ئاياللاردا ئۇزۇن ۋاقىت ئەركىشىنىڭ ھەمراھلىقى كەمچىل بولسا
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
    ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتى باراۋەر ھەم بىر-بىرىنى تۇلۇقلايدىغان بولۇپ، ئەرلەر ئايال كىشىگە نىسبەتەن، گۈل ئۈستىگە گۈل قوندۇرۇش ئۈنۈمى ئوينايدىغان بولۇپ، ئايال كىشى ئەگەر ئەركىشى بولمىسىمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئۆتىۋىرىدۇ.
   ھەممەيلەن ئاياللارنى سۇدىن ياسالغان دىيىشىدۇ، شۇڭا ئەركىشى ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، جانلىق سۇنىڭ قوشۇلۇشى بولۇپ، ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ. ئەگەر ئاياللاردا ئۇزۇن ۋاقىت ئەركىشىنىڭ ھەمراھلىقى كەمچىل بولسا، ئۇنداقتا ئاسانلا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋال كۆرىلىدۇ.
مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ھەمدە باشقىلارغا تايانمايدىغان بولىدۇ
   كۆپ قىسىم ئاياللار ئەركىشىنى تايانچ، بوران-چاپقۇندىن ساقلىنىدىغان قولتۇق ئورنىدا كۆرىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ئەركىشىنىڭ ئاسرىشى ۋە ھەمراھلىقىنى ھىس قىلالمىغاندا، ئايال كىشى بارغانسىرى ئەرلەرگە ئوخشاش مۇستەقىل بولۇپ كىتىدۇ.
   ھازىرقى ئاياللار، ئاللىبۇرۇنلا ئەركىشىنى "زۈرۈر سەپلىمە" قاتارىدا كۆرمەيدۇ؛ شۇڭا ئۇلار بىر ئادەم ئۆزى يالغۇزمۇ ياخشى ئۆتىۋىرىدۇ؛ بولۇپمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئەركىشىنىڭ ھەمراھلىقى كەمچىل بولغاندىن كىيىن، ئاياللار ئەكسىچە كەينىگە چىكىنىش يولى قالمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، بارغانسىرى تىرىشىپ ئۆزىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ ھەمدە ئىچكى دۇنياسى كۈچلۈك بولغان بىر ئايالغا ئايلىنىدۇ.
ئەركىشىگە بولغان پوزۇتسىيەسى قۇتۇپلاشقان بولۇپ قالىدۇ
   ئايال كىشىدە ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ئەركىشىنىڭ ھەمراھلىقى كەمچىل بولسا، فىزىلوگىيەلىك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەدىنىدىكى ھورمۇنلار تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىدۇ ھەمدە ئايال كىشىنىڭ ئەرلەرگە تۇتقان پوزۇتسىيەسىنىڭ ئىككى قۇتۇپلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: بىر خىلى ئەركىشىنى كۆرسىلا "ئېتىلغۇسى كىلىدىغان" بولۇپ كىتىدۇ؛ يەنە بىر خىل ئەركىشىنى كۆرسە ئىچى پۇشۇپ قاچقۇسى كىلىپ قالىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئىككى خىل قۇتۇپلاشقان پوزۇتسىيە، ئۇلاردا ئۇزۇن ۋاقىت ئەر كىشىنىڭ ھەمراھلىقى كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بارغانسىرى پۇلغا ئامراق بولۇپ قالىدۇ
   بىر ئايال كىشى ئەركىشىنىڭ مۇھەببىتىگە ئىرىشەلمىگەندە، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ پۇلغا ئىرىشىشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ چۈنكى، پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا، ئايال كىشىدە ئاندىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار بولىدۇ ھەمدە ھەرقانداق ئىشقا يۈزلىنەلىگۈدەك ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇلار ناھايىتى ئىدراكلىق بولۇپ ئۆزگىرىپ، ئۆزىنىڭ "كۈچلۈك ئايال" تەرىپىنى قوزغىتىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号