شاكال بەدىيان سېتىۋىلىشتا بۇ ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 28036:قېتىم كورۇلدى
   شاكال بەدىيان(八角)، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان خۇرۇچ ماتىرياللىرىنىڭ بىرى؛ بولۇپمۇ گۆش پىشۇرۇپ شورپا قايناتقان ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر شاكال بەدىيان سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى، شاكال بەدىيان گۆشتىكى غەلىتە پۇراقنى يوقىتىش بىلەن بىرگە، يەنە گۆشكە تەم كىرگۈزىدۇ. بىراق، كۆپ قىسىم كىشىلەر شاكال بەدىيان سېتىۋالغاندا، تاللاپ يۈرمەي خالىغانچە ئېلىپ كىتىۋىرىدىغان بولۇپ، ئەمىلىيەتتە، شاكال بەدىياننىڭ ياخشى ۋە ناچار پەرقى بار. ئەگەر ئۇقۇشماي ناچار سۈپەتلىك شاكال بەدىيان سېتىۋىلىپ قالساق، تەم كىرگۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، يىمەكلىكنىڭ ئەسلىدىكى تەمىنىمۇ بۇزۇۋىتىشى مۇمكىن. ئادەتتە، شاكال بەدىيان سېتىۋالغاندا تۆۋەندىكى ئۈچ نوقتىغا دىققەت قىلىش كىرەك.
توپا رەڭگىدە كەلگەن شاكال بەدىيان
    سىز دىققەت قىلدىڭىزمۇ يوق بىلمىدىم، ئادەتتە كۆپىنچە خۇرۇچ ماتىرياللىرى دۇكىنىدا، ئىككى خىل رەڭلىك شاكال بەدىيان ئۇچرىتىسىز؛ ئۇنىڭ بىرسى قىزغۇچ قۇڭۇر رەڭدە كىلىدۇ، يەنە بىر خىلى بولسا سارغۇچ توپا رەڭگىدە كىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى قىزغۇچ قۇڭۇر رەڭدە كەلگەن شاكال بەدىياننىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى چىقىدۇ؛ ئەمما سارغۇچ توپا رەڭگىدە كەلگەن شاكال بەدىيان قارىماققىلار بىر خىل ناچاردە كۆرۈنۈپلا قالماي، ئۇنىڭدا يەنە بىر خىل غەلىتە پۇراق بار. بۇنداق سارغۇچ توپا رەڭدىكى شاكال بەدىياننىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ؛ چۈنكى، ئۇنىڭ بۇنداق سارغۇچ توپا رەڭگە ئۆزگىرىپ قېلىشى، كۆپىنچە ئۈستىگە بەزىبىر خېمىيلىك دورىلار چېچىلغانلىقىدىن بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق شاكال بەدىياننى سېتىۋىلىشقا ھەم ئىسىتمال قىلىشقا بولمايدۇ.
شەكلى قانۇنىيەتسىز كەلگەن شاكال بەدىيان
   ھەقىقى شاكال بەدىياننىڭ سەككىز بۇرجىكى بولۇپ، قارىماققا ھەربىر بۇرجىكى ئىنتايىن تەكشى ھەم قانۇنىيەتلىك كۆرىنىدۇ، گۈلگە ئوخشايدۇ؛ بىراق، يەنە بىر خىل ساختا شاكال بەدىيانلار بار بولۇپ، بۇنداق شاكال بەدىياننىڭ ھەتتا 9 ياكى 10 بۇرجەكلىرى بار كىلىدۇ ھەمدە بۇرجەكلىرىمۇ تۈز ئەمەس، ئەگرى بۈگرى كىلىدۇ. بۇنداق شاكال بەدىياننىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى سېتىۋالماسلىقىڭىز كىرەك.
غەلىتە پۇرىقى بار شاكال بەدىيان
   بىز شاكال بەدىيان سېتىۋالغان ۋاقىتتا، ئۇنى پۇراپ باقساق ياكى ئېغىزىمىزغا تەككۈزۈپ تېتىپ باقساق، ئۇنىڭدا بىر خىل تاتلىققا مايىل تەم بولىدۇ. بىراق، ئەگەر شاكال بەدىياندا بىر خىل بۇرۇننى غىدىقلايدىغان غەلىتە پۇراق بار بولسا، بۇ خىل شاكال بەدىياننىمۇ سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ خىلدىكى شاكال بەدىياننىڭمۇ يۈز قىسىملىرىدا خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ قالدۇقى بار بولۇشى مۇمكىن.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号