ئەرلەردە بۇ تۆت خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەملىك ئىپادىسى كۆرۈلسە
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6113:ئادەم ئۆگەندى
   مۇھەببەت جەريانىدا، ئىرىشىش ياكى يوقىتىشتىن ئەنسىرەش، كۈنلەش قاتارلىق بۇ خىل تۇيغۇ، پەقەت مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن بار بولىدۇ. بىر ئەركىشى سىزگە چوڭقۇر مۇھەببەت بېغىشلىغان ۋاقىتدا، ئۇلاردا تۆۋەندىكىلەرگە ئوخشاش بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەملىك ئىپادىسى كۆرىلدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى، ئۇلارنىڭ سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن، كەلگۈسى ھاياتىدا سىزنىڭ بولماي قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرگەنلىكىدىن بولىدۇ.
سىزنىڭ باشقا ئەرلەر تەرپىدىن تارتىپ ئېلىپ كىتىلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ
   ئەركىشى سىزگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىسا، سىزنى يوقىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، باشقا ئەرلەرنىڭ سىزنى تارتىپ ئېلىپ كىتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار، سىزيوق بولغان تۇرمۇشقا كۆنەلمەس بولۇپ قالغان. شۇڭا ئۇلاردا بۇ خىل ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەشتەك تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ھەمىشە ئالدىڭىزدا ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرىدۇ، سىزنى ئاچچىقلىتىپ قويۇشتىن قورقىدۇ؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ سىزنى ناھايىتى بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولۇپ، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا باشقا مۇنەۋۋەر ئەرلەرمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار سىزنى باشقىلارنىڭ تارتىۋىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
سىز ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى قايتۇرمىغان ۋاقتىڭىزدا
    سىزگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئەركىشى، ھەرۋاقىت سىزنى ئەسلەپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا سىز بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويمايدۇ؛ جىدەللىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاۋال باش ئىگىپ، خاتالىقىنى تۇنۇيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئاچچىقىڭىز يانماي ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي قويسىڭىز، ئۇ سىزگە تېلفون قىلىدۇ ياكى ئۇچۇر ئەۋەرتىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا سىز ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇرمىسىڭىز، ئۇ جىددىلىشپ، سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن  ئەنسىرەپ كىتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشى، پەقەت كۆڭلىدە سىزگە ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنىلا بىلدۈرىدۇ.
ھەرقانداق ئىشتا ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرۋالماي، سىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ قىلىدۇ
   سىزنى چوڭقۇر ياخشى كۆرگەن ئەركىشى، سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ؛ شۇڭا ئۇلار تېخىمۇ ياخشى بولۇپ ئۆزگىرىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇ سىزنى ھۆرمەت قىلىدۇ، برى ئىشلاردا ئۆزى خالىغانچە قارار چىقىرۋالمايدۇ ياكى مىنىڭ دىگىنىم ھىساپ دەپ تۇرۋالمايدۇ، ئەكسىچە سىز بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئىش كۆرىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ بارلىقىنى سەرپ قىلىپ ياخشى كۆرىدۇ.
سىز بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالسا ئاچچىقلىنىپ كىتىدۇ
  سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشىنىڭ ئەڭ بەرداشلىق بىرىپ بولالمايدىغىنى، سىزنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كىتىشىڭىز بولۇپ، ئۇ سىز بىلەن ئالاقىلىشالماي قالغان ۋاقىتتا، ئۇ ئاچچىقلىنىپ خاپا بولۇپ كىتىدۇ. ئۇنىڭدا بۇ خىل ئىپادىنىڭ كۆرىلىشى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغانلىقتىن بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ يېنىڭىزدا ھەمرا بولۇپ ئۆتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، كىيىنكى ئۆمرىدە سىزنىڭ يوق بولۇپ قېلىشىڭىزدىن قورقىدۇ.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئەرلەرنىڭ قەلبىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى

ھەقىقى مۇھەببەتنى ئېغىز ئارقىلىق ئىپادىلىمەيمىز، پەقەت ھەرىكىتىمىز ئارقىلىقلا ئاندىن مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكىمىزنى ئىپادىلى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号