كالا سۈتى ئىچىدىغان ۋە پۇرچاق سۈتى ئىچىدىغان ئاياللاردىكى پەرق
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 8918:ئادەم ئۆگەندى
   پۇرچاق سۈتى بىلەن كالا سۈتى، ھەر ئىككىسى ئۇزۇقلۇق تەركىبى مۇل بولغان ياخشى ئىچىملىك؛ ئۇنداقتا بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچسە، سالامەتلىككە زىيىنى بارمۇ؟ ئەمىلىيەتتە، ھەمىشە پۇرچاق سۈتى ئىچىش بىلەن ھەمىشە كالا سۈتى ئىچىشنىڭ پەرقى چوڭ بولۇپ، قانداق ئىچسەك ئەڭ ساغلام بولىدۇ، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكىلەردە بولسۇن.
ھەمىشە كالا سۈتى ئىچىدىغان ئاياللار
تىرىسى ئاق يۇمران ھەم سىيلىق كىلىدۇ، يۈزىگە داغ چۈشمەيدۇ
    كالا سۈتى تەركىبىدە ۋىيتامىن Aمول بولۇپ، تىرىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالىدۇ. كالا سۈتى تەركىبىدىكى سۈت ئاقسىلىنىڭ يەنە تېخى قارا رەڭ ماددىسىنى يوقىتىش، رەڭلىك داغلارنى سۇسلاشتۇرۇش قاتارلىق روللىرى بار.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەمىشە كالا سۈتى ئىچىدىغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىرىسى ئاق ھەم يۇمران كىلىدۇ، يۈزىدە داغ بولمايدۇ.
چېچى قۇندۇزنىڭكىدەك پاقىراق بولىدۇ
    كالا سۈتى تەركىبىدىكى مول بولغان ۋىيتامىن B2، ئادەم بەدىنىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، كالا سۈتىنى داۋاملىق ئىچىپ بەرگەندە، تىرىنى ياخشىلاپلا قالماي، چاچنىمۇ يۇمشاق ھەم پاقىراق قىلىدۇ.
بەدەن شەكلى گۈزەل كىلىدۇ
    كالا سۈتى تەركىبىدىكى ھايۋانات ئاقسىلى ۋە ياغلىرى، ئادەمنىڭ گۈزەل بەدەن شەكلىنى قۇرۇپ چىقىشتا كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبلەردۇر. شۇڭلاشقا، كالا سۈتىنى داۋاملىق ئىچىپ بىرىدىغان كىشىلەر، چوڭ بولۇشقا تىگىشلىك يىرى چوڭ، كىچىك بولۇشقا تىگىشلىك يىرى كىچىك بولغان گۈزەل بەدەن شەكلىگە ئىگە بولىدۇ.
ئاسانلىقچە كالتسىي كەملەپ كەتمەيدۇ، سۆڭىكى ياخشى بولىدۇ
   ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاياللاردا تېخىمۇ ئاسان كالتسىي كەملەپ قالىدۇ؛ بولۇپمۇ ھەيىز مەزگىلى ۋە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، كالتسىي تەركىبى زور مىقداردا ئېقىپ خوراپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار ياش ھەم چىرايلىق تۇرىمەن دىسە، چوقۇم كالتسىي تۇلۇقلىشى لازىم بولىدۇ.
    كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدە بولسا، فوسفور، كالىي، ماگنىي قاتارلىق كۆپ خىل مىنرالنى ئىلمىنتلار بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مول بولغان كالتىسىي ماددىسى، ئادەم بەدىنى تەرپىدىن ئەڭ ئاسان سۈمۈرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ كالتسىي تۇلۇقلىشىدا، كالا سۈتى ئىچىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدۇر.
پۇرچاق سۈتىنى كۆپ ئىچىدىغان ئاياللار
تېخىمۇ ئۇرۇق بولىدۇ، ئاسانلىقچە دىئابىت كىسىلى بولۇپ قالمايدۇ
   نۇرغۇن ئاياللار تاتلىق يىمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، كۈندە قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، سەمىرىپ قېلىش ۋە دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش يۇشۇرۇن خەۋپى تۇغۇلىدۇ. بىراق، پۇرچاق سۈتىنىڭ تەركىبىدە تالا ماددىسى مول بولۇپ، قەنتنىڭ نورمىدىن ئارتۇق سۈمۈرلۈشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە پۇرچاق سۈتىنى كۆپ ئىچىدىغان ئاياللار، كۈندىلىك قەنت قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلالايدىغان بولۇپ، بەدىنى ئۇرۇق تۇرىدۇ ھەمدە دىئابىتنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
سۇلۇق ئىششىق بولۇپ قالمايدۇ، ئاسانلىقچە يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىگە گىرىپتار بولمايدۇ
    پۇرچاق سۈتىنىڭ تەركىبىدە، پۇرچاق خولىستىرىن، كالىي، ماگنىي قاتارلىقلار مول بولۇپ، بۇلار، ناترىيلىق تۇزلارغا قارشى تۇرىدىغان ماددىلاردۇر. ھازىر، كىشىلەر كۈندىلىك يىمەك-ئىچمىكىدە زور مىقداردا ناترىلىق تۇز قوبۇل قىلىۋالىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە پۇت-قوللىرىنىڭ سۇلۇق ئىششىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قارىماققا سېمىز ھەم قېرى كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
    شۇڭا، پۇرچاق سۈتىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە، سۇلۇق ئىششىقنى يوقىتىپ، يۈزلىرىڭىزنى ئۇرۇق قىلىدۇ.
    بۇندىن باشقا، ناترى بولسا يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل؛ شۇڭلاشقا پۇرچاق سۈتى ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىنى ياردەملىشىپ داۋالاشقا بولىدۇ.
قېرىشنى ئاستىلىتىپ تېخىمۇ ياش كۆرسىتىدۇ
    پۇرچاق تەركىبىدە ئىزوفلاۋن مول بولۇپ، بۇ ماددا ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا ئىگە.
    بولۇپمۇ كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار، پۇرچاق سۈتىنى چوقۇم كۆپرەك ئىچىپ بىرىشى كىرەك؛ بۇنىڭدا، ئاياللىق ھورمۇنى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.
    ئادەتتە پۇرچاق سۈتىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرگەندە، تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى قالماسلىقىدىن، سۆڭەكنىڭ كالتسىي تەركىبىنىڭ ئېقىپ كىتىشىدىن، يۈرەك ئېغىش ۋە كەيپىيات ناچارلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردىن ئەنسىرمىسەكمۇ بولىدۇ.
ئاسانلىقچە قەۋزىيەت بولۇپ قالمايدۇ، قوسىقى كىچىكلەيدۇ
   فىزىلوگىيلىك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ. پۇرچاق تەركىبىدە ئۆسۈملۈك تالا ماددىسى مول بولۇپ، ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرەكسىز ھاسىلاتلارنى بەدەن سىرتىغا ھەيدەيدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، پۇرچاق سۈتى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار ئاسانلىقچە قەۋزىيەت بولۇپ قالمايدۇ، قورسىقىمۇ چىقىپ قالمايدۇ.

