ئەرلەر ئوتتۇز ياشقا كىرگۈچىمۇ قىز دوست تاپالمىسا نورمال ئەھۋالمۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5699:ئادەم ئۆگەندى
    ھازىرقى ياشلارنىڭ ئىچىدە، ئۆزى يالغۇز ئۆتۈشنى خالايدىغانلار بارغانسىرى كۆپلەپ كەتتى؛ ئىلگىرى كىشىلەر، يىگىرمە نەچچە ياشلاردىلا تويلىشىپ بالىلىق بولۇپ، ئوتتۇز ياشقا يەتكەندە بولسا ھاياتلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ تۇرمۇشى مۇقىم بولۇپ بولاتتى. بىراق ھازىر، نۇرغۇن كىشىلەر 30ياشقا كىرىپ قالغان تۇرۇپمۇ تويلىشىشنى خالىماي بويتاق ئۆتىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، مىنىڭچە بويتاق ئۆتكەننىڭمۇ ھېچقانداق بىر يامىنى يوق؛ مەيلى ئايال بولسۇن ياكى ئەر كىشى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تويلىشىشنى ياكى بويتاق ئۆتۈشنى تاللاش ھوقۇقى بار. بىراق، تويلىشىشنى خالىماسلىق، مۇھەببەتلەشسە بولمايدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ؛ شۇڭا نۇرغۇن ئوغۇللار، مۇھەببەتلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما تويلىشىشنى خالىمايدۇ. مىنىڭچە، پەقەت ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى بۇنىڭدا بىرەر مەسىلە بار دەپ قارىمىسا، بۇ ئىنتايىن نورمال بىر ئىش.
   ئەمما كۆپچىلىك بايقىدىمۇ يوق بىلمىدىم، ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ياشقا چوڭۇپ قالغان بويتاق ئوغۇللار، تويلىشىشنى خالىمايلا قالماستىن، ئۇلار ھەتتا بىرە قېتىممۇ مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان، بەزىلىرى ھەتتا ئوتتۇز ياشتىن ئېشىپ كەتسىمۇ قىز دوست تاپالمايدۇ ياكى تاپمايدۇ. مىنىڭچە بۇ ئۇنچە بەك نورمال ئەھۋال ئەمەس.
    سىلەر بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىلەر؟ تۆۋەندە بىز، ئۈچ ئايال كىشىنىڭ ئوغۇللارنىڭ بۇ پىسخىسىكىنى قانداق ئانالىز قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
   Aخانىمنىڭ قارىشىچە، ئەرلەرنىڭ كۈرەش قىلىش قوغلىشىش خۇسۇسىيىتى بار ھەمدە ئىگىلىۋىلىش ئىستىكى بار؛ شۇڭا ئوغۇللار بەلگىلىك ياش مەزگىلىگە كىرگەندىن كىيىن، تەبىئىلا قىزلارنى قوغلىشىدۇ. بۇ بىر تەبىئى ئەھۋال.
   ئوتتۇز ياش دىمەي تۇرايلى، ئوغۇللار 17-16ياشلارغا كىرىپ فىزىلوگىيەلىك جەھەتتە يىتىلگەندىن كىيىنلا، كۆڭلى چۈشكەن قىزلارنى ئۇچراتسا ئۇلارنى قوغلىشىدۇ؛ ئەلۋەتتە، بۇ مەزگىلدىكى بالىلار ئاساسى جەھەتتىن ھەممىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇلارنى نىسبەتەن چىڭراق باشقۇرىدۇ.
   بەزىبىر قولىقى يۇمشاق بالىلار، ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئىستىكىنى يىڭىپ، يۇۋاشلىقچە دەرىسىنى ئوقۇيدۇ. مۇھەببەتلىشىش ئىشىنى بولسا بىر چەتكە قويۇپ قويىدۇ؛ ئالى مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن بولسا، ئۇلار خۇددى باغلاقتىن ئاجرىغان ئاتتەك بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ئىزدەش ھوقۇقىغا قايتا دەخلى قىلالايدىغان ئادەم بولمايدۇ.
   ئەلۋەتتە، كۆپ قىسىم ئوغۇللار، تۇلۇق ئوتتۇرا ۋاقتىدىلا چوڭلارنىڭ قارشىلىقىغا پىسەنت قىلماي، يۇشۇرنچە مۇھەببەتلىشىدۇ. بۇمۇ بىر نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا چوقۇم باشتىن ئۆتكۈزۈشكە تىگىشلىك ئىشتۇر.
