توغرىسىنى ئېيتقاندا، پەقەت چايلا، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئىچىملىكى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، كالا سۈتىمۇ چايدەك ئۇنداق تارىخى ئۇزۇن ھەمدە ئەنئەنىۋى مەدىنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەمەس. دۆلىتىمىز خەلقى ئىزچىل تۈردە چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھەتتا مەخسۇس چاي مەدىنىيىتى شەكىللەنگەن. بىراق، ئادەتتە چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار، ياشقا چوڭۇپ قالغان ئالدىنقى بىر ئەۋلاد كىشىلەر بولۇپ، ھازىرقى ياشلارنىڭ ھەممىسى چاي ئىچىشنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ.
گەرچە ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا تازا ئىرىشىپ كىتەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ چاينىڭ بىز جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى ئادەتتە چاي ئىچىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئادەتتە ئۆيىدىن چوقۇم چاي ئۈزمەيدۇ. دۆلىتىمىز قەدىمقى دەۋرىدىن باشلاپ، چاي مەدەنىيىتى ناھايىتى بەك تەرەققى قىلغان بولۇپ، چاينىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ ئىنتايىن كۆپ؛ ئادەتتە كەسىپ بىلىدىغان كىشىلەر، بىر قاراپلا چاينىڭ تۈر خىلىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، بىراق بىزگە ئوخشاش كەسپ بىلمەيدىغانلار، ئادەتتە پەقەت قىزىل چاي بىلەن يىشىل چاينىلا ئايرىيالايمىز.

قىزىل ۋە يىشىل چاينى تىلغا ئالغاندا، كىشىلەردە مۇنداق بىر قاراش بار؛ ئۇ بولسىمۇ، قىزىل چاي ئىچسە ئاشقازانغا پايدىلىق، يىشىل چاي بولسا ئاشقازانغا زىيانلىق دەپ قارايدۇ. بۇ خىل قاراش زادى توغرىمۇ خاتا؟ كىشىلەرنىڭ يىشىل چاينى ئاشقازانغا زىيانلىق دەپ قارىشى، بىز ئادەتتە ئىچىدىغان يىشىل چاي ئېچىتىلمىغان چاي بولۇپ، تەركىبىدە چاي پولىفىنول دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بار؛ بۇ خىل ماددىنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينى يېغىلدۇرۇش رولى بار، شۇڭا يىشىل چاينى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىغاندا ئاشقازانغا زىيان يەتكۈزىدۇ.

قىزىل چايغا كەلسەك، كىشىلەرنىڭ قىزىل چاينى ئاشقازانغا پايدىلىق دىيىشىدىكى سەۋەپ، بىز ئىچىدىغان قىزىل چاي ئېچىتىپ بىتەرەپ قىلىنغان چاي بولۇپ، ئېچىتىش جەريانىدا چاي پولىفىنول تەركىبىنىڭ كۆپ قىسىمى خوراپ يوقايدۇ؛ شۇڭا، قىزىل چاينىڭ ئاشقازانغا زىيانلىق تەسىرى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىل چاينىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولغاچقا، ئەكسىچە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ. بىراق ئەمىلىيەت بۇنداق ئەمەس؛ بارلىق چايلارنىڭ تەركىبىدە ئازدۇر-كۆپتۇر چاي پولىفىنول تەركىبى بار بولۇپ، قىزىل چاينى ئېچىتىپ بىتەرەپ قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى چاي پولىفونول پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمەيدۇ، بەلكى يەنە بەلگىلىك مىقداردا ساقلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزىل چاي تەركىبىدە يەنە تېخى كوففىئىن ماددىسى بار بولۇپ، كۆپ ئىچىۋالساق ئاشقازىنىمىزغا ئوخشاشلا زىيان يەتكۈزىدۇ. بىراق، يىشىل چاينىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى نىسبەتەن ياخشىراق بولىدۇ.

ئەمىلىيەتتە، مەيلى قانداقلا چاي بولمىسۇن، زىيادە كۆپ ئىچىۋىلىشقا بولمايدۇ؛ بولۇپمۇ بەزى كىشىلەر چاينى قېنىق دەملەپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ ياخشى بولمىغان بىر ئادەتتۇر. ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان كىشىلەرگە قارىتا، قېنىق چاي ئىچمەسلىكى كىرەك؛ چۈنكى، قېنىق چاي تەركىبىدە، چاي ئىشقارى ۋە كوففىئىننىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، ھەمىشە قېنىق چاي ئىچكەندە، ئادەمنىڭ ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسى غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، ياللۇغلىنىش، قاناش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، نۇرغۇنلىغان ئاشقازان يارىسى بار كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىدا قېنىق چاي ئىچىدىغان ئادىتى بار ئىكەن.