كۈزدە بۇ كۆكتاتنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىڭ، ئۆپكىڭىزنى ياخشىلايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 33818:قېتىم كورۇلدى
   كۈز كۈنلىرى ھاۋا قۇرغاق بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، بىزدە ھەمىشە گال قىچىشىش، ئۆپكە قسىم بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، كۈز پەسلىدە ئادەتتە ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشىمىز كىرەك. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنماقچى بولغان بۇ كۆكتاتنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، دائىم ئىستىمال قىلغاندا، بەدەندىكى زەھەرلىك ماددا ۋە ئەخلەتلەرنى تازىلاپلا قالماي، يەنە تېخى ئۆپكە ۋە ئۈچەيگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، تېنىمىزنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ. بۇ خىل كۆكتات، دەل قارا قېرىنقولاقتۇر.
   قارا قېرىنقولاق تەركىبىدە يىمەكلىك تالا ماددىسى ۋە ئۆسۈملۈك ژىلاتىنا(明胶) ماددىسى مول بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇ ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدىنىمىزدە قېلىپ قالغان زەھەرلىك ماددا ۋە ئەخلەتلەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە ئۈچەي يوللىرىنى ياخشىلاپ ھۆللۈك يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، قارا قېرىنقولاقنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، بەدەندە ماي يېغىلىپ قېلىشنى ئازايتىپ، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش ۋە ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. بۇندىن باشقا، قارا قېرىنقولاق تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسىمۇ مول بولۇپ، تۆمۈر كەمچىللىك خارەكتىردىكى قان ئازلىق كىسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش بىلەن بىرگە قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدۇ.
   كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، قارا قېرىنقولاقنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلى نىسبەتەن كۆپ؛ مەسىلەن، بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچرىتىدىغان سۇغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان قارا قېرىنقولاق؛ ئەلۋەتتە، قارا قېرىنقولاقنى يەنە باشقا كۆكتاتلار بىلەن بىرگە قورۇپ ئىستىمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە بولسا، قارا قېرىنقولاقتىن سۇغۇق سەي تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   ئالدى بىلەن، قارا قېرىنقولاقنى ئىلمان سۇغا چىلاپ قويۇپ كۆپتۈرىمىز؛ بۇ جەرياندا، قارا قېرىنقولاقنى چىلىغان سۇغا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە سۇدا قوشۇۋەتسەكمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدا قارا قېرىنقولاقنى ياخشى كۆپتۈرۈشكە ۋە يۈز قىسمىدىكى باكتىرىيەلەرنى يوقىتىشقا بولىدۇ. چىلاپ بولغاندىن كىيىن، قارا قېرىنقولاقنى سۇدا نەچچە رەت يۇيۇپ، ئارىسىدىكى مەينەت ماددىلارنى چىقىرۋىتىش لازىم.
   قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قايناتقاندىن كىيىن، يۇيۇپ پاكىزلىغان قارا قېرىنقولاقنى سېلىپ 5-3مىنۇتقىچە قاينىتىمىز؛ قاينىتىپ بولغاندىن كىيىن، قارا قېرىنقولاقنى سۈزىۋىلىپ، سۇغۇق سۇدىن بىر ئۆتكۈزىۋالىمىز.
   قارا قېرىنقولاقنى سۈزۈپ ئالغاندىن كىيىن، سۈيىنى تۇلۇق ساقىتىۋىتىپ قاچىغا سالىمىز؛ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، كۈنجۈت مېيى، ئاق شىكەر، تۇز، ئاچچىقسۇ قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   كەينىدىن ئازراق يۇمغاقسۈت، غولپىياز مايسىسىدىن ئازراقتىن ئۇششاق توغراپ، ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان قارا قېرىنقولاقنىڭ ئۈستىگە چاچىمىز.
   ئاخىرىدا، قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئۇششاق توغرالغان ئۇچلۇق قىزىلمۇچتىن ئازراق سېلىپ قورۇپ تەم چىقارغاندىن كىيىن، قىزىق ماينى ئالدىدا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان قارا قېرىنقولاق ئۈستىگە قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۋەتسەك، بۈگۈنكى سۇغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان قارا قېرىنقولاق تەييار بولىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号