ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ تىراگىدىيىسى ئاجرىشىش ئەمەس
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5732:ئادەم ئۆگەندى
   40ياشقا ئۇلاشقان ئاياللارغا نىسبەتەن، ئەڭ چوڭ تىراگىدىيە نىمە؟ سىز بەلكىم ئىرىنىڭ تاشلىۋىتىشى دەپ جاۋاپ بىرىشىڭىز مۇمكىن. بىراق مەن بۇنداق دەپ قارىمايمەن؛ مىنىڭچە ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ تىراگىدىيىسى، تىرىك يۈرگىنىدىن ئۆلگىنى ئەۋزەلدەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قېلىش.
   ئىلگىرى نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر مەندىن، "سىز بۇنچە جاپا تارتىپ ماقالە يېزىپ نىمە قىلىسىز؟ ھەركۈنى كومپىيوتىرغا قاراپ ئولتۇرۇپ چارچىمامسىز" دەپ سورايتتى. ئەگەر بۇنىڭغا قارىتا، مەن چارچىمايمەن دىسەم يالغان بولۇپ قالىدۇ، بۇ خىزمەت ئادەمنى راستىنلا چارچىتىۋىتىدۇ.
   ئۇنداقتا مەن يەنە نىمىشقا بۇنچە جاپا تارتىپ ئىشلەيمەن؟ چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلگە يەتكەندە، شىياۋ ساغا ئوخشاش "تىرىك يۈرگەندىن ئۆلگىنىم ياخشى ئىكەن" دەپ ھىس قىلىدىغان ھەمدە بىر كۈننى بىر يىلدەك تەسلىكتە ئۆتكۈزىدىغان كۈنگە قېلىشنى خالىمايمەن.
    شىياۋ سا، مىنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم بولۇپ، ئىرى بىلەن توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوغۇل بالىدىن بىرنى تۇغدى.
    ئانىسى ۋە قېيىنئانىسى يېنىدا بولمىغاچقا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەتنى تاشلاپ، ئۆيدە بالا بېقىپ ئۆي تۇتۇپ ئولتۇردى.
    بىراق، ئۆيدە بالا بېقىش ئىشقا بېرىپ خىزمەت قىلىشتىن ئاسان ئەمەس، بۇنىڭدىكى جەۋرى-جاپالارغا شىياۋسا بەرداشلىق بىرىپ كىتەلەيدۇ؛ بىراق ئۇنىڭ بەرداشلىق بىرەلمىگىنى، ئىرىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزۇتسىيەسى ئىدى.
    ئۆيدە ئازراق بىرەر ئىشنىڭ جايىدا بولماي قالغانلىقىنى كۆرسە، ئىرى ئۇنىڭ ئەيىبلەشكە باشلايتتى: "سىز كۈندە ئۆيدە نىمە ئىشمۇ قىلىدىغانسىز؟ پول شۇنچە مەينەت بولۇپ كەتسىمۇ تازىلىۋەتمەپسىز."
   ئەگەر شىياۋ سا ئىرىگە، "سىز بالا بېقىشنىڭ ئادەمنى قانچىلىك چارچىتىۋىتىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز، مىنىڭ پولنى سۈرتكۈدەك نەدىمۇ ۋاقتىم بولسۇن؟" دەپ چۈشەنچە بەرسە، ئىرى ئۇنىڭغا، "نىمىشقا باشقا ئاياللار قاقشىمايدۇ ھەمدە ئۆيىنى پاكىزە تۇتۇپ ئولتۇرالايدۇ، سىز نىمىشقا ئۇلاردەك قىلالمايسىز؟" دەپ رەددىيە بىرىدۇ.
    ئەگەر شىياۋسا ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرماي بىردەم ئارتۇقراق يېتىۋالماقچى بولسا، ئىرى دەرھال چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ تەنبىھ ئىشلەشكە باشلايدۇ: "سائەت نەچچە بولدى، تېخىچە قوپماي ياتىسىزغۇ؟ ئەجىبا مەن سىزگە ناشتىلىق تەييارلاپ بىرىپ ئاندىن ئىشقا بارسام بولامتى؟"
    ئىرىنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىن، شىياۋسا قىلچىلىك ھۆرمەت ۋە كۈيۈنۈش دىگەنلەرنى ھىس قىلالمايتتى ھەمدە ئۆزىنى ئۆيدە قىلچىلىك ئورنى يوقتەك ھىس قىلاتتى.
    ئىرىنىڭ ئالدىدا، ئۇ  ھەتتا بېشىنىمۇ كۆتۈرەلمەيتتى؛ ئەگەر چىرايلىقراق بىرەر قۇر كىيىم سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭدا پۇل بولمىغانلىقتىن، ئۇ غۇرورىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، يۈزىنى قېلىنشىتىپ ئىرىدىن پۇل سورايتتى، ئۆزىنى ئازراقمۇ بەخىتلىك ھىس قىلمايتتى.
    بىر يىلدىن كىيىن، ئىرى يىڭى مۇھەببەتتىن بىرنى تېپىۋىلىپ، شىياۋسا بىلەلن ئاجرىشىپ كىتىشنى تاللىدى. شىياۋسانىڭ كىرىم مەنبەسى بولمىغاچقا، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىنىڭ ھامىيلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.
    بۇ ۋاقىتتا ئۇ 38ياشقا كىرىپ قالغان بولۇپ، سېمىز كەلگەن بەدەن شەكلىدىن باشقا، ھېچنىمە يوق ئىدى؛ نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئائىلىنىڭ چىقىمىنىمۇ، ئۇ بىردىنبىر خاتىرلەپ ئىرىگە مەلۇم قىلغاندىن كىيىن، نەچچە پۇل بولسا ئىرى ئۇنىڭغا شۇنچە پۇل ئاتچوت قىلىپ بىرەتتى.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، 10يىلغا يېقىن توي تۇرمۇشى جەريانىدا، ئۇ ئازراقمۇ پۇل يېغىپ ساقلىيالمىغان. ھېچنىمىسى يوق ھالغا كىلىپ قالغان شىياۋسا، ئامالسىز دوستلىرىدىن قەرز ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان، ھەمىشە توك ۋە سۇ پۇللىرىنى تۆلىيەلمەي بېشى قاتىدىغان ئەھۋالغا كىلىپ قالدى.
    ئۇنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ كۈندە ئىرى بىلەن بالىسىنى چۆگىلەپ ئۆتىۋاتقىنىغىمۇ 9-8يىل بولۇپ قالغان بولغاچقا، ئىلگىرىكى خىزمەت ئىقتىدارىدىن قالغان ئىدى؛ شۇڭا ئەسلىدىكى خىزمىتىنى داۋاملىق قىلىش مۇمكىن بولمايتتى.

