جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىشنى بىلەمسىز؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7335:قېتىم كورۇلدى
   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىگەر كىسەللىكلىرى بارغانسىرى كۆپلەپ كىتىپ بارىدۇ؛ جىگەر كىسەللىكلىرىنىڭ ۋاقتىدا بايقاشقا بولىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بايقالغان ۋاقىتتا، ئاساسى جەھەتتىن ئوتتۇرا ياكى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولىدۇ. جىگەر قېتىشىش، Bتىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق جىگەر كىسەللىكلىرى ئىچىدە، جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىش، بىرقەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىكتۇر. بۇ خىل كىسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەر كۆپ  لۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈش نىسبىتى تەدرىجى يۇقىرلاپ، ھازىر دۆلىتىمىزدىكى كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىككىنچى كۆپ بولغان جىگەر كىسەللىكىگە ئايلىنىپ قالدى.
   گەرچە جىگەر كىسەللىكىنى ئالدىن بايقاش تەس بولسىمۇ، ئەمما بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، يىمەك-ئىچمەكتىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدىنى ئالالايمىز. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يىمەكلىكنى دائىم ئىستىمال قىلغاندا، جىگەرنى ياخشىلاپ، جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىش كىسەللىكىنىڭ ئالدىن ئېلىشقا بولىدۇ.
تۇخۇم
   تۇخۇم، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم قالمايدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇرۇقلاشنى مەقسەت قىلغان نۇرغۇن كىشىلەر، ئادەتتە سۇدا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىدۇ. تۇخۇم تەركىبىدىكى كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى، ئادەم بەدىنى ئىھىتياجلىق بولغان ئامىنو كىسلاتارلارغا ئەڭ يېقىن كىلىدىغان تەركىبلەردۇر.
   ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۇخۇم تەركىبىدىكى فوسفورلۇق ياغ تەركىبلىرى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن، ئۈنۈملۈك ھالدا بەدەندىكى ياغلارنى "يۆتكەپ كىتىدۇ"، يەنى قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
دانلىق زىرائەتلەر
   ھازىر، بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر كۈتۈنۈشكە ئەھمىيەت بىرىدىغان بولۇپ قالدى؛ بۇ سەۋەپلىك، ئادەتتىكى يىمەك-ئىچمەك، گۈرۈچ ۋە بوغداي ئۇنى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، باشقا دانلىق زىرائەت ۋە يىرىك ئاشلىقلارمۇ تاماق ئۈستىلىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ خىل يىرىك ئاشلىقلارنىڭ تەمى گەرچە ئۇنچە بەك تېتىملىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئازراقمۇ تۆۋەن ئەمەس.
   يىرىك ئاشلىق تەركىبىدە نۇرغۇنلىغان يىمەكلىك تالالىرى بار بولۇپ، بۇ خىل تەركىبلەر ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كىيىن، ناچار خولىستىرىننىڭ بىرىكىشىنى توسۇپ، بەدەن ئورگانىزىمىدىكى ياغلارنىڭ مىتابولىزىملىنىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە يىرىك ئاشلىقنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، ئۇرۇقلاشقا پايدىسى بولۇپلا قالماي، جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىش كىسىلىگىمۇ قارىتا ئالدىنى ئېلىش ۋە قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
ئاق گۆش
   ئاتالمىش ئاق گۆش، بېلىق ۋە راك تۈرى، توخۇ-ئۆردەك قاتارلىقلار ئۆي قۇشلىرىنىڭ گۆشىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇخىل گۆش تۈرى تەركىبىدە زور مىقداردا ئاقسىل بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتا تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى؛ شۇڭا، گۆشكە ئامراق سېمىز كىشىلەرگە ياكى ئۇرۇقلىماقچى بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ياخشى بىر تاللاش ھىسابلىنىدۇ.
   ئالاقىدا ماتىرياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەركۈنى 75گىرام ئەتراپىدا ئاق گۆش ئىستىمال قىلغاندا، جىگەرنى ماي قاپلىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرغىلى ۋە كىسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号