ھازىر ئاجايىپ بىر ھادىسە كۆپلەپ قالغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ھازىرقى ياشلاردا، "خىزمەتتىن قورقۇش كىسىلى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كىسەللىك پەيدا بولۇپ قالدى. ئەگەر سىزنىڭمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ بۇ خىل كىسىلىڭىز تۇتۇپ قالسا، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ھىكايىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ؛ بەلكىم سىز بۇلارنىڭ ئارىسىدىن، ئالغا ئىلگىرلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
-1-
بويتاق ئانا لى شاۋ يۈن، تاكىسى ماشىنىنىڭ كىچىلىك شوپۇرى. ئوخشىمايدىغان يىرى، لى شاۋيۈننىڭ كىچىك قىزىغا قارايدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئۇ ھەيدەيدىغان تاكسى ماشىنا، قىزىنىڭ كۆچمە بۆشىكىگە ئايلىنىپ قالغان.
ياز كىتىپ قىش كىلىپ، ئانا-بالا ئىككەيلەن، شەھەر ئىچىدە توختىماي قاتناپ تۇرغان تاكسى ماشىنا ئىچىدە مىڭ نەچچە يۈز كىچىنى ئۇيقۇسى كىچىنى ئۆتكۈزدى. ئاياللار ئەسلىدە ئاجىز كىلىدۇ، بىراق، ئانا بولسا كۈچلۈك بولىدۇ. كىچىككىنە بىر تاكسى ماشىنىغا، تۇرمۇش ۋە كەلگۈسى باغلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ ئانا چوقۇم بەك چارچاپ كەتكەنغۇ دەيمەن.
-2-
تازىلىق ئىشچىسى شيۇڭ ئۇستام خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئىھتىياتسىزلىقتىن، بىر تاكسى ماشىنىسى ئۇنىڭ پۇتىنى بېسىۋالدى.
ئۇ شوپۇر بىلەن بۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز مەست بولۇپ قالغان ئادەمدىن بىرسى چىقىپ ئۇنى ئۇرۇپ كەتتى؛ شىيۇڭ ئۇستام تاياق زەربىسىدىن جايىغىلا يېقىپ چۈشتى.
ئىككىنچى كۈچى، شىيۇڭ ئۇستام گەرچە بېشى ۋە پۇت-قوللىرى ئاغرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئىشقا چىقتى. چۈنكى ئۇنىڭ دىيىشىچە، ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس مەسئۇلىيىتى بار بولۇپ، ئۇ كىتىپ قالسا، ئەخلەتلەرنى يىغۇشتۇرىدىغان ئادەم يوق بولۇپ قالىدىكەن.
كۆز ئالدىمىزدا ھەرقانچە ئۇۋالچىلىقلار ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار بولسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماي بولمايدۇ.
-3-
بەزىدە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى ناھايىتى جاپالىق دەپ قارايسىز؛ بىراق سىزنىڭ بىلمەيدىغىنىڭىز، ھەرقايسى ساھەلەر ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭلىرىدا، ھەمىشە بەزىبىر كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى سورايدىغان ئادەم بولمايدۇ.
ئۈستى-بېشىنى چاڭ-توزان باسقان خىش يۆتكەش ئىشچىسى، بىر ئادەم ئىگىزلىكىدە تىزىلغان خىشنى دۈمچىسىگە ئارتىپ، تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن بەللىرى ئىگىلىپ كەتكەن؛
بىلىگە ئارغامچا چىگىۋالغان "ئۆمۈچۈك پالۋانلار"، ھەر ۋاقىت خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئىنچىكە ئاغامچا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ۋە ھاياتىنى باغلاپ تۇرغان بولىدۇ.
-4-
مەھسۇلاتنى تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئايىغىنى سۈرتۈپ قويۇۋاتقان مال ساتقۇچى يىگىت، ئۇنىڭ مۇشۇ دەقىقىدە كۆڭلىدە قانچىلىك خورلۇق ھىس قىلۋاتقانلىقىنى ھېچكىم ھىس قىلىپ يىتەلمەيدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر مېڭىپ ئۆتكەن ئوڭغۇل-دوڭغۇللارنى كۆرگەندىن كىيىن، مەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ خىزمىتىنىڭ جاپاسى يوق بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بىراق تۇرمۇش ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن، ھەمىشە چىشىمىزنى چىشلەپ ئالغا ئىلگىرلىمەي بولمايدۇ.
سىز ھارغىنلىق ھىس قىلىسىڭىز، باشقىلار سىزدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق چارچايدۇ؛ سىز خىزمىتىڭىزدە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك ھىس قىلىسىز، بىراق سىز شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، بۇ باشقىلار ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان بىر خىزمەت بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، يەنىلا تىرىشپ ئىشلەپ پۇل تېپىڭ؛ چۈنكى، ئادەم ئۆمرىدە پۇل ئىشلىتىدىغان يەرلەر بەك كۆپ بەك كۆپ.
-5-
ياش بىر سېستىرا، ئوتتۇرا كىچە بولغۇچە يەنىلا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلمىغان. بەلكىم مەلۇم بىر پەيتتە، ئۇنىڭمۇ سىرتتىكى دۇنيانى كۆرۈپ باققۇسى كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.

بىراق، قولىدىكى دوكلاتنى تېخى پۈتتۈرۈپ بولالمىغانلىقىنى، ئەتە يەنە نۇرغۇنلىغان بىمارلارنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئۇ يەنىلا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خىزمەتكە بىرىلىپ كەتتى.
قىزچاق، ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ ئەستايىدىل بولغان ھالىتىڭىز، راستىنلا ناھايىتى بەك گۈزەل.
بۇ دۇنيادىكى ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتى بار؛ ھەر بىر خىزمەتنىڭ كەينىدە، باشقىلار بىلمەيدىغان خاپىلىق ۋە تەسلىك بار بولىدۇ. سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدىغان يىتەرلىك ئىقتىدارىڭىز بار بولۇشتىن ئىلگىرى، سىزدە پەقەت مەسئۇلىيەت ۋە ئىتقادىڭىزنى ئېلىپ، ئالغا ئىلگىرلەشتىن باشقا ئامال يوق.
بۇنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى مەنمۇ بىلىمەن، بۇ دۇنيادا ھەقىقى تۈردە ئۆزىنى شۇ ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلايدىغانلارنىڭ بولمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن. بىراق، ئەگەر سىز دۇنيادا يەنە نۇرغۇنلىغان سىزگە ئوخشاش كەچمىشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقسىڭىز، سىز بەلكىم ياخشىراق بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. كىشىلىك ھايات شۇنداق، ئۈمىد كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرىدىغان ئەمەس، بەلكى سىز ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بىرىپ ئۆتسىڭىز، ئاندىن ئۈمىدنى كۆرەلەيسىز.
