ئايال كىشى ئەركىشىگە مۇھتاج بولغاندا بۇ خىل گەپلەرنى قىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5802:ئادەم ئۆگەندى
   تۇرمۇشتا، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاياللار مۇھەببەتتە، ھىسياتقا بەكرەك بىرىلىپ ئىش كۆرىدۇ. ئادەتتە، ئەگەر سىز ئۇلارغا مۇھەببەت ئىزھار قىلمىسىڭىز، ئۇلارنىڭ سىزگە كۆڭلى بار تەقدىردىمۇ، يەنىلا سىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلاشمايدۇ. پەقەت سىز پۈتۈن ئەس-يادىڭىز بىلەن ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن ھەم ئۇلارغا كۈيۈنگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇلار ئاندىن ئۆزى چىن كۆڭلىدىن خالاپ سىز بىلەن بىرگە ئۆتىدۇ.
   شۇڭلاشقا ئەركىشىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سىز ياخشى قىلمىغان ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ خىيالىنى چۈشىنىشكە تىرىشمايسىز ھەمدە قارشى تەرەپنىڭ قانداق ۋاقىتلاردا سىزگە مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز. بۇ بەلكىم سىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بويتاق ھالەتتە ئۆتىشىڭىزدىكى بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
   ئادەتتە، ئايال كىشى ئەركىشىگە مۇھتاج بولغان ۋاقىتتا ئاندىن سىزگە بۇ ئۈچ خىل گەپلەرنى قىلىدۇ!
سىز ھازىر قەيەردە؟ سىزنى كۆرگۈم كەلدى
    ئادەتتە، ئاياللار ئۆزى تۇنۇشمايدىغان ياكى يېقىن بولمىغان ئادىمىگە بۇنداق گەپ قىلمايدۇ. شۇڭا، ئەگەر بىر ئايال كىشى سىزگە "سىز ھازىر قەيەردە؟ سىزنى كۆرگۈم كەلدى" دەپ ئېيتسا، بۇ ئۇنىڭ سىزگە ناھايىتى بەك مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
   بەلكىم بۇ ۋاقىتتا، ئۇ بەزىبىر خۇشاللىنارلىق ئىشلارغا دۇچ كەلگەن ھەمدە سىز بىلەن بۇ خۇشاللىقىنى ھەمبەھىرلىنىشكە تەقەززا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ۋە ياكى، بەلكىم ئۇنىڭ ھازىر كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەس بولۇپ، سىزنىڭ تەسەللى بىرىشىڭىزگە مۇھتاج بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەيلى قايسى خىلدىكى بولمىسۇن، ئۇ سىزنىڭ دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ ھەمرا بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلغان بولىدۇ.
   ئەلۋەتتە، يەنە بىر خىل ئىھتىماللىق بار بولۇپ، ئۇ راستىنلا سىزنى سېغىنغان، پەقەتلا سىزنى كۆرگۈسى كىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەركىشى بۇ ۋاقىتتا چوقۇم شۇنى چۈشىنىشى كىرەككى، ئايال كىشى پەقەت سىزگە مۇھتاج بولغان ۋاقىتتىلا ئاندىن بۇ گەپنى قىلىدۇ.
ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا، ماڭا كۆپرەك ھەمرا بولۇڭ
   رىئال تۇرمۇشتا، ئايال كىشى سىزگە راستىنلا بەك مۇھتاج بولغان ۋاقىتتا، ئاندىن بۇ گەپنى قىلىدۇ.
   مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاياللار، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەركىشىنىڭ ئالدىدا، ئۆزىنى ناھايىتى تۇتۇۋالغان ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ كۆڭلىدە سىزنىڭ ھەمرا بولۇشىڭىزنى شۇنداق ئۈمىد قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ سىزگە بىۋاستە ئېيتمايدۇ؛ ئۇلار بەلكى گەپنى ئەگىتىپ، يۇشۇرۇن كۆرسەتمىلىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئويىنى ئىپادىلەيدۇ.
   ئۇ سىزگە بۇ گەپنى قىلغان ۋاقىتتا، ئەمىلىيەتتە يۇشۇرۇن ئېڭىدا ئۆزىنىڭ سىزگە مۇھتاج بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ سىزگە بۇ خىل گەپنى قىلغان ۋاقىتتا، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى سىناپ باقماقچى بولغان بولىدۇ. ئەگەر سىز راستىنلا ئالدىراش بولسىڭىز ھەمدە تەڭلىكتە قالغان ھالەتنى ئىپادىلىسىڭىز، ئۇ تەبىئىيلا سىزنى تۇتۇپ قالمايدۇ؛ ئەمما ئەگەر سىز ۋاقتىڭىز بارلىقىنى بىلدۈرسىڭىز، ئۇناھايىتى خۇشاللىق بىلەن سىزنى تۇتۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ كۆڭلىدە سىزنىڭ ھەمرا بولۇشىڭىزغا راستىنلا مۇھتاج.
مەن ئۆزۈم يالغۇز ئازراق قورقىدىكەنمەن
    رىئال تۇرمۇشتا، ئەگەر بىر ئايال كىشى سىزگە بۇ گەپنى قىلسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىزنىڭ ھەمراھلىقىڭىزغا مۇھتاج بولغىنى ئىنىق.
   بەلكىم ئۇ تېخى يېقىندىلا بەزىبىر ئازاپلىق ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى، روھى كەيپىياتى ناچار بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا، ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىشىڭىز ۋە كۈچ قۇۋۋەت بىرىشىڭىزگە ھەمدە ئۇنىڭ ئازاپقا ئۇچرىغان قەلبىنى ساقايتىشقا ياردەملىشىشىڭىزگە مۇھتاج.
   چۈنكى، ئۇ ئادەتتە ناھايىتى بەك خىجىلچان بولۇپ، قەتئى ئامالسىز قالغان ئەھۋال بولمىسا، ئاسانلىقچە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزنى ئىزدىمەيدۇ. شۇڭا ئۇ تۇيۇقسىزلا سىز بىلەن ئالاقىلاشسا، بۇ ئەھۋال، مەسىلىنىڭ سىز ئويلىغاندىنمۇ بەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئەركىشى پۇرسەتنى چىىڭ تۇتالىسا، ئۇنداقتا قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدىن ئورۇن ئېلىشى، ئىلگىرى-كىيىنلىك مەسىلىسىلا بولۇپ قالىدۇ.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号