توي تۇرمۇشىدا تالاغا قارىغان ئادەمنى ئەپۇ قىلىش كىرەكمۇ يوق
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5953:قېتىم كورۇلدى
   دۆلەتلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېقىنقى سىتاستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى ئۇدا 14يىل ئۆزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەپ كەلگەن بولۇپ، 2018-يىللىق ئاجرىشىش تەكشۈرۈشىدە، %50.16 ئاجراشقان ئەر-خوتۇنلار، ھەممىسىدە ئۈچىنچى شەخىس سوقۇنۇپ كىرگەنلىك سەۋەبىدىن توي تۇرمۇشىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قاراش، ھازىرقى زامان جۇڭگۇ ئائىلىلىرىنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان.
   توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قارىغان ئادەمنى ئەپۇ قىلىش كىرەكمۇ ئەمەس؟ بەزى كىشىلەر، ئائىلىسىنىڭ پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن، داۋاملىق چىداپ ئۆتۈپ كىتىشنى تاللايدۇ؛ بەزىلەر بالىسى ئۈچۈن داۋاملىق چىداپ ئۆتۈپ كىتىشنى تاللايدۇ؛ يەنە بەزىلەر بولسا، ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ تەسىرىدە داۋاملىق چىداپ ئۆتۈپ كىتىشنى تاللايدۇ.
   مەيلى ئەر تەرەپ تالاغا قارىغان بولسۇن ياكى ئايال تەرەپ تالاغا قارىغان بولسۇن، ھەرگىز ئەپۇ قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى پىرىنسىپلىق مەسىلە. ئەر، ئايال ھەر ئىككى تەرەپ مۇھەببەتكە بولغان ۋەدىسىنى ساقلاپ ئۆتىشى كىرەك بولۇپ، مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىش بولسا نۇمۇس قىلىشقا تىگىشلىك پەسكەش قىلمىش، ھېچقانداق ئىش ئۇنىڭغا باھانە سەۋەپ بولالمايدۇ.
   توي تۇرمۇشىدا ساداقەت يوقىسا، ئۇنداقتا ھەممە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ. تالاغا قارىغان ئادەم، خۇددى ھاجەتخانىغا چۈشۈپ كەتكەن پۇلغا ئوخشايدىغان بولۇپ، تىرىۋالاي دىسەك كۆڭلىمىز ئېلىشىدۇ. ئەگەر توي تۇرمۇشىدا تالاغا قاراش كۆرۈلسە، توي تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، قايسى ۋاقىتتا سېسىپ چىقىشى، پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، دۇنيادا ھەربىر ئادەمگە قارىتا ھەرخىل قىزىقتۇرۇشلار بار بولىدۇ؛ ئەمما بىز قىزىقتۇرۇشلار ئالدىدا پىرىنسىپاللىقىمىزنى يوقىتىپ، مۇھەببەتكە ئازاپ ئېلىپ كەلمەسلىكىمىز كىرەك. توي تۇرمۇشىنىڭ بەرداشلىق بىرىش كۈچىنى سىناپ باقىمەن دىمەڭ، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر، ئۆزىنىڭ بىردەملىك ھىسياتىنى دەپ، بەخىتلىك تۇرمۇشىنى ۋەيران قىلماقتا. توي تۇرمۇشى قۇرۇپ چىقماق ئاسان ئەمەس، قەدىرلەشنى بىلىڭ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号