مۇھەببەتكە قىلىنغان ساداقەتسىزلىكنىڭ بىرلا سەۋەبى بار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5700:ئادەم ئۆگەندى
   توي تۇرمۇشىدا، بىر ئادەم سىزگە ھەرقانچە ياخشى مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئەمما ئۇ سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ساداقەتسىزلىك قىلسا، ئۇنى ئاساسى جەھەتتىن بىر بىلەت ئارقىلىق ئىنكار قىلىۋىتىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى، توي تۇرمۇشىدا ئەڭ مۇھىم بولغىنى مۇھەببەتتۇر. ئەگەر ھىسياتقا بولغان ساداقەتسىزلىك كۆرۈلسىلا، ئۇنداقتا توي تۇرمۇشىدا ئېغىر دەرىجىدە كىرزىس كۆرىلىدۇ.
     قانداق ئادەم مۇھەببەتكە ساتقىنلىق قىلىدۇ، قانداق ئادەم مەڭگۈ مۇھەببىتىگە سادىق بولۇپ ئۆتىدۇ؟
    نۇرغۇن كىشىلەر بۇ سۇئالنى سورايدۇ؛ بىز ئالدى بىلەن، قانداق ئادەمنىڭ مۇھەببەتكە سادىق بولۇپ ئۆتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
    ئۇ بولسىمۇ، مۇھەببەتكە ساداقەتسىزلىك قىلىش، ئۆزىنىڭ قارىشى ۋە ئىتقادىغا خىلاپ كىلىدىغان كىشىلەر؛ بۇ خىلدىكى كىشىلەر، مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولمىسۇن، ئۇلاردا توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قاراش قىلمىشى كۆرۈلمەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە توي تۇرمۇشىغا قارىتا ھۆرمەت بار، ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىدا، توي تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلىش، بىر خىل ناچار ئىللەت، باشقىلارغا ئازاپ ئەكىلىدىغان بىر خىل قىلمىش ھىسابلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە تۈردە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان كىشىلەر، توي تۇرمۇشى ھەرقانچە ناچار بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلاردا ساداقەتسىزلىك قىلمىشى ئىنتايىنمۇ بەك ئاز كۆرىلىدۇ؛ چۈنكى، بۇ ئۇلارنىڭ ساقلايدىغان ئاخىرىقى چەك-پىرىنسىپى بولۇپ، ئەگەر بۇ چەك-پىرىنسىپنى ھالقىپ ئۆتۈپ كىتىپ قالسا، ئۇلار ئۆز-ئۆزىنى ياراتماي قالىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇھەببەتكە راستىنلا ساداقەتسىزلىك قىلمايدىغان كىشىلەر، پەقەت ئۆزىنى دەپ شۇنداق قىلىدۇ؛ ئۇلار پەقەت ئۆزىنى بۇلغاپ قويۇشنى ۋە چۈشكۈنلىشىشكە پېتىپ قېلىشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق قىلىدۇ. بۇ ئەڭ تۈپكى سەۋەپ بولۇپ، ئۇلار مۇھەببەتكە بولغان ساداقەتسىزلىكنى، بىر خىل پەسكەشلىك ۋە روھى چۈشكۈنلىشىش دەپ قارايدۇ.
    بۇ يەردە بەزىلەر بەلكىم دىيىشى مۇمكىن: ئۆزىڭىزنى بەك ئالىجاناپ چاغلىۋالماڭ، مۇھەببەتكە ساداقەتسىزلىك قىلمىغان ئۇ كىشىلەرنىڭمۇ بەك ئالىجاناپ بولۇپ كىتىشى ناتايىن؛ پەقەت ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىك قىلىش سالاھىيىتى يوق، ياكى يىتەرلىك قىزىقتۇرۇش ۋە پۇرسەتكە ئىرىشەلمىگەن بولىدۇ.
    بۇ قاراشنىڭ پەقەت يېرىمىلا توغرا ئېيتىلغان. رىئال تۇرمۇشتىكى مۇھەببەتكە ساداقەتسىزلىك قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە، بىر قىسىمى ھەقىقەتەن مۇشۇ خىل ئەھۋالغا تەۋە، ئۇلاردا ئەگەر يىتەرلىك تۈردە مەبلەغ ياكى پۇرسەت بولۇپ قالسىلا، دەرھال كۆڭۈل يۈگىنىنى قويۇۋىتىشتىن يانمايدۇ. بىراق شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، رىئال تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ مۇھەببىتىگە ساداقەتسىزلىك قىلمايدۇ. بۇ خىل گەپلەرنى قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ نىيىتى دۇرۇس بولمىغاچقا، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئالىجاناپلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. ئادەم ئۆزى شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە ئوخشاش دەپ قارىۋالماسلىقى كىرەك.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى ساداقەتسىزلىك قىلغۇچىلار بولسۇن ياكى ئۈچىنچى شەخىس بولسۇن، ئۇلارنىڭ ماھىيىتىدىكى توي مۇھەببەت قارىشى توغرا ئەمەس.
    نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەتكە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، باشقىلارنى ئازاپقا قويىدۇ، ئەمما ئۆزىنى خاتا قىلغاندە ھىس قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئۆزىنى قالتىس بىڭسىسى بار چاغلايدۇ؛ نۇرغۇنلىغان ئۈچىنچى شەخىسلەرگە ئوخشاش، ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ خىل سالاھىيىتىدىن نۇمۇس ھىس قىلمايدۇ، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ ئادىمىنى تارتىۋالالىغانلىقىدىن، ئۆزىنى ناھايىتى مۇنەۋۋەر ھىس قىلىدۇ.
    بۇ خىل قاراش، ئار-نۇمۇس دىگەننى ئاللىبۇرۇنلا بىريەرلەرگە تاشلىۋەتكەنلىك بولىدۇ.
   ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ھەرىكەت ئۆلچىمى بار، توي تۇرمۇشى، مۇھەببەت ۋە ئائىلىسىگە بولغان پوزۇتسىيىدىمۇ ھەم شۇنداق  بولىدۇ.
   ئۇنداقتا، سىز ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ساداقەتسىزلىك قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى بۇ نوقتىدىن قارشى تەرەپنى كۆزىتىپ بېقىڭ؛ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ساداقەتسىزلىكىنى بەك چوڭ ئىش بىلىپ كىتىشى ناتايىن، ئەمما سىزچۇ؟
   ئەگەر سىز، مۇھەببەت، توي تۇرمۇشى ۋە ئائىلىگە قىلىنغان ساداقەتسىزلىكنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگىنى، توي مۇھەببەت قارىشىنىڭ توغرا بولماسلىقى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلسىڭىز ياكى بۇ قاراشقا قوشۇلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئەڭ ياخشىسى ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىڭ؛ ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىرگە تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز، توي تۇرمۇشىڭىز بەخىتلىك بولالامدۇ، مۇھەببىتىڭىز بەخىتلىك بولالامدۇ؟
   ئەلۋەتتە، ئادەم بىر ھالەتتە ئۆزگەرمەي تۇرىدىغان ئەمەس. بۇنداق دىيشتە ھەممە كىشىلەرنى بىر تاياقتا ھەيدىمەكچى ئەمەس، ساداقەتسىزلىككە ئۇچرىغان توي تۇرمۇشىنىڭ ھەممىسىگە ئۈلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىشمۇ ئەمەس؛ بىز پەقەت، توي تۇرمۇشى ئىچىدىكى ئىككى تەرەپكە، ئەگەر بەخىتلىك بولىمەن دەپ ئويلىساق، ئۇنداقتا چوقۇم قاراشنى توغرىلاش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى.
    ئادەمنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس، مۇھىمى خاتالىقىنى تۇنۇپ ئۆزگەرتىش. توي تۇرمۇشىغا ئاسىيلىق قىلىش قىلمىشى كۆرۈلگەندىن كىيىن، ئەگەر خاتالىقىنى تۇنۇپ، كىيىنكى مەزگىللەردە توي تۇرمۇشىنى ۋە مۇھەببىتىنى قەدىرلەپ ئۆتەلىسە ھەمدە بۇ مۇناسىۋەت ئىچىدىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالىسا، ئۇنداقتا بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ ئاندىن ياخشىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار بولىدۇ. ئەكسىچە، ئەگەر ساداقەتسىزلىك قىلغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۇنىيالمىسا، يەنىلا ئۆز بېشىمچە ئىش كۆرسە، ئۇنداقتا، بۇ خىل توي تۇرمۇشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ يۈرمەسلىك كىرەك.

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئادەم ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا نەچچە كۈن ئۇخلىماي بەرداشلىق بىرەلەيدۇ

ئادەم نىمە ئۈچۈن ئۇخلايدۇ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، بۇ خۇددى باتارىيەگە توك قاچىلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، بۇنىڭدا بىزن

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号