بۇ ئۈچ خىل ئەرلەرگە قارىتا سۇغۇق مۇئامىلىدە بولۇش كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 10501:قېتىم كورۇلدى
   تۇرمۇشتا، ھەربىر ئايال كىشى ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بەخىتنى قوغلىشىدۇ؛ ئۇلار ئىچكى دۇنياسىدا، ئۆزىگە كۆيۈنىدىغان ھەم ئامراقلىق قىلىدىغان بىر ئەر كىشىگە ئۇچرىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ.
   بىراق، كۆپ قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن، ئۇلار بەزىدە مۇھەببەتكە شۇنچە ئەجىر سىڭدۈرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تىگىشلىك جاۋاپقا ئىرىشەلىشى ناتايىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھەببەت ناھايىتى غەلىتە بىر نەرسە، سىز قارشى تەرەپكە قانچە ئىتىبار بىلەن قارىغانسىرى، قارشى تەرەپ سىزنى شۇنچە قەدىرلىمەيدۇ.
   مەسىلەن، بەزى ئەرلەر مۇھەببەتتە، ئاياللارنىڭ تەشەببۇسكار بولۇشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەگەر بىر ئايال كىشى ئۇلارنىڭ ئالدىدا قانچىكى خۇشامەت قىلغانسىرى، ئەرلەر ئۇلاردىن شۇنچە بەك بىزار بولۇپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەرلەرگە قارىتا، ئاياللار ئازراق تاكتىكا قوللىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگەللىۋالغاندا، ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئەسىر قىلىۋالالايدۇ.
   ئادەتتە، تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئەرلەر، سىز ئۇنىڭغا قانچىكى سۇغۇق مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇ سىزنى شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ؛ سىز ئۇنىڭغا قانچىكى چاپلىشىۋالغانسىرى، ئۇ سىزدىن شۇنچە بىزار بولىدۇ.
ئاكتىپ قىزغىن تىپتىكى ئەرلەر
   بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا دەل مۇشۇنداق ئەرلەر بار بولۇپ، ئۇلار تۇرمۇشتا كۆپىنچە قىزغىن ھەم ئاكتىپ كىلىدۇ ھەمدە پەقەت كۆڭلىدە ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسى بولسىلا، ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن قوغلىشىپ، ئۆزىنىڭ نىشانىغا يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ.
   شۇڭا، بۇنداق ئەرلەر مۇھەببەت جەريانىدىمۇ، پاسسىپ ئورۇندا تۇرۋالىدىغانلاردىن بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، ئەگەر بىر ئايال كىشى ئۇلارغا بەك چاپلىشىپ يېقىنلىق قىلىش خاھىشىنى ئىپادىلىسە، ئۇنداقتا ئۇلار بۇ خىلدىكى ئاياللارغا قارىتا ناھايىتى تىزلا قىزىقىشىنى يوقىتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە، پەقەت ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغلىشىپ قولغا كەلتۈرگەن ئادەملا ئاندىن قەدىرلىك ھىسابلىنىدۇ.
  بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئايال كىشى ئۇنى ياخشى كۆرسە، ئۇلارغا چوقۇم بىر خىل چوڭ سۈپەت، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان كۆرۈنىشى ھەمدە مۇۋاپىق تۈردە سۇغۇقراق مۇئامىلىدە بولۇشى كىرەك. بۇنىڭدا، ئەركىشى بۇ ئايال كىشىنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغاندەك ھىس قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئايال كىشى ئۈچۈن زىھىنىنى سەرپ قىلىپ، ئۇنى قوغلىشىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالايدۇ. بۇ ئەھۋال، تەبىئىيلا ئايال كىشىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغىنىدىن دىرەك بىرىدۇ.
بويسۇندۇرۇش ئىستىكى كۈچلۈك ئەرلەر
   ئەمىلىي تۇرمۇشتا، بەزى ئەرلەرنىڭ بويسۇندۇرۇش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك كىلىدۇ. شۇڭا، سىز ئەگەر ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چاپلىشىۋالسىڭىز، ئۇلار سىزنى قەدىرلىمەي، سىزنى تىزلا ئۇنتۇپ قالىدۇ.
   بۇنداق ئەرلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئاياللار پاسسىپراق بولغىنى ياخشى؛ مەسىلەن، سىز ئۇنىڭ قارىتا سۇغۇقراق مۇئامىلىدە بولسىڭىز، ئۇ ئەكسىچە سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. بىراق ئەگەر، سىز ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن چاپلىشىۋالسىڭىز، ئۇ سىزدىن بىزارلىق ھىس قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە، سىزنى قولغا كەلتۈرۈش قانچىكى تەس بولسا، ئۇ سىزنى بويسۇندۇرۇشنى شۇنچە بەك ئارزۇ قىلىدۇ.
   كۆپ قىسىم ئاياللارغا نىسبەتەن، بىر ئەر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، بەلكىم ئۆزىنى تۇتالماي ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى ئۈمىد قىلىشى ھەمدە كۈندە قارشى تەرەپ بىلەن بىرگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىشى مۇمكىن. بىراق، ئەگەر سىزنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالغىنىڭىز بۇ تۈردىكى ئەركىشى بولسا، ئۇنداقتا سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى ئۈستۈنراق تۇتىشىڭىز ھەمدە بەلگىلىك خىجىلچانلىقنى ساقلىشىڭىز كىرەك. بۇنىڭدا، سىز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالايسىز، ئۇنىڭدا ھەم سىزنى ئۈزۈل-كىسىل بويسۇندۇرۇش ئىستىكى پەيدا قىلالايسىز.
ئىزدىنىش ئىستىكى  كۈچلۈك ئەرلەر
   بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بەزىبىر ئىزدىنىش ئىستىكى كۈچلۈك ئەرلەر مەۋجۇت. ئۇلار مەيلى ئادەمگە قارىتا بولسۇن ياكى مەسىلىلەرگە قارىتا بولسۇن، پەقەت ئۇلارنى جەلپ قىلالىسىلا، ئۇلار بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ قىزىقىش تۇيغۇسىنى قانائەت تاپقۇزۇشنى ئويلايدۇ.
   شۇڭا بۇنداق ئەرلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئاياللار چوقۇم ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلاشماسلىقى كىرەك. سىز ئۇنىڭ بىلەن بەلگىلىك ئارىلىقنى ساقلىغان ۋاقىتىڭىزدا، ئۇ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە ئىزدىنىش تۇيغۇسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇ سىزنى مەخپىيەتلىكى ۋە ھىكايىسى بار ئايال كىشىدەك ھىس قىلىپ، سىزگە بىر ئاماللارنى قىلىپ ئىرىشىشنى ئويلايدۇ.
   ئۇنداقتا بۇنداق ئەرلەرگە نىسبەتەن، ئايال كىشى پەقەت سۇغۇق مۇئامىلىدە بولغاندىلا، قارشى تەرەپتە ئاندىن ئۇنىڭ سىرلىق نىقابىنى ئېچىۋىتىش ئىستىكى پەيدا قىلالايدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللا قانچىكى سۇغۇق مۇئامىلىدە بولسا شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号