كەيگەن پايپىقىنى سېتىپ مىليۇن پۇل تاپقان ئايال
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5833:قېتىم كورۇلدى
   ئونۋىرسال چەتئەل تور ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، 33ياشلىق بىر چەتئەللىك ئايال، ئۆزىنىڭ كىيىپ يۇمىغان پايپىقى ۋە تەنھەركەت ئايىغىنى سېتىپ، يىللىق كىرىمىنى 100مىڭ فوندسىتىرلىڭغا(تەخمىنەن 900مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) يەتكۈزگەن. 33ياشلىق بۇ ئايالنىڭ ئىسمى روكىس.ساكىس بولۇپ، ئۇ توردا بىر تور بېتى قۇرۇپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ پۇتىغا قانچىلىك قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغان. ئويلىمىغان يەردىن، ئۇ بىر ئاي ئىچىدە 10مىڭدىن ئارتۇق مەستانىگە ئىگە بولغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشنى قارار قىلغان.
   كىيىنچە، ئۇ مەستانىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پۇتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ ئايال ئۆزىنىڭ پايپىقى ۋە ئايغىنى ئىجتىمائى ئالاقە تورىدا سېتىشقا باشلىغان؛ ئۇنىڭ قويغان باھاسى ئۇنچە ئەرزان بولمىغان، ھەربىر جۈپ پايپىقىغا 20فوندسىتىرلىڭ، ئايىغىغا 200فوندسىتىرلىڭ باھا قويغان. مۇشۇ تەرىقىدە تۆت يىل تىجارەت قىلغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سودىسى ئەڭ ياخشى بولغان ئايلىرى، بىر ئايدا 80مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تاپقان.
   روكىسىينىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا پۇتىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندىن كىيىن، ئۇ پۇتىنى ئىجتىمائى ئالاقە تورى ئارقىلىق توردا كۆرگەزمە قىلىشنى قارار قىلغان؛ ئەمما كىيىنچە ئون مىڭدىن ئارتۇق مەستانە توپلىغان ۋە ئىشلەتكەن بۇيۇملىرىنى توردا سېتىپ چىقارغاندىن كىيىن، ئاندىن بۇ جەرياندا پايدىغا ئىرىشلەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغان. دەسلىۋىدە، ئۇ توردا چىرايىنى كۆرسەتمەي، پەقەت پۇتىنىلا كۆرگەزمە قىلغان.
   ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئەڭ ئالدىراش ئۆتكەن ئايلىرىدا، بىر ئايدا 8000فوندسىتىرلىڭدىن ئارتۇق كىرىم قىلغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى كەيگەن پايپىقى ۋە ئاياغلىرىنى سېتىپ تاپقان. دەسلىۋىدە، ئۇنىڭ تىجارىتى ئىجتىمائى ئالاقە تورى بىلەنلا چەكلەنگەن؛ كىيىنچە، ئۇ رىقابەتكە ئەگىشىش ئۈچۈن، تېخىمۇ چوڭراق تەرەققىياتقا ئىرىشىش كىرەكلىكىنى ھىس قىلغان.
   ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ پۇتىنىڭ سۈرەتلىرى ۋە ۋىدىئولىرى ناھايىتى بازار تاپقان بولۇپ، بىر پارچە ۋىدىئودا، ئۇ پەقەت پۇت بارماقلىرىنى مىدىرلىتىپلا بەرسە، 100فوندسىتىرلىڭغا ئىرىشلەيدىكەن، شۇڭا ئۇ بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن پايدىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھازىر بۇنىڭغا قارىتا بولغان سەزگۈرلۈكىنى يوقىتىپ، ئۇنى بىر خىزمەت ئورنىدا كۆرگەن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号