قان قويۇلۇپ قالغانلىقتىكى تۆت تۈرلۈك سىگنال
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5875:قېتىم كورۇلدى
   كىلىنكىدا، قان قۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشىنى، "يۇقىرى يېپىشقاقلىق قان سۇيۇقلۇقى كىسىلى" دەپ ئاتىلىدۇ. قان سۇيۇقلۇقىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قاننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئاق قان ھۈجەيرىسى ۋە قان پىلازمىسىنىڭ، پاتولوگىيەلىك ئەھۋال ئاستىدا، قاننىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسىگە قارىتا بەلگىلىك تەسىرى بار.
   يۇقىرى يېپىشقاقلىق قان سۇيۇقلۇقى كىسەللىكىنىڭ زىيىنى، بۇ ئارقىلىق كىلىپ چىققان يۈرەك، مىڭە، ئۆپكە، بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالارغا قان تەمىنلەش يىتىشمەسلىك بولۇ، قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكى، مىڭە تىقىلمىسى، بۆرەك زەئىپلىشىش، توسالغۇ خارەكتىرلىك ئۆپكە كىسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ ياكى ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.
قان قويۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى
 ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا باش قېيىش
    كىچىسى بىر ئاخشام دەم ئالغاندىن كىيىن، ئادەمنىڭ زىھنى تىشىپ روھى ئۇرغۇپ ئورنىدىن تۇرۇشى كىرەك. بىراق ئەگەر سىز ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندا، يەنىلا كاللىڭىز ناھايىتى ئېغىر، بېشىڭىز قېيىۋاتقاندەك بىلىنسە ۋە ئۇخلاپ قوپقاندىن كىيىنكى كاللا سەگەكلىشىش، تەپەككۇرى راۋان بولۇشتەك تۇيغۇ بولمىسا؛ ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كىيىن كاللىڭىز تەدرىجى سەگەكلىشىپ، كەچلىك تاماقتىن كىيىن، روھى ھالىتىڭىز ئەكسىچە ئەڭ ياخشى ھالەتكە يىتىپ، پۈتۈن بەدىنىڭىز كۈچكە تولۇپ كەتكەندەك ھىس قىلسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئىھتىيات قىلىشىڭىز كىرەك، بۇ بەلكىم قان قويۇلۇشنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
    قان قويۇلۇش بار كىشىلەر، ئاساسى جەھەتتىن، ئەتىگىنى روھى كەيپىياتى تۆۋەن، كەچلىرى روھى كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىلىدۇ.
چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن ئۇيقۇ تۇتۇش
    چۈشلۈك تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن، يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئارام ئالغۇسى كىلىش، بۇ نورمال ئەھۋال؛ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھەركۈنى چۈشتە يېرىم سائەت ئۇخلاپ بەرسە، ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا بولىدىكەن.
   بىراق، ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ قېلىپ، چۈشلۈكتە ئۇخلاشقا ئىمكانىيەت بولمىسا، قان قويۇلۇش كىشىلەر بۇنىڭغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. ئۇلار چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن چوقۇم ئۇخلىۋىلىشى كىرەك بولۇپ، بىردە ئۇخلىۋالغاندىن كىيىن، روھى ھالىتى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ. بولمىسا، بىر چۈشتىن كىيىن ھارغىنلىق ھىس قىلىدۇ ۋە ئۇيقۇسى تۇتۇپلا تۇرىدۇ.
    بۇ، چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن قان ئايلىنىش تىزلىشىدىغان بولغاچقا، قان قۇيۇقلۇقى يۇقىرى كىشىلەردە مىڭىگە قان تەمىنلەش يىتىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن بولىدۇ.
زوڭزايغاندا نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش
    ئاسان ھاسىرايدىغان، قان قويۇقلۇقى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا سېمىزلار كۆپ بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تۆۋەنگە زوڭزىيىشى تەس بولىدۇ؛ بەزىلەر ھەتتا، ئەسلا زوڭزىيىپ بىرەر ئىش قىلالمايدۇ ياكى زوڭزىيىپ ئىش قىلغاندا كۆكسى سىقىلىپ ۋە نەپەسلىنىشى تەسلىشىپ، ھالسىراپ كىتىدۇ.
   قان سۇيۇقلۇقى ئادەتتە، سول يۈرەك قېرىنچىسىدىن چىقىپ، ئوكسىگىن ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىلەن، ئورگانىزىم سۇيۇقلۇقىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدى ۋە مىتابولىزىم كىرەكسىز ھاسىلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىغا يىتىپ كىلىدۇ. ياكى، قان سۇييۇقلۇقى ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىدىن چىقىپ، ئۆپكىدە ئالماشتۇرۇشنى تاماملاپ، كاربون تۆت ئوكسىدنى چىقىرۋەتكەندىن كىيىن، ئاخىرىدا سول يۈرەك قېرىنچىسىغا قايتىپ كىلىدۇ.
    قان قويۇقلۇقى يۇقىرى كىشىلەر، تۆۋەنگە ئىڭىشىپ ئىش قىلغاندا، يۈرىكىگە قايتىپ كىلىدىغان قان ئازلاپ كىتىدۇ؛ بۇنىڭغا قاننىڭ زىيادە قويۇق بولۇشى قوشۇلۇپ، قان ئايلىنىشتا قان يىتىشمەسلىكنى ھەمدە ئوكسىگىن بىلەن كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ پۈتۈنلەي ئالماشتۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۆپكە ۋە مىڭە قاتارلىق مۇھىم ئەزالاردا قان يىتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش، نەپەسلىنەلمەسلىك قاتارلىق ئورگانىزىمغا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆتكۈنچى خارەكتىرلىك كۆزى تورلىشىش
    نۇرغۇن كىشىلەردە، ئادەتتە كۆرۈش قۇۋۋىتى ياخشى، ئەمما ناگاندا بىر كۆزلىرى تورلىشىپ خىرەلىشىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار بار بولۇپ، بۇ ئەھۋال ياشانغان كىشىلەردە نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك كۆرىلىدۇ.
   ياشانغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قان قويۇقلۇقى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، قان ئايلىنىش راۋان بولمايدۇ ھەمدە بەزى ئۇزۇقلۇق ماددىلار ۋە ئوكسىگىن، كۆرۈش نىرىپلىرىغا يىتەرلىك دەرىجىدە يەتكۈزلۈپ بىرىلمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، كۆرۈش نىرىپلىرى ۋە كۆرۈش پەردىسىدە ۋاقىتلىك قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ، بۇ ئەھۋال ئادەتتە تىبابەتتە، ئۆتكۈنچى خارەكتىرلىك كۆزى تورلىشىش دەپ ئاتىلىدۇ.
قان قويۇلۇش كۆرۈلسە قانداق قىلىش كىرەك؟
   ئەگەر سىزدە قان قويۇلۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولسا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، كىسەللىك ئالامەتلىرى جەزىملەشتۈرۈلگەندىن كىيىن، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاشنى قوبۇل قىلىشىڭىز ياكى كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتە مۇۋاپىق تۈردە تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىڭىز كىرەك.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号