كالىي تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەر قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5839:قېتىم كورۇلدى
   قورامىغا يەتكەن كىشىلەر ھەر كۈنى ئاز دىگەندە 4.7گىرام كالىي ماددىسى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ھەمدە قوبۇل قىلغان ناترىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىپ، بۆرەككە تاش چۈشۈش ۋە سۆڭەك ماددىسى ئېقىپ كىتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە مۇھتاج.
    "كۈندە بىر ئالما يەپ بەرسىڭىز، كىسەللىكتىن يېراق تۇرالايسىز!"؛ يېقىندا يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقات، بۇ بىر جۈملە سۆزنى ياندىن ئىسپاتلاپ بەردى.
    ئامىرىكا جەنۇبى كالفورنىيە داشۆسى كەيكى تىببى شۆيەنىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، نۇرغۇنلىغان مىۋە-كۆكتاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كالىي تەركىبى مول بولغان يىمەكلىكلەر، بەلكىم قان بېسىمىنى چۈشۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا بولۇشى مۇمكىن.
    ئەڭ يىڭى سانلىق "ئامىرىكا فىزىلوگىيىسى" ژرونىلىدا ئېلان قىلىنغان بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى، پۈتكۈل يەرشارىدىكى بىرى مىلياردتىن ئارتۇق ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر خىل كىسەللىك ئىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يۇقىرى قان بېسىمى، %51سەكتە بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى ۋە %45يۈرەك كىسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەن. بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا، تەتقىقاتچىلار قان بېسىمى بىلەن يىمەكلىك تەركىبىدىكى كالىي ۋە ناترىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەمدە ناترى بىلەن كالى ئوتتۇرسىدىكى نىسبەت قىممەتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، ناترىي قوبۇل قىلىشنى كونتىرول قىلىش بىلەن بىرگە يىمەك-ئىچمىكى تەركىبىدە كالىي تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىمەك ئىچمەك تەركىبىدىكى كالىينىڭ مىقدارى ئاشقان ۋاقىتتا، ئادەمنىڭ بۆرىكى تېخىمۇ كۆپ تۇز ۋە سۇ ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ يەنە بىر ۋاقىتتا كالىينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئاشۇرىدىكەن؛ يۇقىرى كالىيلىق يىمەكلىكلەرنى يىيىش، سۈيدۈك ھەيدەش دورىسى ئىچكەنگە باراۋەر بولىدىكەن.
    تىببى تەتقىقات ئورنىنىڭ بەرگەن تەكلىۋىگە ئاساسلانغاندا، قورامىغا يەتكەن كىشىلەر ھەر كۈنى ئاز دىگەندە 4.7گىرام كالىي ماددىسى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ھەمدە قوبۇل قىلغان ناترىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىپ، بۆرەككە تاش چۈشۈش ۋە سۆڭەك ماددىسى ئېقىپ كىتىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە مۇھتاج ئىكەن. بىراق، تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ گەرچە ناھايىتى ياخشى بىر تەكلىپ بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى كۆپ قىسىم يىمەك ئىچمەكلەر، تۇز قوشۇپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يىمەكلىكلەردىن تەشكىل تاپقان بولغاچقا، ئادەتتىكى كۆپ قىسىم يىمەكلىكلەرنىڭ كالىي تەركىبى تۆۋەن ئىكەن. ئەگەر كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، تىپىك تىپتىكى غەرپچە يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بولسا، ئۇنداقتا ناترىي قوبۇل قىلىش مىقدارى يۇقىرى، كالىي قوبۇل قىلىش مىقدارى تۆۋەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال قان بېسىمىنىڭ يۇقىرىلاپ كىتىشىگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدىكەن.
   تەتقىقاتچىلار يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ناترىينىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئازايتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك بىر خىل ئۇسۇلى بولسىمۇ، ئەمما كالىينىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنىڭمۇ، بەلكىم يۇقىرى قان بېسىمغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەگەر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ناترىنىڭ مىقدارىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كالىينىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرغىلى بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئارقىلىق يۈرەك، نىرىپ ۋە مۇسكۇللارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号