەۋەبىدىن رەت قىلىسىمۇ، ئەمما سىزنىڭ قايتا قايتا تەكلىپ قىلىشىڭىز نەتىجىسىدە سىزنىڭ تەكلىۋىڭىزگە قوشۇلسا، بۇ ئىنىقلا سىزگە كۆڭلى بارلىقىنى ۋە سىزنى قولدىن بىرىپ قويغۇسى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.
   بىراق، ئەگەر ئايال كىشىنىڭ سىزگە ئازراقمۇ كۆڭلى بولمىسا، سىز ھەرقانچە تەكلىپ قىلسىڭىزمۇ، ئۇ ئىزچىل تۈردە رەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سىزگە ھېچقانداق قىزىقىشى بولمىغاچقا، سىز بىلەن يەنىمۇ ئىچكىرلەپ مۇناسىۋەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى خالىمايدۇ، ھەتتا سىز بىلەن ئۇچرىشىشقا چىقىشنى ۋاقىت ئىسراپ قىلغانلىق بىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىمۇ، ئارتۇق جاپا تارتىمەن دىمەي، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىدا ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋالغىنىڭىز ياخشىراق بولىدۇ.

چېنىقىش ئۈچۈن ئايدا قىرىقمىڭ يۈەن خەجلەيدىغان ئەر-خوتۇن

ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خو

يەتمىش ياشلىق موماينىڭ قورسىقىدىن قىرىق يىللىق ھامىيلە چىقتى

لىكىن، بۈگۈن بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ "ھامىلدار ئايال" يەتمىش نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا "ھامىلد

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号