    ئامال بولمىغانلىقتىن، ئاخىرى ئۇ تازىلىق قىلىدىغان خىزمەتتىن بىرنى تاپتى؛ ھەركۈنى سىرتتا كۈيۈپ-پىشىپ تاپقان ئازغىنا مائاشى، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداشقا ئاران يىتەتتى؛ بوش قالغان ئامبارغا ئوخشاش قۇرۇق تۇرغان ئۆيىگە قاراپ، شىياۋسا تىرىك يۈرگىنىدىن ئۆلگىنى ئەۋزەلدەك ھىس قىلاتتى.
    ماددىي شارائىتنى قوغلىشىدىغان بۇ جەمئىيەتتە، ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كىتىشتىن بەكرەك ئازاپلىنارلىق ئىش بولمىسا كىرەك؛ ئۇ ھەتتا، توي تۇرمۇشى ئىچىدە بوزەك قىلىنىشقا ئۇچراشتىنمۇ بەكرەك ئادەم قىينايدۇ. شۇڭلاشقا، پۇل، توي تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم؛ توي تۇرمۇشى ئىچىدىكى ئايالغا نىسبەتەن، تېخىمۇ مۇھىم.
    ئەركىشىنىڭ پۇل تېپىشى مەسئۇلىيەت ئۈچۈن، ئايال كىشىنىڭ پۇل تېپىشى بولسا غۇرۇرى ئۈچۈندۇر. بىر ئايال كىشى، پەقەت ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇستەقىل بولغاندىلا، ئاندىن روھى جەھەتتىكى خاتىرجەملىككە ۋە ئىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشەلەيدۇ.
   توي تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشكە قارىتا، ئىقتىساد جەھەتتە مۇستەقىل بولالمايدىغان ئايال كىشى، كۆپىنچە ئەڭ بىچارە كىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاجرىشىپ كىتىش ھوقۇقىمۇ بولمايدۇ، پەقەت پاسسىپ ھالدا قوغلاپ چىقىرۋىتىلىدۇ.
    ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە گۇڭ چىجۈننىڭ بىر جۈملە سۆزىنى سۇنىمىز:
    بۇ دۇنيادا، ھەرقانداق بىر ئادەمگە ئارتۇقچە تايىنىۋالماڭ؛ چۈنكى، سىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە جان ھەلقۇمىغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا، ھەتتا سىزنىڭ سايىڭىزمۇ سىزنى تاشلاپ كىتىپ قالىدۇ.

چېنىقىش ئۈچۈن ئايدا قىرىقمىڭ يۈەن خەجلەيدىغان ئەر-خوتۇن

ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خو

يەتمىش ياشلىق موماينىڭ قورسىقىدىن قىرىق يىللىق ھامىيلە چىقتى

لىكىن، بۈگۈن بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ "ھامىلدار ئايال" يەتمىش نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ راستىنلا "ھامىلد

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号