   شۇڭا، 17-16ياشلىق بالىلارمۇ مۇھەببەتلەشكەن يەردە، ئەگەر بىر ئوغۇل بالا ئوتتۇز ياشقا كىرىپ قالغان تۇرۇپمۇ مۇھەببەتلىشىشنى خالىمىسا، مىنىڭچە ئۇنىڭ فىزىلوگىيلىك يىتىلىشى تۇلۇق ئەمەس، ياكى بولمىسا پىسخىكىسىدا مەسىلە بار بولىدۇ.
  Bھەدىمىزنىڭ قارىشىچە، مۇھەببەت مۇناسىۋىتىدە، ئادەتتە ئوغۇللار تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئوتتۇز ياشقا كىرگۈچىمۇ قىز دوست تاپالمىغان ئوغۇللار، بەلكىم ھەددىن زىيادە ئىچ مىجەز بولۇپ، قىزلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغلىشىشنى بىلمەسلىكى مۇمكىن.
   بۇ بەلكىم بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، دۆلىتىمىزدە مەيلى ئوغۇل بالا بولسۇن ياكى قىز بالا بولسۇن، ھەممىسىنى ئاساسەن ئانىسى بېقىپ چوڭ قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا قىزلاردا چوڭ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، بىراق ئوغۇللار ئۇزۇن مەزگىل بۇنداق مۇھىتتا ياشاپ، ئاسانلا بىر خىل جۈرئەتسىز خارەكتىر شەكىللەندۈرۈپ قالىدۇ.
   ئەرلەردە بولۇشقا تىگىشلىك ماھىيەتلىك جاسارەتنى يوقىتىپ قويغان بولغاچقا، جەمئىيەتتە ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارنى ئۇچراتسىمۇ، ئۇلارنى قوغلىشىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھەمىشە قىزلارنىڭ كىلىپ ئۆزىنى قوغلىشىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. بىراق، بۇنداق قورقۇنچاق ھەم جۈرئەتسىز ئوغۇللارنى قانداقمۇ بىرەر قىزبالا ياخشى كۆرۈپ قالسۇن دەيسىز؟ شۇڭا ئۇلار ئوتتۇز ياشقا كىرىپ قالسىمۇ قىز دوست تاپالمايدۇ.
   Cخانقىزنىڭ قارىشىچە، دۆلىتىمىزدە ھازىر بىر خىل تۈردىكى ئوغۇل بالىلار ئومۇملىشىپ، ئايرىم بىر توپنى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بىز ئادەتتە ئۇلارنى "ئانىسىنىڭ گۆھىرى بولغان ئوغۇللار" دەپ ئاتايمىز. بۇ خىل ئوغۇللار ئىزچىل تۈردە ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ۋە سايىسى ئاستىدا چوڭ بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار مەڭگۈ چوڭ بولمايدۇ.
   چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىسى ئۇلاردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرگەنلىكتىن، ئۆزىنىڭ ئاتالمىش ئانا مۇھەببىتىنى دەستەك قلىپ، ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ ئۇلارنى كونتىرول قىلىدۇ. تەدرىجى ھالدا، ئۇلارنىڭ دۇنياسىدا پەقەت ئانىسىدىن ئىبارەت بىرلا ئايال كىشى بار بولۇپ، باشقا قىزلارنى كۆرۈپ يىتەلمەيدۇ.
   ئۇلار پەقەت نەزىرىنى باشقا قىزلارغا قاراتسىلا، ئۇلارنىڭ ئانىسى ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ، پۈتكۈل دۇنيادىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقاندەك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تەدرىجى ھالدا، ئانا بالىسىدىن ئايرىلالمايدىغان، بالىمۇ ئانىسىدىن ئايرىلسا نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ.
   بۇنداق ئوغۇللار قىز دوست ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئاللبۇرۇن يوقىتىپ قويغان بولۇپ، تەدرىجى ھالدا قىزدوست ئىزدەش ئىستىكىنىمۇ يوقىتىپ قويىدۇ. ئۇلار ئىزدەشنى ئويلاشقان تەقدىردىمۇ، بۇنداق ئوغۇللار بىلەن مۇھەببەتلىشىشنى خالايدىغان قىزلار ئاساسەن چىقمايدۇ.

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا نەچچە كۈن ئۇخلىماي بەرداشلىق بىرەلەيدۇ

ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号