تەبىئى ئىنسۇلىن دەپ نام ئالغان بۇ كۆكتاتنى بىلەمسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى
   دىئابىت كىسىلى، ھازىر نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەرنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كىسەللىكى بولۇپ قالدى. دىئابىت كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئادەتتە يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە كۆپرەك دىققەت قىلىپ، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە، سالامەتلىكىگە قارىتا پايدىلىق بولىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تەبىئى ئىنسۇلىن دەپ نام ئالغان بىر خىل كۆكتاتنى تۇنۇشتۇرىمىز؛ بۇ خىل كۆكتاتنى ھەر كۈنى ئازراقتىن ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، قاننىڭ قەنت مىقدارى ۋە ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەننى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.
    بىز تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇ كۆكتات، دەل سېرىق كۈدىدۇر. سېرىق كۈدىنىڭ تەمى كۈدىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئىككى خىل كۆكتاتنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئوخشىمايدۇ. سېرىق كۈدىنىڭ بىر خىل ئاچچىق تەمى بار بولۇپ، بۇ خىل ئاچچىق تەم قاننى جانلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. سېرىق كۈدىنىڭ تەركىبىدە يەنە كۆپ مىقداردا ۋىيتامىن ۋە يىرىك تالا بار بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار. بۇندىن باشقا، كۈندە ئازراق سېرىق كۈدە ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، قاننىڭ قەنت مىقدارى ۋە ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى كۆرسىتەلەيدۇ.
    سېرىق كۈدىگە نىسبەتەن، ئادەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىمال ئۇسۇلى، سېرىق كۈدە تۇخۇم قورىمىسى بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە باشقا بىر سېرىق كۈدە قورىمىسى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ ئۇ بولسىمۇ، كالا گۆشى سېرىق كۈدە قورىمىسىدۇر.
   كالا گۆشىنى تېخىمۇ يۇمشاق پىشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئازراق تەييارلىق قىلىۋالىمىز. ئالدى بىلەن كالا گۆشىنى نىپىز توغراپ قاچىغا سالغاندىن كىيىن، ئۈستىگە سېرىق ھاراق، شىڭچۇۋ جىياڭيۇسى، كىراخمال قاتارلىقلارنى قوشۇپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كىيىن ئون مىنۇت قويۇپ قويىمىز. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، كالا گۆشىنى سېلىپ قورۇپ، رەڭگى ئۆزگەرگەندە سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.
    قازاندا قالغان ماينى قايتا قىزىتىپ، ئالدى بىلەن سېرىق كۈدىنىڭ يىلتىز قىسمىنى توغراپ سېلىپ قورۇيمىز؛ يىلتىز قىسمى يۇمشىغاندىن كىيىن، سېرىق كۈدىنىڭ ياپراق قىسمىنىمۇ سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن ئالدىدا مايدىن ئۆتكۈزۈپ ئېلىپ قويغان كالا گۆشىنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز؛ سېرىق كۈدە بىلەن كالا گۆشى ھەممىسى پىشقاندىن كىيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号