قۇۋۋەتلىك ناشتىلىق. ناشتىلىقنى بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاقلىق تامىقىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ۋاقلىقى دېيىشكە بولىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر ئورۇقلايمىز، ۋاقىتمىز يوق دېگەندەك يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن ناشتىلىق يېمەيدۇ. بىراق كىممۇ ناشتىلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتكەن دەيسىز، ئاتالمىش «ئەتىگەندە پادىشاھتەك، چۈشتە ۋەزىردەك، كەچتە كەمبەغەلدەك يە» دېگەن سۆز بىكارغا تارقالمىغان.

تۆۋەندە بىر قانچە ئاددىي ۋە قۇۋۋەتلىك ناشتىلىقلارنى تونۇشتۇرىمىز.
تاتلىقياڭيۇ (بىنەپشە رەڭلىك)+ مايمۇن شاپتۇلى+ كۆك پۇرچاق+ تۇخۇم

تۇخۇم+ ئۇماچ+ شوخلىچاق+ مايمۇن شاپتۇلى

قوناق+ تۇخۇم+ توخۇ گۆشى+ مايمۇن شاپتۇلى

تۇخۇم پوشكىلى+ بۆلجۈرگەن قېتىق+ چېچەكسەي+ يېپىشقاق كۆممىقوناق

چېچەكسەي+ گوللاندىيە پۇرچىقى+ تۇخۇم + مايمۇن شاپتۇلى

مايمۇن شاپتۇلى+ تاتلىقياڭيۇ + شوخلىچاق + تۇخۇم

ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ناشتىدا چوقۇم مېۋە بولۇشى، گۆش ئازىراق بولۇشى كېرەك. مىقدارى ئاز، لېكىن تۈرى چوقۇم مول بولۇشى كېرەك. ئادەتتە، ئورنىدىن تۇرۇپ، 20، 30 مىنۇتتىن كېيىن ناشتلىق يېسە ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ.

ئۇنداقتا سىزچۇ، ئادەتتە نېمىلەرنى يەيسىز؟

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە
بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى
ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ
تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت
ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ
ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号