چۆپ بىلەن مىفەننىڭ قايسىسى ئادەمنى بەكرەك سەمىرتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5839:قېتىم كورۇلدى
    ئاساسلىق تاماق تىلغا ئېلىنغاندا، رايونلار بويىچە نىسبەتەن چوڭ پەرق بولغىنى، دۆلىتىمىز شىمال قىسمى بىلەن جەنۇپ قىسمى؛ بىراق، پەرق بولغان تەقدىردىمۇ، دۆلىتىمىز يىمەك-ئىچمەك ئادىتىدىكى ئاساسلىق تاماق ئومۇمەن ئۈچ خىلغا، يەنى مىفەن، چۆپ ۋە موما ئۈچ خىلغا بۆلىنىدۇ. ئۇنداقتا، ياز كۈنلىرى ئۇرۇقلىماقچى بولغانلار، قايسى خىل ئاساسلىق يىمەكلىكنى تاللىشى كىرەك؟ تۆۋەندە بىز بۇلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى!
     مىفەن بىلەن چۆپنىڭ قايسىسىنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى يۇقىرى، قايسىسى ئادەمنى ئاسان سەمىرتىپ قويىدۇ؟
   چۆپ، تۇرمۇشتا بىز ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان ئاساسى يىمەكلىك؛ ئۇننىڭ سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى نىسبەتەن ياخشى بولغاچقا، سۇ تەركىبى تەبىئىلا يۇقىرى بولىدۇ. ئادەتتە چۆپىڭ سۇ تەركىبى %70ئەتراپىغا يىتىدۇ. بازاردىكى بەزى خىل چۆپلەرنىڭ سۇ تەركىبى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
    ئادەتتە، ھەر 200گىرام پىشقان چۆپنىڭ تەركىبىدە تەخمىنەن 220كىلوكالورىيە ئەتراپىدا ئىنىرگىيە بار.
   گۈرۈچنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا سۇ سۈمۈرۈش ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ، ئۇن بىلەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭمۇ تەركىبىدە %70ئەتراپىدا سۇ بولىدۇ. پىشقان گۈرۈچ تەركىبىدىكى ئىنىرگىيە مىقدارى ئۇننىڭكىدىن سەل يۇقىرى بولۇپ، ھەر 200گىرام پىشقان گۈرۈچ تەركىبىدە، 235-230كىلوكالورىيە ئىنىرگىيە بار.
    ئەگەر ئىنىرگىيە مىقدارى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇن تامىقى، ئۇرۇقلىماقچى بولغانلارغا تېخىمۇ بەكرەك ماس كىلىدۇ.
    موما بىلەن مىفەننى سېلىشتۇرساق، مومىنىڭ سۇ سۈمۈرۈش مىقدارى %43 بولۇپ، بەزىدە %50كىمۇ يىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر ئىككى يۈز گىرام موما تەركىبىدە، 230كىلو كالورىيە ئىنىرگىيە بار بولىدۇ.
   ئەگەر مىفەن بىلەن مومىنى سېلىشتۇرساق، كۆپچىلىككە مىفەن يىيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا ئۇرۇقلاشقا تېخىمۇ پايدىلىق. ئۈچ خىل ئاساسى يىمەكلىك ئىچىدىمۇ، ئۇرۇقلىماقچى بولغانلار مىفەننى تاللىسا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئىنىرگىيە تەركىبى ئەڭ تۆۋەن.
    بۇندىن باشقا، ئۇرۇقلاش مەزگىلىدە، گۈرۈچ بىلەن باشقا دانلىق زىرائەتلەر ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، ياز كۈنلىرى يىشىل پۇرچاق تامىقى يەپ بەرسىڭىز، ئىسسىقنى ھەيدەپ، قوقاقنى ھەيدەيدۇ.
   ئەگەر سىز پۇرچاق تۈردىكى يىمەكلىكەرنى يىيىشنى ياقتۇرمىسىڭىز ياكى سىزگە ماس كەلمىسە، ئۇرۇقلاش مەزگىلىدە تاتلىق ياڭيۇ، پىچەكگۈل قاتارلىقلارنى يىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كۆكتاتقا قارىغاندا، بۇلار ئاساسى تاماق بولۇشقا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇلارنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى مىفەنگە قارىغاندا يۇقىرى، ئەمما ئىنىرگىيە مىقدارى تۆۋەن بولغاچقا، بەدەن ئېغىرلىقىڭىزنى كونتىرول قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号