تېتىتقۇ بىلەن توخۇ تەم جەۋھىرىنىڭ قايسىسى ياخشى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6032:قېتىم كورۇلدى
   يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى، كۆپ قىسىم كىشىلەر تېتىتقۇ ئورنىغا توخۇ تەم جەۋھىرى ئىشلىتىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى، جەمئىيەتتە، تېتىتقۇنى دائىم ئىستىمال قىلسا، چوڭ مىڭىمىزگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئادەمنىڭ نىرۋىسىغا تەسىر قىلىدىكەن، ئەقلى ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ، تېخىمۇ دۆتلىشىپ قالىدىكەن دىگەنگە ئوخشاش ئۆسەك سۆزلەر تارالغان ئىدى.
    ئۇنداقتا، تېتىتقۇنى كۆپ ئىستىمال قىلسا، راستىنلا چوڭ مىڭە ھۈجەيرىلىرىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟
   ئەمىلىيەتتە، تېتىتقۇ ناھايىتى بىخەتەر بولۇپ، چوڭ مىڭىگە زىيانلىق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى، تېتىتقۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى گلوتامىن(谷氨酸钠) بولۇپ، نۇرغۇنلىغان تەبىئى يىمەكلىكلەر تەركىبىدە بۇ خىل ماددا بار، ھەرگىز زەھەرلىك ماددا ئەمەس. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ، ئاللبۇرۇنلا تېتىتقۇنى بىخەتەر يىمەكلىك تۈرىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، خاتىرجەم ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.
    تېتىتقۇنى قىزىتىپ 120سىلتسىيە گىرادوسقا يەتكۈزگەندە، ئۇنىڭ تۈزۈلىشىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، پروگلۇتامىن(焦谷氨酸钠)شەكىللەنگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا زىيانلىق ماددىغا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ، پەقەت تەمى يوقاپلا كىتىدۇ.
   بىراق، تېتىتقۇنى كۆپ يەۋالغاندىمۇ، ئادەم بەدىنىگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. چۈنكى، تېتىتقۇ تەركبىدە ناترى ئىلمىنتى بولغاچقا، تېتىتقۇنى بەك كۆپ سېلىۋەتكەندە، ناترى قوبۇل قىلىش مىقدارى ئېشىپ كىتىپ، قان تۇمۇرلارغا يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ. ناترى ماددىسىنى بەك كۆپ قوبۇل قىلىۋەتكەندە، قان تۇمۇر ھۈجەيرىلىرىدە بېسىم پەرقى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ مىقداردىكى سۇ تەركىبلىرىنى خورىتىۋىتىدۇ، قان بېسىمنىمۇ ئۆرلىتىۋىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېتىتقۇنى يەنىلا ئازراق ئىستىمال قىلغان ياخشى.
    قورۇما قورىغان ۋاقىتتا، ئەڭ ياخشىسى قاچىغا ئۇسسۇپ ئېلىشنىڭ ئالدىدا ئاندىن تېتىتقۇ سېلىش كىرەك. بۇنىڭدا، قورىمىغا تەم كىرىشكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا، كۆپ مىقداردا سېلىۋىتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    توخۇ تەم جەۋھىرىنى تېتىتقۇنىڭ ئورنىغا ئىشلەتسەك مەسىلە كۆرۈلمەمدۇ؟
    ئەمىلىيەتتە، توخۇ تەم جەۋھىرى، دەرىجىسى يۇقىرىراق بولغان تېتىتىقۇ بولۇپ، ئاساسلىق تەركىبى تېتىتقۇ بىلەن ئوخشاش؛ تېتىتقۇغا توخۇ گۆشى پاراشوكى، تۇز، شىكەر ۋە باشقا پۇراقلىق ماتىرياللارنى قوشۇپ تەييارلانغان بولۇپ، كۆپ خىل تەملىك بولۇپ ئۆزگىرىدۇ.
    ئەگەر كۆپچىلىك ياقتۇرسا، توخۇ تەم جەۋھىرىنى تېتىتقۇ ئورنىغا ئىشلەتسەك پۈتۈنلەي بولىدۇ؛ بىراق، توخۇ تەم جەۋھىرىنىمۇ كۆپ ئىستىمال قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى، توخۇ تەم جەۋھىرىنىڭ ناترى مىقدارىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى بولۇپ، كۆپ ئىستىمال قىلىۋىلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق.
   توخۇ تەم جەۋھىرى ئادەتتىكى تىمپىراتۇرا ئاستىدا ئاسانلىقچە ئىرىمەيدۇ، 90-70سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا ئاسانلا ئىرىيدۇ، تەمىمۇ ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ؛ شۇڭا، توخۇ تەم جەۋھىرىنىمۇ ئەڭ ياخشىسى قاچىغا ئۇسۇپ ئالاي دىگەندە ئاندىن قوشۇش كىرەك.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号