لى جىياچىڭنىڭ سودا ساھەسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش سىرى

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرسىدە، 70يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سودا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان لى جىياچىڭ ئەزەلدىن ئۇتتۇرۇپ باقمىغان، زىيان تارتىپ

ئاشقازان ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ناچار ئادەتلەر

ئەگەر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە ئاشقازان ئاقسىل ئىنزىمى ئاجرىتىپ چىقارغان ۋاقىتتا، ئاشقازاندا بۇلارنى نىتراللاشتۇرىدى

26جىڭ ئالتۇن ئېسىپ يۈرىدىغان باينىڭ ساختىلىقى ئاشكارىلىنىپ قالدى

بىراق، بۇ يىل 36ياشقا كىرگەن ۋىيتناملىق ئەر چىن ۋىنفۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى "جىڭ" بويىچە ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئۇ ھەركۈنى كوچىغا چىق

ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق

كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېن

بۇ كالپۇكلارنى كۆرسە ئادەمنىڭ سۆيگۈسى كىلەرمۇ ياكى يىگۈسىمۇ

سەنئەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىدىيىسىمۇ بارغانسىرى ئېچىلىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ زوقلىنىش ئۆلچىمىمۇ بۇ

ئاتمىش كىلوگىرام كىلىدىغان بۇ قىز سىز ئويلىغاندەك كۈرۈمسىز ئەمەس

بىراق، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىشنى مۇتلەقلەشتۈرۋەتكىلى بولمايدۇ؛ بوي ئېگىزلىكى 155سانتىمىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 120جىڭ كىلىدىغان گىرمان

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号